ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنمۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.01.16
tatar-uyghur-lager-masilisi.jpg تاتارلار قازاندا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «لاگېرلار» غا سولاش قىلمىشىنى ئەيىبلىدى. 2018-يىلى 26-دېكابىر.
idelreal.org

مەلۇمكى، ئۆتكەن يىل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بىر يىل بولدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىلىق «قانۇن لايىھەسى» قوبۇل قىلىشى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدە «قارار لايىھەسى» ماقۇللىشى، ھەرقايسى دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ھەمدە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىشى شۇنىڭ يارقىن بىر ئىسپاتىدۇر. 2020-يىلى كىرىشى بىلەن بۇ ئەھۋال يەنىمۇ داۋام قىلماقتا.

«ئازادلىق» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان ئاننا كلېۋسوۋانىڭ «شىنجاڭدىكى تەقىبلەشلەر ۋە مەركىزىي ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جىم تۇرۇۋېلىشى» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى توختىماي خەۋەر قىلماقتىكەن. مەتبۇئاتلاردا مۇشۇ كۈنگىچە قازاقىستان ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا سۈكۈت ساقلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستانغا قىلماقچى بولغان سەپىرىنىڭ كېيىنگە قالدۇرۇلغانلىقى ئاساسىي تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

مەزكۇر ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر خىل يوللار ھەم سەۋەبلەر بىلەن خىتايدىن قازاقىستانغا چىققان قازاق پۇقرالىرى خىتاينىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش» لاگېرلىرىغا سولانغان قازاق، ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىيناش، ئازابلاش، ھاقارەتلەش ئەھۋاللىرىنى مەلۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ، قازاقىستان ۋە باشقىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئۆز مەۋقەسىنى بىلدۈرمىگەن.

ماقالىدا ۋاشىنگتوندا چىقىدىغان «دىپلومات» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى پومپېيونىڭ مەركىزىي ئاسىياغا قىلىدىغان سەپىرىدىن نېمە كۈتۈشكە بولىدۇ؟» ناملىق ماقالىدىن مۇنداق نەقىل كەلتۈرۈلگەن: «مۇشۇ كەمگىچە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىن بەرسىمۇ شىنجاڭدا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ، شۇ جۈملىدىن قازاقلارنىڭ، قىرغىزلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مەجبۇرىي تۇتۇلۇشىغا كەسكىن تۈردە ياكى ئومۇمەن قارشى چىقمىدى». بۇ ماقالىدا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا بېقىندى بولغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ خىتايغا قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرەلمەي كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

«مەركىزىي ئاسىيا» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «نېمە ئۈچۈن قازاقىستاندا خىتايغا قارشىلىق كەسكىن كۈچەيدى» ناملىق ماقالىدا دېيىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى كۆپلىگەن قازاقىستانلىق پائالىيەتچىلەر ھەقىقەتەنمۇ خىتاي خەۋپىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ئۆتكەن ھەر خىل شەكىلدىكى خىتايغا قارشى نامايىشلار، يەرلىكلەر ۋە خىتاي ئىشچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار قازاقىستاندا خىتايغا قارشى ھەرىكەتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆسكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي خەۋپىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى بىرىنچىلەردىن بولۇپ ئۇيغۇرلار مەلۇم قىلىشقا باشلىغان ئىكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «سوۋېت دەۋرىدىن كېيىنكى دەسلەپكى يىللىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شىنجاڭدىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ھەققىدە سۆزلەپ، خىتايغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتىشكە تىرىشتى. ئەمما ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ دىنىي-مەدەنىي ۋە تىل يېقىنلىقىغا شىكايەت قىلىش ئۇلارغا ياردەم بەرمىدى. تونۇلغان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى يۈسۈپبەك مۇخلىسى شۇ ۋاقىتتا بۇ تارىخنىڭ داۋام قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇ چاغدا قازاقىستان گېزىتلىرى بەزەن قازاقىستان بازارلىرىدا مىڭلىغان خىتايلارنىڭ سودا قىلىۋاتقانلىقىنى يازغان بولسىمۇ، بىراق بۇ جامائەتچىلىكنى ئانچە بىئارام قىلمىغان ئىدى.»

ماقالىدا خىتايغا قارشى ھەرىكەتنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى كۆرسىتىلگەن. «سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ 2017-يىلدىن باشلاپ قازاقىستاندىكى بەزى پائالىيەتچىلەرنىڭ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، تەشكىلاتلارنىڭ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بەز-مۇنازىرىسىگە ئايلانغان جىددىي مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنمۇ؟

سىياسەتشۇناس رىسبېك سەرسېنباي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتايغا بولغان قارشىلىق كۈچەيمەكتىكەن. خىتاي ھەقىقەتەن بۇ ئەللەرگە مەبلەغ سېلىپ، ئۇلارنىڭ راۋاجلىنىشىغا ياردەملەشكەن ھالەتتە ئۇنىڭغا بولغان قارشىلىق بۇ دەرىجىدە قاتتىق بولمىغان بولاتتىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستانغا كەلگەن خىتايلارنىڭمۇ قازاقىستاننى ياخشى قىلىۋەتكىنى يوق. چۈنكى ئۇلار قايسى ئەلگە كەلسىمۇ، تازا نىيەت بىلەن كەلمەيدۇ. ئۇلار شۇ ئەللەرنىڭ ئايرىم ئەمەلدارلىرىغا پارا بېرىش ئارقىلىق كىرىۋېلىپ، ئۇ ئەلنىڭ قانۇنلىرىغا ھەرگىزمۇ رىئايە قىلمايدۇ. مەسىلەن، قازاقىستانغا ئۆسكېمېن يولىنى سېلىشقا كەلگەن خىتايلار بۇ يەردىكى قانۇنلارنى ساقلىمىغىنى ئۈچۈن، شۇنداقلا قازاقىستانلىقلارغا كۈچ كۆرسەتكىنى ئۈچۈن يەرلىك ئاھالە بىلەن توقۇنۇشتى. خىتايغا بولغان قارشىلىق بۇ يىلى كۈچەيمىسىمۇ، بىراق ھەرگىز ئازايمايدۇ. ھازىر پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى خىتاينىڭ تەقىبلەش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشى كېرەك. مەن بۇ يەردە بولۇپمۇ تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتقۇم كېلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ خىتايغا بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش لازىم، قازاقىستان شۇنىڭ ئالدىدا بولۇشى كېرەك.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى سەدىردىن ئايۇپوف ئەپەندى خىتايغا قارشىلىقنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەم دۇنيانىڭ باشقىمۇ ئەللىرىدە ھەرگىز توختىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا پەقەت بىرلىك سەپ بىلەن قارشى تۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «زىيالىيلىرىمىز ئەقىل-پاراسىتى بىلەن يېتەكچىلىك قىلسۇن، تىجارەتچىلىرىمىز شۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مال-دۇنياسىنى ئوتتۇرىغا تاشلىسۇن، ئاكتىپلىرىمىز شۇ مال-دۇنيا بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتسۇن. شۇ ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز ئازاد بولىدۇ. مۇستەقىللىق، ئازادلىق دېگەن پەتنۇسقا سېلىپ ئەكېلىدىغان بىر قېتىملىق ھۆرمەت ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇستەقىللىقنى يۇلۇپ ئېلىشىمىز لازىم.»

سىياسەتشۇناس يېۋگېنىي جوۋتىس ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەملىكەت بولۇش ئىستىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى، خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىنىڭ ھەمدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن دۇنيا سىياسىي ئويۇنچىلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقى شۇنداقلا ئاتوم بومبىسىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنكىلى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇستەقىللىق ئىنتايىن جىددىي ۋە مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ قالماقتا. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى كۆتۈرۈۋاتقان دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلار ئىنتايىن ئاز. خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئايرىم مەملىكەتلەر، تەشكىلاتلار بۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ تۇرۇۋالدى ياكى ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىمۇ مىللەتلەرگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە دۇنيا جامائەتچىلىكى دېگەندەك قارشىلىق كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاشلا ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئىگە بولۇش ھوقۇقى بار. بىراق، ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھوقۇقى كۆپلىگەن توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.»

يېۋگېنىي جاۋتىس بۇ يەردە كۆپلىگەن گېو-سىياسىي، تېررىتورىيە مەسىلىلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.