يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە مەركىزىي ئاسىيانى نېمىلەر كۈتمەكتە؟
2018.02.26

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مەركىزىي ئاسىيانىڭ يېقىنقى ئون يىل ئىچىدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. ئۇلاردا مەركىزىي ئاسىيا، شۇ جۈملىدىن سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىمۇ مۇنازىرىلەر ئورۇن ئالغان.
19-فېۋرال كۈنى قىرغىزىستاننىڭ «كاكتاكتو» ئانالىتىكىلىق تورىدا ئېلان قىلىنغان «مەركىزىي ئاسىيانى ئاچارچىلىق ۋە سۇ مەسىلىسى كۈتۈۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستاندا فرىدرىخ ئېبېرت نامىدىكى فوندنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن قازاقىستان پرېزىدېنتى كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ يېقىنقى ئون يىل ئىچىدىكى تەرەققىياتى ھەققىدە چوڭ كۆلەملىك تەتقىقاتىنى ئېلان قىلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ رايوندا مۇشۇ يىللار ئىچىدە ئىقتىسادىي چۈشكۈنلۈكلەر، ئاممىۋى كۆچۈشلەر ۋە رادىكاللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى كۈتۈلمەكتىكەن. مەشھۇر ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى فۇكۇيامىننىڭ 2016-يىلدىكى تەكىتلىشىگە قارىغاندا، مەركىزىي ئاسىيادا چوڭ ئىقتىسادىي بۇرۇلۇش يۈز بېرىدۇ.
ماقالىدە، خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بولغان ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى، خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق يوللىرى ئارقىلىق ياۋروپا بازارلىرىغا قارىتىلغان ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى لايىھەسى دائىرىسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيا، شۇ جۈملىدىن سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىغا سېلىۋاتقان كەڭ كۆلەمدىكى مەبلەغلىرىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسى ئاساسىدا ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى مەلۇم. يۇقىرىدا ئاتالغان ماقالىدە بىر نەچچە يىللار مابەينىدە بۇ رايوندا ياپونىيە ۋە ھىندىستان رولىنىڭ ئاكتىپلاشقانلىقى، بۇنىڭدىن تاشقىرى بىر قانچە ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى باشتىن كەچۈرگەن ئىراننىڭمۇ بۇ رايونغا بولغان قىزىقىشىنىڭ يېقىن ئارىدا ئۆسۈدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
«قازاقىستاننىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى فوندى» يېنىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتى ئىنستىتۇتىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتلىرى پروگراممىسىنىڭ باشلىقى رۇسلان ھېزىموف ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىر مەركىزىي ئاسىيادا ئۇنىڭ تاشقى ئويۇنچىلىرىنىڭ ئاكتىپلاشقانلىقى بايقىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ بىر نەچچە ئامىللاردا كۆرۈلمەكتىكەن.
رۇسلان ھېزىموف بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىرىنچى نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆزىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋقەسىنى ئۆزگەرتىپ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا بولغان مۇناسىۋىتىگە چوڭ دىققەت بۆلمەكتە. مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش مەۋقەلىرى ياپونىيە ۋە ھىندىستان بىلەنمۇ ساقلانماقتا. يەنى، ياپونىيە ۋە ھىندىستاننىڭمۇ بۇ رايونغا بولغان مەنپەئەتى ئۆسمەكتە. بولۇپمۇ، بۇ ھىندىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش مەسىلىسىدە يارقىن ئىپادىلەنمەكتە. ئىرانغا كەلسەك، ئۇنىڭغا ئېلان قىلىنغان خەلقئارا ئېمبارگولار ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئىرانمۇ مەركىزىي ئاسىيادىكى ۋەزىيەتكە ئاكتىپ كىرىشىشكە باشلىدى. ئەمما بۇ يەردە چوڭ مەسىلە بار. ئىراننىڭ بۇ رايوندىكى ۋەزىيەتكە قاتنىشىشى خىتاي تەرىپىدىن توختىتىلىپ تۇرماقتا. خىتاي يەنە ھىندىستاننىڭمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا قەتئىي قارشى چىقماقتا».
رۇسلان ھېزىموف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە ھىندىستان، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە ۋەكىللىرى ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پروگراممىسىغا قارشى بىر يىپەك يول لايىھىسىنى ئىشلەپ چىقىشقا كېلىشكەن. مەزكۇر ئۇچرىشىش دائىرىسىدە ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە رەھبەرلىرى ئۇچرىشىپ، بۇ مەسىلىنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلماقچى. رۇسلان ھېزىموفنىڭ قارىشىچە، باشقا چوڭ مەملىكەتلەر، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى، شۇ جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدىن بەك ئەندىشە قىلىۋاتماقتىكەن.
«مەركىزىي ئاسىيانى ئاچارچىلىق ۋە سۇ مەسىلىسى كۈتۈۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كۆلىمى، تېخنولوگىيەلىك قالاقلىقى، كونا سۈپەتسىز مەمۇرىي-باشقۇرۇش ئۇسلۇبى توسالغۇلۇق قىلماقتىكەن. بۇنىڭغا، شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش دەرىجىسىنىڭ بىر خىل ئەمەسلىكى سەۋەب بولماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە ئاساسلىقى تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن رۇسىيەگە ئىشلەش ئۈچۈن كەتكەنلەرنىڭ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىشى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا خەلقىنىڭ نوپۇسى 80-84 مىليونغىچە يېتىپ، يەر ۋە سۇ مەنبەلىرىنىڭ قىسلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، يېقىنقى ئون يىل ئىچىدە مەركىزىي ئاسىيادا ئاساسلىقى ئېكولوگىيەلىك پاجىئە يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى ئارال دېڭىزى ۋە بالقاش كۆلىنىڭ تەقدىرى بۇ رايوندىكى ھاۋانىڭ بۇزۇلۇشىغا، سۇ قىسلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. قەھرىمان غوجامبەردى باشقىمۇ خەۋپلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىككىنچى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۆزئارا ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىق. ئۈچىنچى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئاساسەن ئۆزبېكىستاندا ئاھالە نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىدىن كېلىپ چىققان ئىشسىزلىق ۋە مۇھاجىرەت مەسىلىسى. يەنە بىر خەۋپ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىتىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان چوڭ تەھدىت».
«365 ئىنفو قازاقىستان» ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن رومان ئىۋانوفنىڭ «دورا قۇتىسى: مەركىزىي ئاسىيانى نېمە كۈتۈۋاتىدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، مەركىزىي ئاسىيانىڭ قانداقتۇر بىر «خەلىپىلىككە» ئايلىنىپ كېتىش ۋە سۇ ھەم ئېنېرگىيە سەۋەبلىرى بىلەن ھەتتا قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشى تەخمىن قىلىنماقتىكەن. ئىلگىرى، مەسىلەن، بولۇپمۇ قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا رايونلىرىدا ئوق ئېتىشىشلار يۈز بېرىپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن بىر نەچچە ئادەم زەرداب چەككەن ئىدى.
قەھرىمان غوجامبەردى سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن نۆۋەتتىكى خەۋپ قاتارىدا ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتتى. ئۇ ئۈچ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكىتىنىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرىداش ئىكەنلىكىنى، ھازىر ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىزلىق بۇزۇلۇۋاتقان بىر پەيتتە بۇ يەردىكى رادىكال كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كېتىش مۇمكىنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭمۇ بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەسىر قىلىش مۇمكىنلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.