ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۆز-ئارا ئىتتىپاق تۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان خىتاي ۋە رۇسىيە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ياش دۆلەتلەرگە بولغان تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. «مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى»، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»، «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى»، «ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى» كەبى تەشكىلاتلارغا ئەزا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بارا-بارا خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي بېقىندىلىقىغا قاراپ يۈزلەندى. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رەھبەرلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئارىسىدىكى چېگرا، سۇ مەسىلىلىرى بۇنىڭغا كەڭ مۇمكىنچىلىكلەرنى بەرمىدى. يېقىندىن بۇيان ئۆزبېكىستان رەھبەرلىكى تەختىگە يېڭى پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيايېفنىڭ كېلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە بىر قەدەر يېقىنلىشىش بەلگىلىرى پەيدا بولدى. بۇ مۇناسىۋەتلەر يېقىندا قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىدە ئۆتكەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ مەسلىھەت يىغىنى جەريانىدا تېخىمۇ يارقىن كۆرۈنۈش تاپتى.

«ئازادلىق» رادىيوسى ئېلان قىلغان «مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئىچكى مەسىلىلەرنى بىرلەشكەن ھالدا ھەل قىلىش نىيىتىدە» ناملىق ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 15-مارتتا ئاستانادا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سورونباي جېيېنبېكوف، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېف، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئالى راخمون، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ۋە تۈركمەنىستان پارلامېنتىنىڭ رەھبىرى ئاكدجا نۇربېردىيېف ئۇچراشقان. مەسلىھەت يىغىنى ھارپىسىدا قازاقىستان رەھبىرى نازاربايېف قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سورونباي جېيېنبېكوف بىلەن بولغان سۆھبىتىدە: «مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈچىنچى ئادەمنى چاقىرىش ھاجەت ئەمەس، بارلىق مەسىلىلەرنى ئۆزىمىز ھەل قىلالايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇچرىشىۋاتىمىز،» دېگەن. ئەمدى ئۇ ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېف بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭ تەختكە كېلىشى بىلەن ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنىڭ ئۆتكەن يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىككى مىليارد دوللارغىچە ئۆسكەنلىكىنى، مۇنداق ئىلگىرىلەشنىڭ ئىلگىرى بولۇپ كۆرمىگەنلىكىنى، تاشكەنتنىڭ ئىككى ئوتتۇرىدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كىرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاستانادا بولغان ئۇچرىشىشتا سۇ، رايون بىخەتەرلىكى ۋە سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىملىقى، سۇ، ئېنېرگىيە، چېگرا، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى بىرلىشىپ ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن ئىدى. ئۇچرىشىش قاتناشقۇچىلىرى مەزكۇر يىغىننىڭ نورۇزغا ئوخشاش ئومۇمىي بىر بايرام ھارپىسىدا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى خەلقلىرىگە بايراملىق تەبرىك يوللىغان. قازاقىستان پرېزىدېنتى بولسا رۇسىيەدە ئۆتىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۇنىڭ ھازىرقى رەھبىرى ۋلادىمىر پۇتىنغا ئۇتۇق تىلىدى. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىغاندىن بۇيان ئالتە قېتىم ئۇچراشقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئىختىلاپلىرى سەۋەبىدىن كۆپلىگەن مەسىلىلەر چەتتە قېلىپ، بىرلىشىش مۇمكىن بولمىغان.

قازاقىستاننىڭ باش مىنىستىرىنىڭ توربېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۇرسۇلتان نازاربايېف بارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئاكتىپ ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى تەكىتلەپ، بۇ ئالاقىلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەردە ھەم «ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى» دائىرىسىدە تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىن ئىجابىي ھەل قىلىنىشىغا بار كۈچىنى سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاستانا ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىقتىسادىنى يېڭى باسقۇچلارغا كۆتۈرۈش، باھا سىياسىتىنى ياخشىلاش، ئۆز ئارا تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى يېنىكلەشتۈرۈشكە ئوخشاش مەسىلىلەر قاراپ چىقىلغان.

«ئاباي قازاقىستان» مۇستەقىل توربېتىدە ئېلان قىلىنغان نۇرگېلدى ئەبدىغەنىيۇلىنىڭ «بۇرۇلۇش: مەركىزىي ئاسىيانىڭ رەھبەرلىرى ئۆزئارا ئۇچراشتى» ناملىق ماقالىسىدە قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىس ئېدىل بايتاسوفنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى مىسال كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «تاشكەنتتە رەھبەرلىك ئالماشقاندىن كېيىن ئۆزگىرىش بولىدىغىنىنى بىلدۇق، بىراق پرېزىدېنت مىرزىيايېف قۇچىقىنى شۇنچىلىك كەڭ ئېچىپ، ھەمكارلىق كۆۋرۈكىنى ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ دەپ ھېچ كىم ئويلىمىغان. ئەمدى بۇ رايونلۇق بىرلىشىشنىڭ قانچىلىك يىراققا بېرىشىنى مۆلچەرلەش قېيىن. بىر-بىرىمىزنى سېغىنىپ قالدۇق، تىنچلىق، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزئارا پايدا تاپقىمىز كېلىدۇ. ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا كىرىشى مۇمكىن. ئەگەر كىرمەي قالسا، ئىچىدىكى چوڭى نازاربايېف يېڭى رايونلۇق لايىھە تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەركىن تەننەرخ بولمىسا، ئۇلارنىڭ ھېچ قايسىسى ئۇتۇققا يەتمەيدىغىنى ئېنىق».

ئەمدى ژۇرنالىست كاتېرىنا پۇتسنىڭ پىكرىچە، مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىسى مەركىزىي ئاسىيادا بىرلەشكەن ئېلېكتر ئەسلىھە سىستېمىسىنى قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىملەرنى داۋاملاشتۇرۇش بولماقتا. ئۇ شۇنداقلا سودا-سېتىقنى راۋاجلاندۇرۇش، سۇ مەنبەلىرىنى باشقۇرۇش، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، پۇقرالارنىڭ ئەركىن يۈرۈپ-تۇرۇشىنى تەمىنلەش ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ قارالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۆزئارا ئىتتىپاق تۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟ بۇنىڭغا رۇسىيە ۋە خىتاي قانداق قارايدۇ؟
سىياسەتشۇناس رۇسلان ھېزىموفنىڭ پىكرىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى قانداقتۇر بىر ئۆز-ئارا سىياسىي ياكى ھەربىي خاراكتېرگە ئىگە تەشكىلات قۇرۇش نىيىتىدىن يىراق ئىكەن. ئۇ بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدا پەقەت ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە، مەدەنىي جەھەتلەردە ھەمكارلىشىش بويىچە بىرلىشىش نىيىتىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئويلايمەنكى، ھازىر بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدا بىرەر ئىتتىپاق قۇرۇش ھەم بۇنىڭغا قوشنا مەملىكەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىلىق پىكىر قىلىش ئورۇنسىز».

سىياسەتشۇناس رەسۇل جۇمالىنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئەينى ۋاقىتتا «ئارال» تەشكىلاتىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات ئارال دېڭىزىنى قۇتقۇزۇش بويىچە بەزى ئىشلارنى ئېلىپ بارغان. شۇنداقلا «ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي تەشكىلاتى» مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئىشى دېگەندەك ئىلگىرى باسمىغان. چۈنكى بۇنىڭغا شۇ جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى، مەۋقەئەلىرى، مەنپەئەتلىرى سەۋەب بولغان.

رەسۇل جۇمالى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى پىكىر بىرلىكىنىڭ بولماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۆزبېكىستاننى كۆرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا سىرتقى مەملىكەتلەرنىڭمۇ تەسىرى بولدى. بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئىختىلاپلىرىنى، زىددىيەتلىرىنى، توقۇنۇشلىرىنى ساقلاپ قېلىش تەرەپدارى بولدى. رۇسىيەمۇ، خىتايمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىرلەشكىنىنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بىرلىشىش باشلانمىسىغا ئۇلار مۇمكىن بولغىنىچە توسقۇنلۇق قىلىشقا تىرىشىدۇ».

رەسۇل جۇمالى ھەم رۇسىيە، ھەم خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، گېئو-سىياسەت جەھەتلەردىن ئوتتۇرا ئاسىيانى بېقىندىلىقتا تۇتۇپ قېلىشقا تىرىشسىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرلىشىشنىڭ ھەممە ئاماللىرىنى ئىزدەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېيوفنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى پەقەت ئۆز ئىچىدىكى ئىجتىمائىي، ئادەتتىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغاندىلا، شۇنداقلا خىتاينىڭ بولۇپمۇ ئىقتىسادىي بېقىندىلىقىدىن قۇتۇلغان ۋە بۇ جەھەتتە بىرلىككە كەلگەن تەقدىردىلا سىرتقى تەسىرلەرگە، جۈملىدىن خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

غالىم ئاگېلېيوف يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەقىبلەش سىياسىتىگە قەتئىي ھالدا ئىنكاس بىلدۈرۈشكە قابىل ئەمەسلىكىنى، چۈنكى بۇنىڭغا ئۆز ئىچىدە مەۋجۇت بەزى مەسىلىلەرنىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۈچۈن ‹غەربىي خىتاي- غەربىي ياۋروپا› پروگراممىسى شۇ دەرىجىدە مۇھىمكى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرلىكىگە كۆزى يەتكەن تەقدىردە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ئوخشاش تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە بولغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن بولاتتى. ئەگەر بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقىغا قارشى بىر سەپتە تۇرىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا خىتاي بىز بىلەن ھېسابلىشاتتى. ئەڭ ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدىشى كېرەك».

غالىم ئاگېلېيوف ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز خەلقلىرىگە قانچە ئەركىنلىك بەرسە، بۇ خەلقلەرنىڭمۇ شۇ ئەركىنلىكنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىپ، شۇ مەملىكەت رەھبەرلىرىنىڭ، ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ دادىل ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتىلا خىتاينىڭ ئۇلارغا تېخىمۇ دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.