مۇتەخەسسىسلەر مەركىزىي ئاسىيانىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلدى

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى كۈندە مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا شەكىللەنگەن قىيىن بىر ۋەزىيەتتە باشقا مەملىكەتلەر قاتارىدا قازاقىستانمۇ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ جەھەتتە سابىق ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان ئالاقىلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكلىرىدە تەكىتلىمەكتە.

ئەنە شۇنداق تەتقىقاتلارنىڭ بىرى «قازاقىستان مەركىزىي ئاسىيانىڭ يېڭى گېئوسىياسىي ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلىرى سىستېمىسىدا» ناملىق ئەمگەكتۇر. كىتاب كىرىشمە قىسىم، ئۈچ باب ۋە خۇلاسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ گېئوسىياسىي ۋە رايونلۇق ساھەلەردىكى تەتقىقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «مەركىزىي ئاسىيادىكى گېئوسىياسىي ۋە رايونلۇق جەريانلار تەتقىقاتلىرىنىڭ ئىلمىي-مېتودولوگىيىلىك ئاساسلىرى» دەپ ئاتالغان بىرىنچى باب «مەركىزىي ئاسىيادىكى زامانىۋى رايونلۇق ۋە گېئوئىقتىسادىي ۋەزىيەت»، «قازاقىستاننىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى رايونلۇق ۋە گېئوسىياسىي دىنامىكىسى ۋە تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەرنىڭ بىرلىشىشى»، «مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا ۋە قازاقىستاندىكى گېئوسىياسىي مەنپەئەتلەر ۋە مىللىي تەرەققىيات» دېگەنگە ئوخشاش قىسىملاردىن، «قازاقىستان ۋە مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە گېئوسىياسىي ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر سىستېمىسىدىكى خىتاي ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ رولى» ناملىق ئىككىنچى باب «قازاقىستان ۋە خىتاي ش ئۇ ئا ر ھەمكارلىقىنىڭ سودا-ئىقتىسادىي نۇقتىئىنەزەرلىرى»، «قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھەمكارلىقىنىڭ سودا-ئىقتىسادىي نۇقتىئىنەزەر نەزەرلىرى» ئوخشاش قىسىملاردىن، ئەمدى «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭغا چېگرىداش دۆلەتلەرنىڭ ئېكولوگىيىلىك، دېموگرافىيىلىك ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۆنىلىشلىرىنى باھالاش» ناملىق ئۈچىنچى باب بولسا، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇنىڭ جاۋابكارلىقى ئاستىدىكى رايوندىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتىكى مۇمكىنچىلىكلىرى ۋە كېلەچىكى» «تاموژنا ئىتتىپاقىنىڭ ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي جەريانلارغا تەسىرى» ۋە باشقىمۇ قىسىملاردىن قۇرۇلغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تەتقىقاتنىڭ باش ئاپتورى، ئەلفارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جۇغراپىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى شېرىپجان نادىروف مەزكۇر كىتابنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنىڭ مەقسىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەملىكەتلەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشتۇرۇش. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۇزۇن تارىخىدا ھېچقاچان بىرلىك، بىر رايون بولمىغان. شۇڭلاشقا مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆز - ئارا بېرىش ‏- كېلىش ئەلۋەتتە بار، بىراق، ياۋروپا خەلقلىرى ياكى باشقا رايونلاردىكى خەلقلەردەك زىچ ئەمەس. ھازىرقى ھاياتتا ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنتايىن مەسىلىلىك رايون بولۇۋاتىدۇ، سەۋەبى مەملىكەتلەر ئارىسىدا، ھەر تۈرلۈك ئېتنىكىلىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا زىددىيەت، چۈشەنمەسلىك بولۇۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويغان مەقسەت، بۇ ئىقتىسادىي بىرلىشىش ئۈچۈن قانداق مۇمكىنچىلىكلەر بار، قانداق ياخشى ئامىللار بار ۋە قانداق قىيىنچىلىقلار بار، شۇلارنىڭ ئاساسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋەقەلەرنى، ئەھۋاللارنى ئىقتىسادىي ئانالىز ياساپ، شۇنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىش.»

ش. نادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر كىتاب ئاپتورلىرى قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ ھەجىملىك تەشكىللىنىشىنى مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ رايونلۇق ۋە گېئوسىياسىي ئۆزگىرىشلىرى، ئىسلاھاتلىرى ئاساسىدا قارايدۇ. ئۇ مەركىزىي ئاسىيانىڭ، ئېتنىكلار ئارا، سىياسىي، مەملىكەتلەر ئارا قارىمۇ-قارشىلىقلار ئوچاقلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى بىلەن دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، چېگرىلار ئارا سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا دۆلەتلىك ئۇسۇللىرىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇنىڭ ھەممىسى مەركىزىي ئاسىيا ۋەزىيىتىنى خېلى مۇرەككەپلەشتۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن مۇشۇنىڭغا قارىماي، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىجابىي ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئىككى تەرەپلىمىلىك، كۆپتەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ش. نادىروفنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەركىزىي ئاسىيا بۈگۈنكى كۈندە تاشقى كۈچلەرنىڭمۇ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ، سەۋەبى بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى مەملىكەتلەر مەركىزىي ئاسىيانى ئۆزلىرىنىڭ گېئوسىياسىي مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە پايدىلانماقتا. بۇ، ئەلۋەتتە، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنى تەشۋىشلەندۈرىدۇ.

«قازاقىستان مەركىزىي ئاسىيانىڭ يېڭى گېئوسىياسىي ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلىرى سىستېمىسىدا» ناملىق بۇ ئەمگەككە شۇنداقلا يۇرىي بۇلۇكتايېف، گۇلنارە نيۇسۇپوۋا، مەھمەت ئارسلان، رۇسلان ھېزىموف، ئايسۇلۇ كالىمۇرزىنا كەبى ئون ئىككى ئاپتور قاتناشقان. كىتاب كەڭ كۆلەمدىكى مۇتەخەسسىسلەرگە، ئالىملارغا، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا بېغىشلانغان.