ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00

يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرىنى پۈتۈن دۇنيادىن يوشۇرۇپ كەلدى. ھەتتا بۈگۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىمۇ، يەنىلا بۇ جىنايەتنى داۋاملىق يوشۇرۇشقا، جاۋابكارلىقنى بىر ئاماللار بىلەن ئۇيغۇرلارغا، خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئەيىبلىگەنلەرگە ۋە خىتايغا قارشى تۇرغانلارغا ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنماقتا.

ئۆتكەن ئايدا ب د ت جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان دوكلاتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى يەنە خەلقئارالىق قىزىق نوقتىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ قىلمىشنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بۇ قىلمىشنى توسۇشقا چاقىرغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا قاتارلىق بىر قانچە غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنىچلىق مەسىلىسىنى كېلەر يىلى 2-ئايدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا مەخسۇس مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى ئۈچۈن، ب د ت جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا بىر تەكلىپ سۇندى. مەزكۇر تەكلىپ ب د ت جەنۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 51-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇلدى. ئەمما كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، مەزكۇر تەكلىپ 17 دۆلەتنىڭ قوللىشى، خىتاي قاتارلىق 19 دۆلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى، شۇنداقلا 11 دۆلەتنىڭ ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كېچىشى بىلەن مەغلۇب بولدى. بۇ ھادىسە ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ھەرقايسى دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىمۇ قاتتىق چۆچۈتتى، ئۈمىدسىزلەندۈردى. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى قارشى ئاۋاز بەرگەن 19 دۆلەت ئىچىدىن ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ يەر ئېلىشى ئىدى. بۇنىڭدىكى مەسىلە زادى نىمە؟ نېمە ئۈچۈن قېرىنداش مىللەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا خىتاينى قوللايدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، بۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى خەلقئارا مەسىلىدۇر. يەنى خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان «خىتايچە دۇنيا تۈزۈلمىسى» نىڭ، مەۋجۇت دۇنيا تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۇرۇنۇشى تۈپەيلى يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىدۇر. بىزگە مەلۇم، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى 1991-يىلى يېمىرىلىپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى 15 ئىتتىپاقداش دۆلەت، شۇ جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەر بىراقلا مۇستەقىللىق پۇرسىتىگە ئېرىشكەنىدى. بولۇپمۇ 1990-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى كوممۇنىزم ئىتتىپاقداشلىرى بىر-بىرلەپ يېمىرىلدى. سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يېمىرىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا نۇرغۇن مىللەتلەر مۇستەقىللىققە ئېرىشتى. سابىق يۇگۇسلاۋىيە ۋە چېخ-سلوۋاكىيە قاتارلىق كوممۇنىست ئىتتىپاقداشلار بىرلىكىمۇ يېمىرىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگراسى سىرتىدىكى كونگو دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى، ئانگولا، موزامبېك، سومالى، يەمەن، ئافغانىستان، كامبودژا، شىمالىي كورىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمۇ ئالدى-كەينى بولۇپ، ماركىسىزم ۋە لېنىنىزم يولىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە غەربىي ياۋروپادىكى بۈيۈك ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، ياۋروپادىكى سولچىل سىياسىي پارتىيەلەرمۇ ئىدېئولوگىيە جەھەتتە سوتسىيال دېموكراتىيە يۆنىلىشىگە قاراپ يۈزلەندى. بۇ ۋەزىيەتتە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتوغا ئەزا بولۇشقا باشلىدى. بۇ مەزگىلدە، دېموكراتىك ئېقىم پۈتكۈل ياۋروپا مىقياسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانىدى.

دېمەك، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېمىرىلىشى خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ ئەجەللىك مەغلۇبىيىتى دەپ قارالغان بۇ دەۋرلەردە، بۇ ھادىسىنىڭ خىتايغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەسلا سەل چاغلىغىلى بولمايتتى. چۈنكى خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇب بولۇشى سەۋەبلىك مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا غەرب دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنىڭ يەر ئېلىشى، شۇنداقلا بۇ قىممەت قاراشلارنىڭ خىتايدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سورۇن ھازىرلىشىش ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق مىنۇتلاردا دېڭ شياۋپىڭنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز ياقىسى رايونلىرىغا قىلغان سەپىرى خىتاينىڭ كەلگۈسىگىلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەمدىلا مۇستەقىللىققا قەدەم قويغان ياش دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

دېڭ شياۋپىڭنىڭ جەنۇبقا قىلغان سەپىرىدە قىلغان سۆزى 6 بۆلۈم ۋە 18 تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، مەركىزىي نوقتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشىدىن تەۋرەنمەسلىككە مۇجەسسەملەنگەن. خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى دېگەنلىك، «پارتىيە ھەر ۋاقىت خەلققە رەھبەرلىك قىلىش، ئىقتىسادنىلا تەرەققىي قىلدۇرۇش، تۆت ئاساسىي پرىنسىپ (سوتسىيالىزىم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىك مۇستەبىتلىكىدە چىڭ تۇرۇش، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركىسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش) تا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا چىڭ تۇرۇش. . . . .» ۋاھاكازالاردۇر. دېڭ شياۋپىڭ شۇ قېتىملىق سۆزىدە يەنە پارتىيەنىڭ «بىرنى مەركەز قىلىش، ئىككىدە چىڭ تۇرۇش (ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا ۋە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش)» تا يۈز يىلغىچە تەۋرەنمەسلىك ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.

گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر بىلەن 1992-يىلى يانۋاردا دىپلوماتىك ئالاقە ئورناتقان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئېنىق بىر ئىستراتېگىيەگە ئىگە ئەمەس ئىدى. ئەمما دېڭ شياۋپىڭنىڭ مەزكۇر يوليورۇقىدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرگە قارىتا تۆت تۈرلۈك سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتتى. يەنى، (1) ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ، تېنچ ياشاش؛ (2) ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىي قىلىش؛ (3) ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارلاشماسلىق؛ (4) مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلار. دېمەك، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان بۇ سىياسىي ئىستراتېگىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەۋەبلىك سىياسىي داۋالغۇشقا ئۇچرىشىنىڭ يوللىرىنى پۈتۈنلەي ئېتىپ تاشلاش ھېسابلىناتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىزگىنىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىللىقنىڭ مېۋىسىنى تېتىشقا، مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىدى. گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تۈگىنىگە جايلاشقان ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بولسىمۇ، ئەمما بۇ بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتا مۇئەييەن قىيىنچىلىقلىرى بار ئىدى. چۈنكى بۇ رايونلاردا دېڭىز يوللىرى يوق بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا زور توسالغۇ مەۋجۇت ئىدى. خىتاي بىلەن ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىش خىتايغىلا ئەمەس، بەلكى بۇ دۆلەتلەرگىمۇ بەلگىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى. دەرۋەقە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە زور ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىشى، ئۆز ئارا ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق ھەمكارلىق ۋە رايون مۇقىملىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك شەرتلەر ئاستىدا، خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق باشلىنىپ كەتتى. گەرچە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز تەسىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى جىددىي شەكىلدە قۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيانى غەربنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن پۈتۈنلەي توسۇپ قويدى. چۈنكى «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنكى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر كىرگۈزۈشى خىتاينى ئەندىشىگە سالغان بولسا، ئافغانىستاندىكى تېرورلۇقنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىمۇ كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلاتتى. دەل بۇ مەزگىلدە خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» كە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئالتۇندەك پۇرسەت يارىتىلغان ئىدى. مانا بۈگۈن بۇ ھەمكارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى خىتاي بىلەن چەمبەرچاس باغلاپ، ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئوخشاشلا يوقىتىش ئوبيېكتىگە ئايلاندۇردى.

دېمەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى بىلەت تاشلىشى، دەل خىتاي بىلەن بولغان 30 يىللىق دوستلۇقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئېنىقكى، بۈگۈنكى بۇ ۋەزىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ كۈچلىنىشىگە ئەگىشىپ داۋاملىق چوڭقۇرلاشماقتا. گەرچە بۇ ھادىسە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق بىئارام قىلسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئەھۋالدا نېگىزلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى يەنىلا يەنە بىر قېتىملىق «غەرب بىلەن شەرق ئارىسدىكى كۈچ سىنىشىش» نىڭ نەتىجىسىگە باغلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ ھالدا ياكى خىتاي ئېيتقاندەك «شەرق قەد كۆتۈرۈپ، غەرب چۆكىدۇ» ۋە ياكى خىتايدا «بېرلىن تېمى ئۆرۈلۈش» ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ ھەم ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىمۇ تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ!

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.