ئۇيغۇرلار ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى رىقابىتىدە قانداق رول ئوينايدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتە ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە كۆز يۇمۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۆتكەن يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنى خاماس قوراللىق كۈچلىرى ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇشىدا ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنى قوللىدى، خىتاي بولسا خاماسنى قوللىدى ۋە زور كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئورنى ۋە تەسىرىگە چوڭ خىرىس پەيدا قىلغان بولدى. مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇرلار بۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچ تالىشىش رىقابىتىدە قانداق رول ئوينىشى مۇمكىن؟

يېقىندا ئامېرىكادىكى «تۆپىلىك» (THE Hill) گېزىتىگە چىققان بىر ماقالىدە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە كۈچىيىپ كەتكەن تەسىرىنى چەكلەشتە ئۇيغۇرلار مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئائىت خەۋەرلەرنى كۆپرەك ئېلان قىلىدىغان بۇ گېزىتنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئوتتۇرا شەرقتە ئۇتۇق قازانماقتا، ئۇيغۇرلار بۇنى توختىتىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى مۇمكىن» ناملىق بۇ ماقالىدە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاش، يەنى خىتاينىڭ ئىسلامغا بولغان دۈشمەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە داۋاملىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق، بۇ رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايغا بولغان ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈش، خىتايغا بولغان مۇھەببىتىنى ئاجىزلىتىش، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى نوپۇزى ۋە تەسىرىنى چەكلەش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسەن بىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئانچە ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۇگوسلاۋىيە ئۇرۇشىدىن بۇيان ياتلار (مۇسۇلمان ئەمەسلەر) مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكتۇر. خىتاي ھازىر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ‹گۇناھسىز مۇسۇلمانلارنى بىر تۇتاش قىرغىن قىلىۋاتىدۇ› دەپ ئەيىبلىمەكتە. ھالبۇكى، خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەخپىي قالماقتا. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھۆكۈمەتلەر خىتاي بىلەن يامانلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەرنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ، گېزىت ۋە باشقا تاراتقۇلىرىدا بۇ مەسىلىنى قەتئىي تىلغا ئالمايدۇ. ئۆتكەن يىل 6-ئايدا، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى ھەمدە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى دوكلات يالغان ئىكەن› دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشتى. شۇ ئايدا يەنە پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس بېيجىڭنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاينىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى».

ئامېرىكادىكى كاتو ئىنستىتۇتىدا ئىسلام ۋە زامانىۋىلىق تېمىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستافا ئاقيول، خىتاينىڭ بۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلام دۇنياسىغا ‹غەرب دۇنياسى مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنىدۇر؛ خىتاي بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ دوستىدۇر، ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئارىسىدا تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەتلەر قۇرۇلۇشى كېرەك› دېگەن سىگنالنى بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام دىنى ھەققىدە نېمە ئويلايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن بىلىمىز. بۇ زۇلۇم دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ كەتتى، خىتاي بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن باشقا مەسىلىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئىسلام دۇنياسىدا ئېتىبارغا ئېرىشىشكە ئۇرۇنماقتا. مۇسۇلمانلار دۇنياسى بۇنىڭغا ئالدانماسلىقى، ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاشنى تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك. ئەمما ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشنى داۋام قىلغان مۇددەتچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەشۋىقاتى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ، ئىسلام دۇنياسى غەرب دۇنياسىنىڭ قوش ئۆلچەم قوللىنىشىغا غەزەبلىنىدۇ، ئاندىن خىتاي بىلەن رۇسىيەگە يېقىنلىشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ».

«تۆپىلىك» (THE Hill) گېزىتىگە چىققان ماقالىدە يەنە، ئامېرىكانىڭ ھازىر ئەرەب ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيەنى قوللاش سەۋەبىدىن ئوتتۇرا شەرقتە ئايرىلىپ قالغان نوپۇزىنى ۋە تەسىر دائىرىسىنى خىتاينىڭ قولىدىن تارتىۋالالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئاساسلىق تاشقى كۈچ ۋە يېتەكچى دۆلەت بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ‹خىتاي› دېگەن نامنى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ نەزەرىدە ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› بىلەن ئوخشاش نام قىلىپ كۆرسىتىشى كېرەك؛ بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر پىلان تۈزۈپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى، ئوتتۇرا شەرقتىكى يەرلىك تاراتقۇلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئامېرىكانىڭ يەر شارى تاراتقۇلىرىنىڭ مەنبەسىنى كۆپەيتىشى كېرەك. ئاممىۋى دىپلوماتىيەگە مەسئۇل كىشىلەر يەرلىكتە تەسىرى بار شەخسلەر، بولۇپمۇ تور چولپانلىرىغا ئۇچۇر تەمىنلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار تارقاتقان ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى كەڭ، تەسىرى چوڭ بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرا شەرقتە قىلغان زىيارەتلىرىدە ۋە ئاشكارا نۇتۇقلىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇشى لازىم».

ئامېرىكالىق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۈچلۈك شەكىلدە دۇنياغا ئاڭلىتىش ئوتتۇرا شەرقنىڭ خىتاينى قوللىشىنى ئازايتىدۇ. ئەمما شۇنداق بولسۇن-بولمىسۇن، ئامېرىكا بۇ كۈرەشكە قاتنىشىشى كېرەك، چۈنكى بىز 1948-يىل ب د ت نىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى›گە قولغا قويغان دۆلەت. بىز ئاساسىي قانۇننىڭ 1-ماددىسىغا ئاساسەن، بارلىق كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ، خىتاينىڭ بۇ قورقۇنچلۇق جىنايىتىنى توسۇشىمىز ۋە جازالىشىمىز كېرەك».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە رادىيومىزغا يوللىغان يازمىچە ئىنكاسىدا، «ئامېرىكا ئەلۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملىق تەكىتلىشى لازىم. ئەمما ئامېرىكا غەززەدە بومباردىمان قىلىنىۋاتقان گۇناھسىز پۇقرالارنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر ئالمىسا، ئۇمۇ قۇرۇق گەپتەك ئاڭلىنىپ قالىدۇ» دەيدۇ.

ماقالىدە، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تەشۋىقات ۋە دىپلوماتىيە يولى بىلەن خىتاينىڭ تەسىرىنى ئاجىزلىتىشقا توسقۇن بولىدىغان ئىككى ئامىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ بۇنىڭ بىرى ئامېرىكانىڭ رەنجىتىپ قويۇش ئېھتىمالى بولغان ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە، يەنە بىر ئامېرىكانىڭ ئىشقا يارىماس بولۇپ قالغان ئاممىۋى دىپلوماتىيە ئورگانلىرى. تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ناتودىكى ئىتتىپاقدىشى بولسىمۇ، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشىگە قارشى چىقماقتا ئىكەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ئاممىۋى دىپلوماتىيەسى بولسا، ھازىر ئاجىز ئەھۋالدا بولۇپ، ئۇنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدىكى تەشۋىقات كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى زۆرۈر ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى يۇمشىتىپ، ئۇ جايدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش پەيدا قىلغىلى بولىدىكەن.

مۇستافا ئاق يول ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم بېرىشى ئۈچۈن پەلەستىن سىياسىتىگە قايتا قاراپ چىقىشى زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكاغا، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ‹سىلەر پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھاياتى بىلەن كارى بولمايدىغان، پەقەت ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىغا ياردەم بېرىدىغان تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشنى داۋام قىلساڭلار، ئىسلام دۇنياسىنىلا ئەمەس، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىنىمۇ قولدىن بېرىپ قويىسىلەر، بۇنى تونۇشۇڭلار كېرەك› دېيىش لازىم. ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىۋەرمەي، ئۇنى تىزگىنلىشى، توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىدىغان سىياسەت يولغا قويۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئامېرىكا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قايمۇقتۇرۇش تەشۋىقاتلىرىمۇ ئانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ».

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنى بىرىنچى بولۇپ ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.