ئوتتۇرا شەرقتىكى خىتاي تەسىرى ۋە ئېشىپ بېرىۋاتقان چەكلىمىلەر

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرققە بولغان قىزىقىشى ئالدىنقى ئەسىردىلا ئېنېرگىيە مەنبەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇنتىزىم شەكىل ئېلىپ بولغانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا سودا چەمبىرىكىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ئىقتىسادىي قۇدرەتكە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا شەرققە بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ئېشىپ ماڭدى. بولۇپمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مال ئېكسپورت قىلغۇچى ھەمدە سانائەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان نېفىتكە ئەڭ زور دەرىجىدە تايانغۇچى بولغان خىتاي ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق چوڭ بازارلاردىن بولۇش، نېفىت مەنبەسى بولۇش، شۇنىڭدەك مال ئېكسپورتىنىڭ راۋان بولۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىللاردىن بولغان دېڭىز يولى بولۇشتەك كۆپ خىل ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇھىملىق رولى خىتايغا نىسبەتەن بارغانسېرى «ئاچقۇچلۇق» دەپ تەسۋىرلىنىشكە باشلىغان ئىدى. ئەمما يېقىنقى ۋەزىيەتتە بۇنىڭغا قوشۇلغان سىياسىي ئامىللارنىڭ تەسىرى باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە بولماقتا.

ئوتتۇرا شەرقتە داۋام قىلىۋاتقان خاماس-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ روشەن كۆرسىتىپ بەرگەن ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. سىياسىي ئانالىزچى دېيل ئالۇف (Dale Aluf) نىڭ يېقىندا «دىپلومات» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرى ھەققىدە ئاساسلىقى ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى مەۋجۇت. بىر تۈركۈم كىشىلەر خىتاي تەسىرىنىڭ ئېشىپ مېڭىشىنى «ئامېرىكا تەسىرىنى ئوتتۇرا شەرقتىن سىقىپ چىقىرىش ئۇرۇنۇشى» دەپ قارىسا، يەنە بىر خىل پىكىردىكىلەر «خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرى قانچىلىك ئېشىپ مېڭىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ئوتتۇرا شەرقتە بىرەر زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمما ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە كېڭىيىۋاتقان تەسىرى نۆۋەتتە ئىقتىسادىي ساھەنى بەكرەك نىشان قىلغان.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، خىتاي نېفىت ئىمپورت قىلىشتا ھەرقانداق دۆلەتنى بېسىپ چۈشىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئىمپورت قىلىدىغان نېفىتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىدۇ. 2017-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ سودا پائالىيىتى بىر قاتلىنىپ 262 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 507 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بولۇپمۇ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا قاتناشقان ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بۇ خىل ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ دەرىجىسى ۋە سالمىقى ئېشىپ ماڭغان.

ۋاشىنگتوندىكى داڭلىق ئاقىللار مەركىزىدىن بىرى بولغان «سىتىمسون مەركىزى» (Stimson) خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى يۇن سۇن خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى غايەت زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۇلارنىڭ «مەيدانى مۇستەھكەم» ھالدا پەلەستىننى قوللىشىنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئەرەب دۇنياسىنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، شۇنىڭدەك «ئامېرىكا ھامىيلىقىدىكى دۆلەت» دەپ قارىلىدىغان ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇشىنى بەلگىلىگەن.

«بۇنىڭدا شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي ئىزچىل تەرەپ تۇتۇپ كەلگەن. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئېنىق بىلدۈرۈپ كەلگەن. ئوتتۇرا شەرقتىكى زور كۈچلەر رىقابىتىدە خىتاي ئاساسلىقى ئىقتىسادىي ساھەنى سەھنە قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ساقچىسى بولۇپ كەلگەنلىكتىن بۇ ئىككى زور كۈچ ئوتتۇرا شەرقتە ئۆز رولىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئويناۋاتىدۇ. خىتايمۇ بۇ نۇقتىنى ياخشى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە رىقابەتلىشىشنىڭ ئورنىغا ئوتتۇرا شەرقتە ئىقتىسادىي كوزىرنى ئويناۋاتىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىتنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى خىتاي، مۇنداقچە ئېيتقاندا خىتاي بۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ مال سېتىۋالغۇچى. بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ مەۋقەسى ئۆزگەرمەيدۇ. ئەمما خىتاي ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئېلىشنى ئىستىمەيدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق قىلغۇدەك قۇدرەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. »

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ئۆتكەن 10 يىلدا ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىش ياسىغان. خىتاي ئىلگىرى ئوتتۇرا شەرقتە «يۇمشاق كۈچ» سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلگەن بولسا يېقىنقى مەزگىللەردە بۇنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ باشقىچە يول تۇتۇشقا باشلىغان.

سىياسىي ئانالىزچى جون ئالتېرمەن (Jon B. Alterman) ئۆزىنىڭ «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە يۈزلەنگەندە خىتاي تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىدىغان ئېنېرگىيە يولىنىڭ كېسىلىپ كېتىشىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلغان. چۈنكى بۇ يول بەكلا «يالىڭاچ» بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتە يېرىم ئەسىر «بىخەتەرلىك ساقچىسى» بولۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئۈچۈن بۇ يولنى كېسىۋېتىش ئويۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا بۇ يول كېسىپ تاشلانسا خىتاي ئۈچۈن بەكمۇ ئەجەللىك ئىقتىسادىي زەربە بولىدۇ. ئەمما ئامېرىكا بۇنداق قىلمايلا قالماستىن يەنە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى «بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا ئېلىپ كىرىشىگە سۈكۈت قىلغان. خىتاي بولسا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۆزىنىڭ «ئازاد قىلغۇچى» ئوبرازىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە «ئامېرىكا دۈشمەنلىكى» ئەۋج ئالغان رايوندا ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى «دەردكە دەرمان بولغۇچى» كۈچ ئىكەنلىكىنى جانلىق نامايان قىلغان. گەرچە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا خىتاينىڭ ئەمەلىي ھەربىي كۈچى مەۋجۇت بولمىسىمۇ ئەمما ئۇلار ئامېرىكا ساقلاپ بېرىۋاتقان ئوتتۇرا شەرقتىكى تىنچلىق ۋەزىيىتىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، نۆۋەتتە بۇ رايوندىكى ئىككى زور تاشقى كۈچنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.

دېيىل ئالۇفنىڭ قارىشىچە، غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ ماڭغانسېرى ئوتتۇرا شەرقنىڭ خىتاي ئۈچۈن مۇھىم بولۇشى شۇنچە روشەنلىشىپ ماڭغان. بولۇپمۇ خىتايغا نىسبەتەن غەربنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىۋاتقاندا ئوتتۇرا شەرق رايونى خىتاينىڭ تۈرلۈك تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ۋە «ئەقلىي شەھەر بەرپا قىلىش» قۇرۇلۇشلىرىغا ئۆز ئىشىكلىرىنى داغدام ئېچىۋەتكەن. يەنە كېلىپ غەرب دۇنياسى خىتايدىن ئۆز مەبلەغلىرىنى چېكىندۈرۈۋاتقاندا ئوتتۇرا شەرق ئۆزلىرى توپلىغان غايەت زور مالىيە كۈچىنىڭ يېڭىدىن مالىيە كاپىتالى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن خىتاينىڭمۇ پايدىلىنىش ئىمكانى بارلىقىنى جاكارلىغان. شۇڭا دېيىل ئالۇف مۇشۇ خىل ھالەتنى «خىتاي ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە گۈر-گۈر توۋلاپ يۈرگەن بىلەن ئۇلارنىڭ قولىدىكى كالتەك ئاۋازغا تۇشلۇق چوڭ ئەمەس» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.

يۇن سۇن خانىمنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ زور توقۇنۇش بولۇشتىن ساقلىنىش ھەققىدە سۆز قىلىشىدىكى مەقسەت دەل مۇشۇ خىل «مەنپەئەت تەخسىسى» نىڭ چېقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر. شۇڭا خىتاينىڭ بۇنچە كۈچلۈك مەنپەئەت تەسىرى بولغان ئەھۋالدا بۇ جايدا ئالدىراپ بىرەر زور توقۇنۇش بولماسلىقى مۇمكىن.

«مېنىڭچە خىتاي بۇ جايدا ئۇرۇش ياكى باشقا خىل توقۇنۇشنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى بۇ جايدىكى ھەرقانداق توقۇنۇش ئۇلارنىڭ نېفىت ئىمپورتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جايغا مەبلەغ سېلىشتا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىمۇ ئۇلار سورىغان نەرسىنىڭ ھەممىسىنىلا بەرگىنى يوق. بۇ خىل ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتتە قارىماققا توقۇنۇش بولىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، خىتاي بۇنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. شۇڭا بۇ جايدا جىددىيلىك ئەندىشىلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ ئەمما بۇ رېئاللىقتا ئۆز ئىپادىسىنى نامايان قىلغىنى يوق.»

دەرۋەقە خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ خىل تەسىر كېڭەيتىش ھەرىكىتى ئامېرىكا تەسىرىنى بېسىپ چۈشكۈدەك قۇدرەت ھاسىل قىلالمىسىمۇ ئەمما باشقا تەسىرلەرنى زور دەرىجىدە چەكلەشكە تامامەن قادىر بولالىغان. بولۇپمۇ قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بۇ خىل مۇناسىۋەتلەر تورىدا ئەڭ زور قۇربانلىققا ئايلىنىپ قالغان. جۈملىدىن خىتاي بىلەن بولىدىغان غايەت زور ئىقتىسادىي مۇئامىلە تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى ناھايىتى ئاسانلا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئۈچۈن «ئىككىلەمچى مەسىلە» بولۇپ قالغان. ئەمما ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ قارىشىچە، گەرچە ھازىر ئوتتۇرا شەرقتىكى خىتاي تەسىرىنى چەكلەش مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ھېچقانداق ئەمەلىي ئىمكانىيەت بولمىسىمۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى پائالىيەتلىرى جەزمەن داۋام قىلىشى كېرەك.

ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىردەك قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئامېرىكا تەسىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغۇدەك ئەمىلى قۇدرەتكە ئىگە بولماسلىقى ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە بۇنداق بىر ئىنتىلىشتە بولمايدىغانلىقىنىڭ كاپالىتى ئەمەس. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ سودا، ئۇل مۇئەسسەسە ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقتە ھۆكۈمران تەسىرگە ئايلىنىش ئارزۇسى ئىزچىل داۋام قىلىدۇ. شۇڭا سىياسەت ساھەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى خىتاي تەسىرىنى ھەرقاچان نەزەردە تۇتۇشى بەكمۇ مۇھىم.