ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق نەمۇنىلىرىدىن بىرى يىتۈك ئالىم، ئەدىب ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» ناملىق رومانى يېقىندا ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
مەزكۇر روماننى ئاتاقلىق ئۇيغۇر تىلى تەرجىمانى رېئىكو ھاگىتا خانىم ئۇيغۇر تىلىدىن بىۋاسىتە ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
ئەدەبىي تەرجىمان رېئىكو ھاگىتا خانىم ئىلگىرى ئەدىب ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق رومانىنى ۋە شۇنداقلا «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» نى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
«ئويغانغان زېمىن» رومانى 1989-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، روماندا ئاساسلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى تەسۋىرلەنگەن. مەزكۇر رومان ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، 2002-يىلىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى ئەسەرنى قايتا نەشر قىلىنمايدىغان كىتابلار قاتارىغا كىرگۈزگەن.
مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق رومانى ياپونىيەدە 2009-يىلى ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. مەرھۇم شائىر،يازغۇچى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر 1923-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ، 1995-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇت بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.