ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتلىقىغا شاۋكەت مىرزىيېيېف سايلانغاندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ بولۇپمۇ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق يۆنىلىشتە داۋام قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەر خىل مەزمۇندا قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئەمدى 24-دېكابىردا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېفنىڭ ئۆزبېكىستانغا قىلغان ئىش سەپىرى قانداق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئۆزبېكىستاننىڭ «سپۇتنىك» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 23-دېكابىردىكى مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۆزبېكىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى راۋشان نازاروف بۇ سەپەرنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىدىغان چوڭ بۇرۇلۇش دەپ قارىسا، قىرغىزىستاننىڭ «قىر تاگ» ئاگېنتلىقى سىياسەتشۇناس ئېمىل جۇرايېفنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلىنىپ، قىرغىزىستاننىڭ بۇ سەپەردىن ئىككى ئارىدىكى چېگرا مەسىلىلىرىنىڭ ئىجابىي ھەل قىلىنىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ھازىرقى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيېيېفنىڭ سايلام ئالدىدىكى نۇتقىغا تايىنىپ، ئۆزبېكىستاندا بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ ئىقتىسادىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە بازار، يەنى نەرق ئىقتىسادىغا كۆچۈشتە ئەڭ ئارقىدا قالغان دۆلەت. مۇشۇ يۆنىلىشتە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۆزبېكىستان قوشنىلار بىلەن ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىشقا بەلگە بەردى. ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئۆز-ئارا سودا-سېتىقنى مۇشۇ بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئىككى-ئۈچ ھەسسە كۆپەيتىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۆزبېكىستاننىڭ ھۆكۈمەت رەئىسىنىڭ مۇئاۋىنى تاجىكىستانغا مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بارىدۇ. ئۇ يەردىمۇ ئىقتىسادىي مەسىلە ۋە ئۆز-ئارا دۆلەت مۇناسىۋىتى قارالماقچى».
ق. غوجامبەردى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرىمۇ ياخشى مۇناسىۋەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەنىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلار ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا لىدېرلىقنى تالىشىش ئىشلىرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى ئارقىدا قالغانلىقتىن، بۇ مەسىلىدە ئۆز مەۋقەسىنى يېتەرلىك كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆزبېكىستاننىڭ بارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىروۋ نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف ئاخىرقى ئۈچ ئاي ئىچىدە قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ئالىدىغان بولساق، ئۆزبېكىستان قازاقىستانسىز دۇنياۋى ئىقتىسادىي باغلىنىشى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. ئۆزبېكىستان 70-80 پىرسەنت ئىقتىسادى پايدىسىنى شۇ قازاقىستان زېمىنى ئارقىلىق ئۆتكۈزىدۇ. ئىككىنچىدىن، سۇ مەنبەلىرى. ئۈچىنچى مەسىلە، قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان بىر-بىرىنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرىدىن پايدىلانماي، ھەر ئىككىسى زىيان تارتتى. مېنىڭ پىكرىمچە، كېلەچەكتە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولىدىغىنىغا كۆزۈم يېتىدۇ».
ش. نادىروفنىڭ پىكرىچە، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، سودا-سېتىق، مەدەنىي ئالاقىلەر تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، ئۆز-ئارا بېرىپ-كېلىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەشمۇ يېنىكلەنمەكچى.
مەلۇمكى، ئۆزبېكىستاندا ياشاۋاتقان مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلارمۇ بولۇپ، ئۇلار، ئاخىرقى، يەنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى رەسمىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 30 مىڭدىن ئاشىدۇ. سىياسەتشۇناس ق. غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، 50-يىللىرىغىچە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي مەركىزى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر فاكۇلتېتى مەۋجۇت بولغان، ئۇيغۇر تىلىدا گېزىت-ژۇرناللار، كىتابلار نەشر قىلىنىپ تۇرغان ئىدى. ق. غوجامبەردى قازاقىستاننىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئالىي ۋە ئوتتۇرا-كەسپىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا بىلىم تەھسىل قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، مۇنداق دېدى: «مىڭ ئەپسۇسكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي مائارىپى قالمىدى. كېيىنكى 15-20 يىل ئىچىدە مۇشۇنداق چۈشكۈنلۈك يۈز بەردى. ئۇيغۇرلارغا ئۆز كىملىكىنى ساقلاش يۆنىلىشىدە ئىمكان ئېچىلىدۇ. ئامما مائارىپ ۋە مەدەنىيەتتە مىللىي مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس قانۇنلار بولۇشى كېرەك. بۇلار قوبۇل قىلىنسا ياخشى بولىدۇ. ئىككىنچى، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاكتىپ پائالىيىتىگە باغلىق».
ق. غوجامبەردى بۇ مەسىلىدە بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا گېزىت-ژۇرنال، كىتاب نەشر قىلىش، ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىنى، ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىئو ئاڭلىتىشلىرىنى تىكلەش ئوخشاش ئىشلاردا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق ماھمۇدوف يۇقىرىدا ئاتالغان رادىيودا 1974-يىلدىن 1980-يىلغىچە ئىشلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ باشلىقىمىز رادىيو كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىنى خېلەم خۇدابەردىيېف، بىزنىڭ رېداكسىيەنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ياقۇپوف ئىدى. ئۇنىڭ قېشىدا ئۇيغۇر ئانسامبىلى بار ئىدى. ھازىر رادىيو يوق، ئانسامبىل بولسا، تارقاپ كەتتى. ئۇ يەردە يازغۇچىلاردىن سېيىتجان سېيىتىشېف، يەھيا تاھىروف، ھېسامىدىن ئىسلاموف ۋە باشقىلار بار ئىدى».
پەرغانە ئۇچۇر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەزى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شاۋكەت مىرزىيېيىفتىن ئىسلام كەرىموف دەۋرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەگە خىلاپ سىياسىي يۆنىلىشتىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلماقتا. يېقىندا، شتابى نيۇيوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيېيىفنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرنى ئازاد قىلىشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى، دىنىي ئەركىنلىك، مەتبۇئات ۋە سۆز ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى ۋە باشقىلارنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ئەمما ھازىرغىچە مىرزايېف ئۆزىنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان ياكى بارمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قەھرىمان خوجامبەردى ۋە باشقىلار پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيىيېفنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېچىلىۋاتقان تۈرلۈك سىياسىي، ئاممىۋى يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ۋە باشقا كىشىلىك ھەم مىللىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش پائالىيەتلىرىگە يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.