خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى پاكىستان زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ زىيارەتنىڭ تۇنجى كۈنى پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف بىلەن 51 خىل كېلىشىم ئىمزالاپ، پاكىستانغا 46 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە قىلدى.
بۇ مەبلەغنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قەشقەر-گۋادار ئوتتۇرىسىدىكى پاكىستان-خىتاي سودا كارىدورىنىڭ ئاساسى ئەسلىھەلىرىنى ياساشقا سەرپ قىلىنىدۇ. بۇ، پاكىستان ھازىرغا قەدەر ئېرىشكەن سوممىسى ئەڭ زور كۆلەملىك چەتئەل مەبلىغى. خىتاي قانداق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، پاكىستانغا بۇ مەبلەغنى سېلىشقا تەۋەككۈل قىلىۋاتىدۇ؟
تۈركىيە ئىستراتىگىيەلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى، تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي، بۇ رايونغا بۇنچىلىك زور مەبلەغ سېلىش خەتەرلىك بولسىمۇ، بىراق بۇ تەۋەككۈلچىلىكنى قىلىشقا مەجبۇر.
لېكىن ئەركىن ئەكرەم، بۇ ھەمكارلىق ئۇيغۇرلارغا داۋاملىق بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.