يېقىندا ئىككى خىتاي پۇقراسى خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى ئۈستىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولغان بالۇچىستاندا قاچۇرۇلۇپ، ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ رايونلاردىكى خىتاي مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى مۇنازىرە قوزغىدى. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى ئۆتىدىغان رايونلارنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، خىتاي ئۇچرايدىغان رىقابەتنىڭ پەقەت خەۋپسىزلىك رىقابىتى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئىستراتېگىيە قارمىقىدىكى «پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورى» غا جەمئىي 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئىقتىسادى كارىدور قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سالغان بۇنداق زور رەقىمى دىققەت قوزغاش بىلەن بىرگە، كۆزەتكۈچىلەردە مۇلاھىزە قوزغىغان. ئۇلار، پاكىستاندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» قۇرۇلۇشىغا زور توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان.
ئالدىنقى ھەپتە ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ مانا بۇ ئىقتىسادى كارىدوردىكى مۇھىم ئورۇنلارنىڭ بىرى بالۇچىستاندا نامەلۇم قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن قاچۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە كېيىن ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىشى بىلەن مۇنازىرىلەر يەنىمۇ كۆپەيدى.
بۈگۈن ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلارك س ن ن تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ھازىرغىچە دۇنيا بىلەن بولغان تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىدە «بىتەرەپلىك» پوزىتسىيىسى بىلەن ياكى ھېچكىمگە يامان بولماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى قىلىدىغان پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ بۇنداق پاسسىپ بولۇۋېلىش ئۇسۇلىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە يېقىندا ئىككى خىتاي پۇقراسىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى بۇنىڭ بىر بېشارىتى، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ماقالىسىدە، ھازىرغىچە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بىر قانچە خىتايلارنى ۋە شۇنداقلا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ بەرگەن باياناتلىرىنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادى كارىدورى» ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈكلۈكىنى بايان قىلغان.
ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدىكى پامونا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور درۇ گلەدنېي بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇ ئىقتىسادى كارىدورنى كۈتۈپ تۇرغان باشقا رىقابەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى : «بىر يول، بىر بەلۋاغ ئىستراتېگىيىسى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلۇشلارنىڭ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقىغا، ئۇنىڭ شى جىنپىڭ ئەگەر تەختتىن چۈشكەن تەقدىردىمۇ ھېچقانداق كاشىلىغا ئۇچرىماي داۋام قىلىدىغانلىقىغا قارىتا بەزى سوئاللار بار. بۇ ئىستراتېگىيە پۈتۈنلەي شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى مەبلەغ چىقىرىپ ئەپ بېرىۋاتقان بىر قۇرۇلۇش. شۇڭا خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا ئەگەر بىرەر ئۆزگىرىش چىقىپ قالسا بۇ قۇرۇلۇشقا نېمە بولىدۇ ؟ شۇڭا نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار ئالدىراپ بۇ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشنى خالىمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ رايوندىكى نوپۇس قاتلىمى مۇرەككەپ. بۇ رايوندا ئەسلىدە نۇرغۇن شىئەلەر ياشايدۇ. ئۇلار، ئەگەر پاكىستان بۇ يەرگە كەلسە، بۇ يەرگە ۋاھابىيلار يېغىپ كېتىپ، سۈنئىي-شىئە زىددىيىتى كۈچىيىپ كېتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئىشنىڭ چاتاق يېرى، خىتاي بۇنىڭغا ئوخشاش دىنىي ۋە مىللىي مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا ئىنتايىن خام. بۇنى ئۇنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە ۋە فالۇنگۇڭ قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىدىنلا كۆرۈۋالالايمىز. جۈملىدىن خىتاي دىنىي ۋە ئېتنىك زىددىيەتلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدۇ. يەنى گەپنىڭ قىسقىسى بۇ يەر خۇددى قالايمىقان مەھەللىلەرگە ئوخشايدۇ.»
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورى» ئۈستىدىكى كەشمىر ۋە بالۇچىستان رايونىدىكى زىددىيەتلەرمۇ بۇ بۇ كارىدورغا توسالغۇ شەكىللەندۈرىدىكەن.
مايكىل كلارك ئەپەندى س ن ن تېلېۋىزىيەسىدىكى ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي مەبلىغىنى زورايتىپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغانسېرى، ئۇنىڭ قارشىسىغا چىقىدىغان رىقابەتلەرمۇ ئوخشاشلا زورىيىپ ماڭىدۇ. بۇلار ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا ئوخشاش دۆلەت ھالقىغان ئاكتورلار، پاكىستان ئىچىدىكى چوڭقۇر زىددىيەتلىك رايونلار ۋە شى جىنپىڭنىڭ رىتورىك سۆزلىرىگە ئىشەنمەي كېلىۋاتقان ھىندىستان قاتارلىقلار بولۇشى مۇمكىن.»
خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئىككى پۇقراسى بالۇچىستاندا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى باياناتىدا ۋەقەنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پاكىستاندىكى قۇرۇلۇشلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە كۆپ داۋراڭ سېلىشنى خالىمىغان ئىدى. ھىندىستان مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە «خىتاي بۇ ۋەقەنى قەستەن كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ» دەپ باھالىغان. ئۇنداقتا خىتاي نېمە ئۈچۈن بۇنچە زور رىقابەتلەرگە قارىماي بۇ كارىدورنى قۇرۇشقا شۇنچە قىزىقىدۇ؟ ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ پىلان زور پىلان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلگە ئېشىپ قالغان تەقدىردە خىتايغا ئىستراتېگىيىلىك كۈچ قاتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
درۇ گلەدنېي ئەپەندى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان سىياسەتلىرىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇنداق مۇرەككەپ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە جۇغراپىيىلىك رايونلاردا ئىش قىلىش تەجرىبىسى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى، چۈنكى خەلقئارالىق كۈچ بولۇش ئۈچۈن ئۆز سىياسەتلىرىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش شۇنداقلا خەلقئارادا ئامېرىكا قىلالىغاندەك يۇمشاق كۈچكە ئىگە بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ ئەكسىچە، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خىتاينىڭ زورىيىشىدىن ئەنسىرەيدىغان، خىتاي مەبلىغىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە كېلىشىدىن گۇمانلىنىدىغان، ئۇنى خالىمايدىغان خاھىشنىڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي ئىچىدە ھېچكىمنىڭ مانا بۇ خىل رىقابەتلەردىن، بۇ پىلانغا قارىتا گۇمانلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتقانلىقىدەك بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن كىشىلەر خىتاينى ھازىر ماۋ زىدۇڭ دەۋرىدىكىدەك ئىدېئولوگىيە بىلەن ئىش قىلمايدۇ. ئۇ بىر ئەمەلىيەتچىل دۆلەت، دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە خىتاي ھازىر ماۋ دەۋرىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى.ئەمما شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ھېچكىم شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگو چۈشى»، «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» دېگەنلەرگە قارشى گەپ قىلالمايدۇ. ھەممە ئادەم شى نېمە دېگەن بولسا شۇنىڭغا ماقۇل دېيىشكە مەجبۇر. چۈنكى شى جىنپىڭ ئوخشىمايدىغان پىكىر قىلغانلارنى، خاتالىقىنى كۆرسەتكەن زىيالىيلارنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى تۇتۇپ تۈرمىگە سولىۋەتتى. قارشى گەپ قىلىدىغان ئادەم يوق. ھازىر بۇ شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگو چۈشى» خۇددى بىر دوگما، خۇددى بىر دىنىي ئەقىدىگە ئوخشاپ قالدى، شۇڭا خىتايدا ھېچكىم بۇ پىلاندىكى خاتالىقلارنى، رىقابەتلەرنى ئېغىزغا ئالالمايۋاتىدۇ.»
جۇ گلەدنېي ئەپەندى سۆزى داۋامىدا ئەسكەرتىپ «خەلقئارالىق كۈچ بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى تەنقىدكە ئوچۇق بولۇشتۇر» دەپ كۆرسەتتى.