دولقۇن ئەيسا: بالۇچىلار ۋە سىندھلارمۇ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىگە تەھلىكە پەيدا قىلىدۇ

0:00 / 0:00

پاكىستاندىكى بالۇچىلار ۋە سىندھلارنىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىگە قارشى ئېقىملار ئىچىدىكى ئەڭ خەۋپلىك كۈچلەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنماقتا.

22-ئىيۇن باشلىنىدىغان 35-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا تەييارلىق قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن، 19-ئىيۇن كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا چاقىرىلغان سۆھبەت يىغىنىدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ سۆھبەت يىغىنىغا كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن باشقا، د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندىلەرمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقان ئىدى. يىغىندا، ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ قوشنا ئەللەر ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىپ، خىتاي ئېيتقاندەك، دۇنيا ئىقتىسادىغا قوشىدىغان بۈيۈك تۆھپە بولۇشىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقلىرىنى شەرھلەشكەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ بۇ يىغىندا سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەنۋەرجان ئەپەندى بولسا، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلچە مەنپەئەت يەتكۈزمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

قەشقەردىن گۋادار پورتىغىچە بولغان تاش يول، تۆمۈر يول، گاز تۇرۇبا يولى ۋە ئېلېكتر ئەسلىھەلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتى 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى»نىڭ جان تومۇرى سانالغان بۇ رايوندا ئۇيغۇرلار، بالۇچىلار ۋە سىندھلار ياشايدۇ. بۇ قۇرۇلۇش خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تىلغا ئالغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر بۆلۈكى بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىن تاكى ياۋروپاغىچە تۇتىشىدىغان «يېڭى يىپەك يولى» نامىدىكى بۇ پىلاننىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىلا بىر تالاي زىددىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇم بولغىنىدەك، بالۇچىستان بولسا پاكىستاندىكى ئىران بىلەن ئافغانىستانغا تۇتاشقان ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بىر رايون. پاكىستاندىكى 4 چوڭ ئۆلكىنىڭ بىرى بولغان بالۇچىستانلىقلار 13 مىليون نومۇسقا ئىگە. بالۇچىدىن ئىبارەت بۇ نامرات قالدۇرۇلغان شىئە مۇسۇلمانلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ كەلگەن ھەمدە مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بېسىقمىغان.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بالۇچىستاننىڭ مەركىزى كوتتا شەھىرىنىڭ جېنناھ بازىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر جۈپ خىتاي ئەر-ئايال ھەپتە ئىلگىرى ئۆلتۈرۈلگەن. كوتتا شەھىرىدە ئوردو تىلى ئۆگىنىۋاتقان ۋە خىتاي تىلىدىن دەرس بېرىۋاتقان بۇ ئەر-ئايال خىتاينىڭ ئۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى «ئىسلام دۆلىتى» كۈچلىرى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، خەلقئارادا بۇ ۋەقەنى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ سادىر قىلغانلىقىغا قارىتا گۇمانلار تۇغۇلغان. چۈنكى، «ئىسلام دۆلىتى» يوق چاغلاردىمۇ، بۇ رايوندا خىتايلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. مەسىلەن، ۋىكىپېدىئادىكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 2004-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە 6 نەپەر خىتاي ئىنژېنېرى بالۇچىستاندا ئۆلتۈرۈلگەن. ئانالىزچىلار، بۇ قېتىمقى ۋەقەنىمۇ بالۇچىلارنىڭ سادىر قىلغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بالۇچىلار خىتايغا نېمە ئۈچۈن ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟

مەتبۇئاتلاردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئىراندىن ئالىدىغان نېفىت مەھسۇلاتى بۇ ئۆلكىنىڭ گۋادار پورتىدىن ئۆتۈپ، شاڭخەيگىچە يەتكۈزۈلىدۇ. خىتاينىڭ 60% نېفىت ئېھتىياجىنى قامدايدىغان توشۇش مۇئەسسەسىلىرى مۇقەررەر بېسىپ ئۆتۈشى لازىم بولغان گۋادار پورتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىشى بولسا 2002-يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. بالۇچىلار بۇنىڭدىن نەپ كۆرمىگەن.

ئۆز زېمىنىدىكى تەبىئىي گاز ھەم باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن تېگىشلىك ھەققە ئېرىشەلمەيۋاتقان بالۇچىلارنىڭ، خىتاينى ئۆز رىسقىغا چاڭگال سالغۇچى دەپ قارايدىغانلىقى ۋە كېلەچەكتە خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقى ئۇلارنىڭ خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبىدۇر.

بۇ قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئاخىرقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان بالۇچىلارنىڭ ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىگە قارشى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شېرىك بولۇشىنى ئىستىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، بالۇچىلار، سىندھلار ۋە پاكىستاندىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تەقدىرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇمكى، بالۇچىستانغا قوشنا بولغان سىندھلارنىڭ نوپۇسى 56 مىليون بولۇپ، بۇلارمۇ يىللاردىن بۇيان پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيانلار قىلىپ كەلگەن. سىندھلارنىڭ ئەندىشىسىگىمۇ خىتاي مۇستەملىكىسىنىڭ تەھدىتى سەۋەب بولماقتا.