نۆۋەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان پارىخورلۇققا زەربە بېرىش، چىرىكلەشكەن خىتاي ئەمەلدارلارلىرىنى جازالاش ھەرىكىتىدە، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتتە زەربە بېرىش نىشانى قىلىنىش - قىلىنماسلىق مەسىلىسى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققەت ئوبىكتىنىڭ بىرى بولماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقان ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئېشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىم ئىجتىمائى ۋەزىيەتكە مۇھتاج بولغانلىقى، بۇ يەردىكى غايەت زور ئىقتىسادىي مەنپەتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەمەلدارلىرى بولسۇن، ياكى نۆۋەتتە ھوقۇق تۇتۇۋاتقان ئەمەلدارلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ چىرىكلىك، پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايدا ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلانغان پارىخور ئەمەلدارلارغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە خىتاي ئۆلكە،شەھەرلىرىدىكى زور تۈركۈمدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇتقۇن نىشانى قىلىنغانلىقى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ تۈركۈم - تۈركۈملەپ قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپەيدى. ئەمما خىتايدا پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن بۇ ئەمەلدارلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈزۈۋاتقان رايونلاردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاز بولىشىدەك ئەھۋال خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن بېيجىڭ سەھەر گېزىتىنىڭ 25 - ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە، پۈتۈن خىتاي بويىچە چىرىكلىك دېلوسىغا ئائىت دېلولاردىن 19مىڭ 81 نى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، بۇ دېلولارنىڭ 25 مىڭ 240 كىشىگە چېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل پاش قىلىنغان پارىخورلۇق، چىرىكلىككە ئائىت دېلولار بۇلتۇرقىدىن 9.6% ئۆرلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 1676 نەپەر، نازىر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى 182 نەپەر، خىزمىتىدىن توختىتىلغان ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلار 30 دىن ئاشقان. لى چۈنچېڭ، گو يۇڭشياڭ قاتارلىق 7 نەپەر ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدار قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلۇپ، خىتاي ئالىي تەپتىشى ئۇلار ئۈستىدىن رەسمى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. بۇ يىل 1 - ئايدىن 6 - ئايغىچە ئىلگىرى چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن پارىخور ئەمەلدارلاردىن 320 نەپىرى تۇتۇپ كېلىنىپ، قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
خىتاي ئالىي تەپتىشى ئېلان قىلغان يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتتا، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق سىياسىي جەھەتتىن نىسپەتەن سەزگۈر رايونلاردىن پارىخورلۇق قىلمىشى بىلەن جازاغا تارتىلغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ئەمەلدارلارغا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن ئاز بولۇشى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ۋەزىيىتىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئېلشات ئەپەندى رادىئومىز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى پارىخور ئەمەلدارلىرىنى جازالىمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېلشات ئەپەندى بايانىدا خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا يەنى 2013 - يىل 27 - دېكابىر خىزمىتىدىن توختىتىپ، بۇ يىل 11 - ئىيۇل كۈنى قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر ئاپتووۇم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرىتارى ياڭ گاڭنى مىسالغا ئېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئەڭ چوڭ پارىخور ئەمەلدار ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ ياڭ گاڭدىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە ئېرىشىشتە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەمىنلىكى ئالدىنقى شەرت بولغىنى ئۈچۈنلا، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشىغا كۆز يۇمۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ پارىخورلۇق يولى بىلەن بېيىشىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش" ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى ۋە ماھىيىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، دائىرىلەرنىڭ بىر تەرەپتىن رايوننىڭ مۇقىملىقىدىن ئەنسىرەۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ خىتاي خەلقنىڭ دىققىتىنى بۇراپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00