5-ئىيۇلدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەنلەردىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام، يېقىنقى يىللاردا چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا بالىلىرى ناھەق تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ۋەكىلى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تونۇلغان بىر شەخس. ئۇنىڭ ئىسمى ۋە سىماس دۇنياۋى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يېيىلغان.
پاتىگۈل غۇلامنىڭ 2014-يىلى 5-ئاينىڭ27-كۈنى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 7-ئاپرېل ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ قاتناشتۇرماستىن يېپىق سوت ئاچماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگانلىرىدا بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىماقتا. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى» نىڭ 4-ئاپرېل ئېلان قىلغان مەخسۇس باياناتىدا خىتايدىن پاتىگۈل غۇلامنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىش، خەلقئارا جەمئىيەتتىن پاتىگۈل غۇلام دېلوسى ئۈستىدىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش تەلەپ قىلىندى.
بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ نۆۋەتتە دۇنيا يادرو بىخەتەرلىك يىغىنى ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا كەلگەن شى جىنپىڭدىن، بالىلىرى ناھەق تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ سىمۋولى بولغان پاتىگۈل غۇلامنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئادالەتپەرۋەر دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىمۇ ئوخشاشلا بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىشى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى پاتىگۈل غۇلام مەسىلىسى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئوچۇق ئىنكاس قايتۇرمىدى، بۇ ئەكسىچە، كۆزەتكۈچىلەردە پاتىگۈل غۇلامنىڭ ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرىگە تېخىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىگە سەۋەب بولماقتا. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پاتىگۈل غۇلام ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىنىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ پاتىگۈل غۇلام خانىم ئۈستىدىن 7-ئاپرېل ئاچماقچى بولغان يېپىق سوتى، پاتىگۈل غۇلامنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئارزۇسىدا بۇ ئورگان بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا پاتىگۈل غۇلامنىڭ شەرتسىز قۇيۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇبەيرە خانىم يەنە، «بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي ئىلھام توختىنى ئادالەت تەلەپ قىلغان زىيالىيلارغا تەنبىھ بېرىش ئۈچۈن ھەقسىز جىنايەتلەرنى ئارتىپ جازالىغان بولسا، ئەمدىلىكتە بالىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغان ئاددىي بىر ئانىنى ئوخشاشلا جىنايەتلەر بىلەن جازالاۋاتىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاتىگۈل غۇلامنى جازالاش ئارقىلىق ئادالەت يولىدا كۈرەشتىن توختىمىغان ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالماقچى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مەسىلىنى قانۇنسىز ۋە ھەقسىز ۋاسىتىلەر ئارقىلىق يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا پاتىگۈل غۇلامنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە يېقىنقى ئۇچۇرلارنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىنىپ چىقىشىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا باش ئەگمىگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز» دېدى.
نۆۋەتتە پاتىگۈل غۇلام خانىمنىڭ «ليۇداۋان تۈرمىسى» دە ئىكەنلىكى ھازىرغىچە ئۇ ھەقىقىدە ئاشكارا بولغان ئاخىرقى ئۇچۇر ھېسابلىنىدۇ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 2010-يىلى ۋە 2013-يىللىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسى ۋە غايىبلار ھەققىدە دۇنياغا تەتقىقات دوكلاتلىرى ئېلان قىلغان ئىدى ۋە پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئوغلىنى ئىزدەش يولىدا ئۇچرىغان جەبرى جاپا ۋە تەھدىتلەر ھەققىدىمۇ خەۋەر ھەم باياناتلار ئېلان قىلىپ كەلدى، مەزكۇر ئورگاننىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسى ھەمدە پاتىگۈل غۇلام مەسىلىسى ھەققىدە ئىسپات يىغىشقا مەسئۇل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ئالىي تەتقىقاتچى ھHenryk Szadziewski
پاتىگۈل غۇلامنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە، ئۇنىڭ 7-ئاپرېل يېپىق سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇردىن باشقا يېڭى ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ پاتىگۈل غۇلامغا قانداق جىنايەتلەرنى ئارتماقچى بولۇۋاتقانلىقىدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى نە قەدەر مەخپىي تۇتۇۋاتقان بولسا، بۇ، خىتاينىڭ نە قەدەر ناھەقچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي ھېچقاچان ئوچۇق ئاشكارا بولۇپ باقمىغان، ھەر زامان بۇ خىلدىكى مەسىلىلەردە جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالماي كەلدى، پاتىگۈل غۇلامنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى تەلەپلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى ئىنكاس قايتۇرسۇن ياكى قايتۇرمىسۇن، پاتىگۈل غۇلام 5-ئىيۇلدا پەرزەنتى خىتاي تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئانىلارنىڭ ۋەكىلى، ئىنسان ھەقلىرى ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سىمۋولى، خىتاي تەنقىد ۋە تەلەپلەرگە قۇلاق يوپۇرۇۋېلىش بىلەن پاتىگۈل غۇلام ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدىكى جاۋابكارلىقىدىن خالى قالالمايدۇ».
0:00 / 0:00