ئەۋلىيانىڭ دۈشمىنى
2021.07.27
پەرھات تۇرسۇن مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇردا نوپۇزغا «خوشياقماس» پىكىرلىرى بىلەن تونۇلغان بىر شەخس، باش ئەگمەس ئۆكتىچى زىيالىي ئىدى. ئۇنىڭ خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى سەۋەبتىن بىر قانچە قېتىم سوراق قىلىنغانلىقىدىن باشقا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى بىئارام قىلىدىغان پىكرىنىڭ داڭقىنىمۇ كۆپ ئاڭلىغانىدىم. شۇ سەۋەبتىنمىكىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا كۆپىنچە چۈشىنىلمەي، ئېلان قىلىنماي نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇپ قالاتتىكەن. بۇ بىزارلىقنىڭ يۇقىرى چېكى ئەلۋەتتە. يەكلەش، چەكلەش ۋە تەھدىتلەر شۇ ھالغا يەتكەنكى، پەرھات تۇرسۇن 6 يىل خىتايدا سەرسان بولغانىدى.
مەن پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۇ قەدەر دۈشمەنلىك بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبكە بىر قانچە قېتىم شاھىت بولغانىدىم. بولۇپمۇ «رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا» دېگەن كىتاب چىققاندا پەرھاتنىڭ پىكرى سەۋەبلىك پەيدا بولغان بىئاراملىق، بىزارلىق ۋە نارازىلىقنى تۇنجى قېتىم كۆردۈم. ئۇ كىتابتا ئەۋلىيا دېيىلگەن كىشى قۇربانجان تۇرەك بولۇپ شۇ يىللاردا مەشھۇر بولغان، دىندار كۆرۈنىدىغان بىر قابىل سېھىرگەر ئىدى. قۇربانجان ئادىل ھوشۇرنىڭ سەنشىيا بوغۇزىدىن ئۆتۈشى ئۈچۈن ئىئانە يىغىش، رەئىسلەرنىڭ سورۇنىدا كارامەت كۆرسىتىش، كېسەللەرنى «داۋالاش» قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ تونۇلغان، مەرھۇم يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ تەرىپىگە ئېرىشكەن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تازا ئالقىشلىنىۋاتقان بىر شەخس ئىدى. پەرھات تۇرسۇن دەل مۇشۇ كىشىنى ئۆزى ئاچقان كىتابخانىدا تارىختىكى «ئەۋلىيا» ئاپئاق خوجاغا ئوخشاتتى. بولۇپمۇ قۇربانجاننىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇزۇن يىللار ئۇيغۇر ئېلىنى باستۇرۇش بىلەن ھىلىگەرلىكنى بىرلەشتۈرۈپ ئىدارە قىلغان سېكرېتارى ۋاڭ ئېنماۋنىڭ بېشىنى ئۇۋلاپ داۋالاپ تۇرغان كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مەسخىرە قىلدى.
پەرھات تۇرسۇن ئەتراپقا يىغىلغان كىشىلەرگە تارىختىكى ئەۋلىيالىقنى يېشىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئەۋلىيا دېگەن ئۇقۇمغا چۈشەنچە بەردى. ئاندىن ئاپئاق خوجانىڭ قىلمىشلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن گەپنى ئۇنىڭ خىيانەتلىك ھاياتىنى قەلەمگە ئالغان مۇھەممەت سادىق قەشقەرىنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» دىن باشلىدى. ئاپئاق خوجا ۋەتەنگە باشلاپ كەلگەن، ئۇيغۇرنىڭ مۇنقەرزلىك قىسمىتىگە تۇنجى سەۋەبكار بولغان غالدان قونتەيجى بىلەن 1949-يىلدىن كېيىنكى تاجاۋۇزچى كاتتىۋاش، ئۇيغۇرنىڭ مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ھاياتىنى ئۆزگەرتىشكە، ۋەيران قىلىشقا زورۇققان، ئۇيغۇرچە ئەنئەنىلەرنى ئاستىن ئۈستۈن قىلغان ۋاڭ ئېنماۋنى سېلىشتۇرما قىلدى. ئاخىرىدا مەيلى تارىختىكى ئەۋلىيالار بولسۇن، ياكى رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا بولسۇن ئۇيغۇرغا ۋاپا قىلمىغانلىقىنى، ئەۋليا دېگەن ئۇقۇمغا ئىشىنىپ ھاياتىنى دوغا تىككەن كىشىلەرنىڭ، ئۆزىنى ئەۋلىيا ساناپ سەللە ئورۇۋالغان سېھىرىگەرلەرگە ئەگەشكەن مىللەتنىڭ خەيرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى يەكۈنلىدى. بۇ چۈشەنچىلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان بىرەيلەن پوسۇققىدە «سىزنىڭ قۇربانجان تۇرەكتە بىرەر ئۆچىڭىز بارمىدى؟» دەپ سوراپ قالدى. پەرھات تۇرسۇن شۇئان ماڭا «قاراڭ بۇ نادانلىقنى» دېگەندەك لەپپىدە بىر قاراپ قويۇپ نېرى كېتىپ بۇلۇڭغا بېرىپ ئولتۇردى.
كىتابخانىغا «رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا» نى كۆتۈرۈپ كىرگەن كىشىمۇ، پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەتراپىغا يىغىلغان كىشىلەرمۇ بىرەر قۇر قىزىرىپ تاتىرىپ تالىشىپ باقتى، ئەمما ئۇنىڭ پاكىتلىق سۆزلىرى ئالدىدا يا قۇربانجاننىڭ ئەۋلىيا ئەمەسلىكىنى تەن ئالالماي، يا ئاللىقاچان تىكلەپ بولغان ئەۋلىياسىنى تېخىمۇ پۈۋلەپ پارقىرىتىپ بولالماي، ياكى ئەۋلىيا دېگەن ساختا ئۇقۇمدىن ۋاز كېچەلمەي رەللە بولۇشتى. مەن ئارىغا كىرىپ سالا قىلغان بولدۇم، ئەمما ھېچكىم ھېچكىمدىن رازى بولمىدى. ئاخىرى خېرىدارلار «سەندەك دەھرىينىڭ كىتابخانىسىغا كىرگەن بىز ئەخمەق» دېيىشىپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ چىقىپ كېتىشتى.
«قارا ئوت» پەرھات تۇرسۇننىڭ كىتابخانىسى بولۇپ ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇر ئەڭ قاينايدىغان يېرى بولغان شامالباغ مەھەللىسىدە ئىدى. خىتايچە «يەنئەنلۇ» دېيىلىدىغان بۇ يەرگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا ئۆمىكى جايلاشقان بولۇپ ئۇ ئەتراپ زىيالىيلار، ئۆلىمالار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ماكانى ئىدى. شۇ ئەتراپتا ئۈن-سىن دۇكانلىرى، كىتابخانىلار ۋە نەشرىياتلار كۆپرەك ئىدى. پەرھات تۇرسۇن كىتابخانىسىنى «ئۇيغۇر لىبېراللىرىنىڭ فرونتى» دەپ ئاتايتتى. بۇ فرونت مەندەك كونسېرۋاتىپ ياش زىيالىينى پات پات ئوچۇقداپ ئويغىتىپ تۇرغانىدى.
پەرھات تۇرسۇن شۇ كىتابخانىدا بولغان بىر يىغىلىشتا مېنىڭ «ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەرلەردە مەدەنىيەت چىنلىقى» دېگەن ماقالەمنى كونسېرۋاتىپلىق نۇقتىسىدىن تەنقىد قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە قەدىمدىن قالغان ھەممە مەدەنىيەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىھاجەت ئىكەن، بىر مىللەت كىشىلىرى ئەنئەنە، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت دەپ قاراپ كەلگەن مىراسلارنىڭ ھەممىسى تەرغىب قىلىنىشقا ئەرزىمەيدىكەن. ئۇ ماڭا شۇ كۈنى پالچىلىق، جىنكەشلىك، داخانلىق دېگەن ئادەتلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ساداقەت بىلەن ساقلاپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكى ئەنئەنە بولۇشىغا قارىماي كىشىلەرنىڭ مېلىغا، جېنىغا ۋە روھىغا زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئىزاھلىدى. شۇ كۈنى قايىل بولغان بولمىغانلىقىم ئېسىمدە يوق، ئەمما بەلكىم ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قىلىنغان پىكىر بولغاچقا ۋە ياكى بىر مۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا يۈز خاتىرە قىلماي «ماقالىڭىز يېڭىدىن قۇراشتۇرۇلغان كونا قۇرۇق گەپ ئىكەن» دەپ، ماقالەمدىكى رەڭ بېرىلگەن پاخپاق پىكىرلەرنى چۇۋۇپ تاشلىغان بولغاچقىمۇ ئۇنتۇپ قالماپتىمەن. ئەمما ئۇنىڭ تەنقىدى مېنى ئۆزۈمنىڭ پىكىرىگە ئىقتىدا قىلىدىغان ۋە باشقىلارنى پىكرىمگە ئىقتىدا قىلدۇرۇشقا ھەۋەسلىنىدىغان ئەۋلىيالىق تەمەسىدىن تازىلىغانىدى.
پەرھات تۇرسۇننىڭ تەرسالىقى شۇ دەرىجىگە بارغان ئىدىكى، ئۇ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ يېنىغا ئاچقان «قارا ئوت» كىتابخانىسىدا «رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا» دېگەن كىتابنى سېتىشنى رەت قىلغانىدى. مەزكۇر كىتاب 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ بازارلىق مەنىۋى تاۋار ئىدى. شەھەردىكى ئىجارىسى ئەڭ قىممەت يەرگە دۇكان ئېچىپ ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەڭ خېرىدارلىق بىر كىتابنى ساتماسلىق نورماللىق دەپ قارالمىغان بولۇشى چوقۇم. ئاۋام ئۇيغۇر ئەۋلىيا دەپ تونۇۋاتقان، غوللۇق زىيالىيلار تەرىپلەپ ماقالە يېزىۋاتقان، ئابلەت ئابدۇرېشىتتەك رەئىسلەر تۆرگە ئېلىۋاتقان بىر شەخسنى «ئۇيغۇرلارنى خۇراپاتقا مايىل قىلىدۇ، شەخسكە چوقۇنۇشنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى ئوتتۇرا ئەسىرگە سۆرەيدۇ» دېگەن ئادەم ئېتىرازغا قېلىشى، ھەرخىل نەپرەتلىك ئاتاققا قېلىشىنى بىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
تارىختا ئەۋلىيالارنىڭ كاتتا پىرى ئاپئاق خوجانى تەنقىد قىلغان ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا نېمە دەرد ئەلەم چۈشكىنى بىزگە قاراڭغۇ، ئەمما «رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا» نى ۋە ئۇيغۇرنىڭ كىملىكىگە، ئىستىقبالىغا ئەۋلىيالىق قىلماقچى بولغان ھاكىمىيەتنى تەنقىد قىلغان پەرھات تۇرسۇن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جازاسىنى تارتتى. ئەپسۇس، ئەۋلىيالىق ماقامىدا ئالدامچىلىق قىلغان زات ئۇيغۇرنىڭ ئېىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. چۈنكى ئەۋلىيا ئاتىلىپ بولغان، ھاكىمىيەت يېنىغا تارتقان كىشىنىڭ تەرىپلىك يېرى ئاشكارا يېزىلغان بىلەن تەنقىدلىك تەرىپى قەلەمگە ئېلىنماي قالىدىغان گەپ ئىكەن. بەلكىم يازىدىغانلارمۇ پەرھات تۇرسۇننىڭ قىسمىتىدىن ئىبرەت ئالغاندۇ.
ئەھمىيەتلىك يېرى بۈگۈنكى دۇنيادا تارىختىكى ئەۋلىيانىڭ قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان ئۇيغۇر بىلەن رېئاللىقتا ئەۋلىيا ئاتالغان كىشىنىڭ ئالدامچىلىقىنى سۆككەن ئۇيغۇر ئوخشاشلا ئېتىراپقا ئېرىشتى. ئاپئاق خوجانىڭ مۇناپىقانە سىىماسىنى سىزىپ چىققان مۇھەممەت سادىق قەشقىرى يازغان «تەزكىرەئىي ئەزىزان» بىلەن رېئاللىقتىكى ئەۋليانى تەنقىد قىلالىغان پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئارقا كوچا» دېگەن كىتابى ئوخشاشلا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولدى.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.