پېشقەدەم سىياسىي پائالىيەتچى ئەخمەت ئىگەمبەردىگە تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە پېشقەدەم سىياسىي پائالىيەتچى، شائىر، ژۇرنالىست ۋە جامائەت ئەربابى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ «ھايات مەنزىللىرى» ناملىق بىئوگرافىك ئەسىرىنىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمنى ئادېلايدتىكى «تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇراسىمغا ئاۋستىرالىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىم ئۆزىنىڭ «ھايات مەنزىللىرى» ناملىق كىتابىنى يېزىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى ئىككى يۈز يىل يىلدىن بېرى ۋەتىنىمىز مانجۇلارنىڭ، گومىنداڭچىلارنىڭ ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزى ئاستىدا قالدى. بۇ جەرياندا مىللىتىمىز مىللىي مەدەنىيىتىمىزدىن مەجبۇرىي ئۇزاقلاشتۇرۇلدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا ۋەتىنىمىزدىكى تارىخىي ۋەقەلەرنى كەڭ قېرىنداشلىرىمغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ كىتابنى يازدىم.»

ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىم يەنە ۋەتەن ئىچىدىكى يازغۇچىلارنىڭ ھەرخىل توسقۇنلۇقلار سەۋەبىدىن تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەينەن يازالمايدىغانلىقىنى، ۋەتەن سىرتىدىكى ئەركىن مۇھىتتا بۇلارنى چوقۇم يېزىش كېرەكلىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ۋەتەن ئىچىدىكى يازغۇچىلىرىمىز ھەرخىل چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەينەن يېزىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. مەن مۇھاجىرەت ھاياتىمدىكى ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىپ، ياش ئەۋلادلارغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى سۇندۇم.»

مەزكۇر كىتابنىڭ نەشرگە تەييارلىغۇچىسى نادىرە خانىم 550 بەتتىن تەركىب تاپقان چوڭ ھەجىمدىكى بۇ كىتابنى مۇئەللىپنىڭ سۆزلەپ بەرگىنى بويىچە قەلەمگە ئالغان ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئارىمىزدىن چىققان پېشقەدەم سىياسىي پائالىيەتچى، شائىر، ژۇرنالىست ۋە جامائەت ئەربابىنىڭ كىتابىنى نەشرگە تەييارلىغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. بۇ كىتاب ئەسلىي 300 بەتلىك قول يازما ئىدى، كېيىنچە ئەخمەت دادامنىڭ قەلەم تۇتۇشى تەسكە توختىغاچقا، ماڭا ۋاتىسئاپتىن سۆزلەپ بەردى، مەن شۇ بويىچە يېزىپ چىقتىم.»

نادىرە خانىم يەنە كىتابقا كىرگۈزۈلگەن تارىخىي رەسىملەرنىڭ قىممىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كىتابقا 73 دانە رەسىم كىرگۈزۈلدى، بۇ رەسىملەر تارىخىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى رەسىملەردۇر، بۇ رەسىملەر بىلەن قوشۇلۇپ، كىتابنىڭ قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى دەپ قارايمەن.»

نادىرە خانىم ئاخىرىدا مەزكۇر كىتابنىڭ مۇقاۋىسىنىڭ مۇشۇنداق لايىھەلىنىشىنىڭ ئاپتورنىڭ ئارزۇسى ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «كىتابنىڭ مۇقاۋىسى ئەخمەت دادامنىڭ ئارزۇسى بويىچە لايىھەلەندى، كىتابنىڭ 123-بېتىدە ئەخمەت دادامنىڭ ئائىلىسى بويىچە گۇچۇڭدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان تەسۋىرلىرى بار ئىدى. ئەخمەت دادام ئەگەر مۇمكىن بولسا شۇ تەسۋىرلەرنىڭ رەسىم قىلىنىپ كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا قويۇش ئارزۇسىنى ئېيتتى، بىزمۇ شۇ بويىچە ئالىنۇر سىڭلىمىز ئارقىلىق شۇ تەسۋىرلەرنى رەسىم ھالىتىدە كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا ئىشلەتتۇق.»

كىتابنىڭ كوررېكتورلۇق خىزمىتىنى ئىشلىگەن يۇلتۇز خانىم مەزكۇر كىتاب ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ بۇ كىتابىنىڭ نەشردىن چىقىشى ھەممىمىزنى ئىنتايىن سۆيۈندۈردى. بۇ كىتاب ئۆزىنىڭ تارىخىي چىنلىقى بىلەن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە دەپ قارايمەن. شۇنداقلا دەۋا سېپىدىكى بارلىق پىداكارلىرىمىزغا رىغبەت ۋە ئىلھام بولىدۇ دەپ قارايمەن.»

ئادېلايىدتىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلزات ئەپەندى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىمنىڭ ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قوشقان تۆھپىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەخمەت ئىگەمبەردى ئاكىمىز ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۆھپە قوشقان چوڭلىرىمىزدىندۇر. ئۇ شەھىرىمىزدىكى ئابابەكرى سىدىق مەسچىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۇ مەسچىتكە ئىمامەتچىلىك قىلىدىغان تۇنجى ئۇيغۇر ئىمامىمىزنىڭ بولۇشىغا سەۋەبچى بولغان كىشىدۇر. ئۇ يەنە ئاۋستىرالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئانا تىل مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى شۇنداقلا ئاۋستىرالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ قۇلايلىشىشىدا چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن شەخىستۇر.»

ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادېلايىد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەخمەت ئىگەمبەردىگە تون كىيدۈرۈش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم، ئامېركادىكى پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىم، تۈركىيەدىكى ئاكادېمىك سۇلتان مەھمۇت قەشقەرلى، قازاقىستاندىن سائادەت خانىم ۋە سىدنېيدىن دېمىيان ئەپەندىلەر ۋىدېئولۇق قاتناشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەبرىك سۆزلىرىنى ئوقۇپ ئۆتۈشتى.