فىلىپ پوتتېر بىلەن سۆھبەت: «كەڭ قورساقلىققا قىلچىمۇ ئورۇن يوق!» (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.05.15
zero-tolerance-Philip-Potter-Chen-Wang 2023-يىلىنىڭ بېشىدا ۋىرجىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فىلىپ پوتتېر (Philip Potter) ۋە ئايداخو (Idaho) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى چېن ۋاڭنىڭ ئورتاق ئاپتورلۇقىدا يېزىلغان «كەڭ قورساقلىققا قىلچىمۇ ئورۇن يوق: خىتاينىڭ <يېڭى يىپەك يولى> دىكى زۇلۇملار ۋە سىياسىي زوراۋانلىق» ناملىق ئەسەر كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان
Photo: RFA

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى تاشقىي دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن بۇيان بۇ ھەقتىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلىي ھەركەتكە ئايلانغىنىغا خېلى بولدى. شۇ قاتاردا ئوتتۇرىغا چىققان ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشىنى بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم مىسال، دېيىش مۇمكىن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ تېزدىن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار پەيدا قىلىۋاتقان «تېرورلۇق ھەركەتلىرىنىڭ قۇربانى» بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ھەرقانداق ھۆكۈمەت «قىلچىلىكمۇ كەڭ قورساقلىق قىلالمايدىغان» قىلمىش ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

2023-يىلىنىڭ بېشىدا ۋىرجىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فىلىپ پوتتېر (Philip Potter) ۋە ئايداخو (Idaho) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى چېن ۋاڭنىڭ ئورتاق ئاپتورلۇقىدا يېزىلغان «كەڭ قورساقلىققا قىلچىمۇ ئورۇن يوق: خىتاينىڭ ‹يېڭى يىپەك يولى›دىكى زۇلۇملار ۋە سىياسىي زوراۋانلىق» ناملىق ئەسەر كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم يېڭى مەسىلىلەر كىتاپخانلار ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.

«كەڭ قورساقلىققا قىلچىمۇ ئورۇن يوق!» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ۋىرجىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فىلىپ پوتتېر (Philip Potter) ۋە ئايداخو (Idaho) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى چېن ۋاڭ
«كەڭ قورساقلىققا قىلچىمۇ ئورۇن يوق!» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ۋىرجىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فىلىپ پوتتېر (Philip Potter) ۋە ئايداخو (Idaho) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى چېن ۋاڭ
millercenter.org

بىر دۆلەتتە ئىككى رايون ۋە ئايلانما زۇلۇم ئەندىزىسى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇشلار داۋام قىلغىلى ئۇزۇن مەزگىل بولغانلىقىغا قارىماستىن، ھەرقاچان بۇنى خىتايدىكى ئورتاق مەۋجۇتلۇقنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى، دەپ قاراپ باقمىغان. ئاپتورلار دىققەت قىلغان بىر نۇقتا شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئ‍ۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەرۋاقىت رايون دائىرىسىنىڭ ئۆزىدىلا «ئىس-بۇسىنى چىقارماسلىق» شەكلىدە جىمىقتۇرۇپ كەلگەن. بۇ ھادىسىلەرنى خىتاي مىقياسىدا ھەممىلا ئادەم بىلىدىغان ئىجتىمائىي خەۋەرلەردىن بولۇشقا تېخىمۇ ئىمكانىيەت قالدۇرمىغان. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا بىر تۈرلۈك ئومۇمىي ئاتموسفېرا، ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان «يېىپىق شەكىل» دىكى يەنە بىر بىر خىل ئاتموسفېرا داۋام قىلغان. بۇ خىلدىكى «ئىككى خىتاي» ئۇسلۇبىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى دۆلىتى ۋە ئوبدانلا ئېچىۋېتىلگەن كۈنچىقىش تەرەپ ئۆز ئالدىغا مەۋجۇت بولىۋەرگەن.

ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن نەچچە ئون يىللىق رېئاللىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچى دۆلىتىدە ئىشنىڭ بېشى «زورلۇق ھەركەتلىرى» كۆپىيىپ كەتكەنلىكنى مەنبە قىلمىغان. ئەكسىچە زۇلۇمنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئالدى بىلەن نارازىلىقلار ھەممىلا يەرنى قاپلىغان. بۇ نارازىلىقلارنىڭ بېسىلىشى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش شەكلىدە ئىشقا ئاشقاندىن كېيىن، بۇنىڭغا قارشى زورلۇق ھەركەتلىرى بارلىققا كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ خىل زورلۇق ھەركەتلىرىگە قارشى تېزدىن «بىخەتەرلىك چارىلىرى» نى ئىشقا سېلىپ بىر قاتار قۇرۇلۇشلارنى باشلىغان. بۇ «قۇرۇلۇش» لار بولسا يېڭىچە شەكىلدىكى زۇلۇملارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، باستۇرۇشنىڭ دەرىجىسىنى بارغانسېرى يۇقىرىلىتىپ ماڭغان.

بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئاپتور بۇ خىل «ئايلانما شەكىلدىكى زۇلۇم» سىخېمىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، شىنجاڭدا ھازىر زورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆزگە چېلىقمايدۇ، دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ بېشىنى سورىساق، گەپ بەك ئۇزۇراپ كېتىدۇ. يېقىنقى زاماندىكىنى ئالساق، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چۆكۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاتار خەلق ھەركەتلىرى، نامايىشلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بۇ ۋاقىتلار ئەمەلىيەتتە دەل ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى يەنە بىر قېتىم باش كۆتۈرگەن مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدىكى يىللاردا بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك قارىشىدا بىر قېتىملىق يېڭىلىنىش بولغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئوخشاش مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ئارزۇسىغا زېمىن ھازىرلانغان. چۈنكى بۇ ئارزۇدا شىنجاڭمۇ باشقا كۆپلىگەن مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئوخشاش بىر مۇستەقىل دۆلەت بولاتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ ئارزۇ بىخ سۈرۈشكە باشلىغان ھامان، بۇنىڭغا قارشى بىر قاتار باستۇرۇشلارنى ئىشقا سالدى. چۈنكى بۇ خىلدىكى مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى خىتاي ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايتتى. شۇڭا بۇ باستۇرۇش بىرنەچچە يىلغا سوزۇلدى. بۇ ھال زورلۇق ھەركەتلىرىگە ۋە سىياسىي قاراشلارغا لازىملىق تۇپراق ئاساسەن تازىلاندى، دەپ قارالغىچە داۋام قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن سەل يۇمشىغاندەك بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. 2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ئۆسكەن ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتى داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇشلارغا بولغان نارازىلىقى يەنە بىر مەرتەم ئىپادىلىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ‹يۇمشاپ قالغان› تەدبىرلەرنى تېخىمۇ ‹چىڭىتىپ› ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇنىڭ يۇقۇرى پەللىسى شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھازىر بىز كۆرۈۋاتقان قاباھەت ھەممىگە مەلۇملۇق رېئاللىق بولۇپ قالدى. شۇڭا بۇ ھال ‹بىر يۇمشاش-بىر چىڭىتىش، بىر كېلىش-بىر كېتىش› شەكلىدە چەمبەرسىمان ئايلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. سىياسىي ھەركەتلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا ئىجرا بولۇۋاتىدۇ.»

ئۇيغۇر دىيارىدىكى رېئاللىققا ئومۇمىي نۇقتىدىن نەزەر سالغاندا، ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن شى جىنپىڭ دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلدە سىياسىي باستۇرۇش ۋە كونتروللۇق ئەنە شۇ خىل ئايلانما چەمبەر شەكلىدە ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر بىر چەمبەرنىڭ ئارىلىقىدا مۇئەييەن بىر تىنچلىق دەۋرى مەۋجۇت بولغان. ئەمما ھەر قېتىمقى چەمبەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى مەيلى كۆلەم ياكى دەرىجە جەھەتتىن ئالغاندا، ئىلگىرىكىدىن يۇقۇرىلاپ ماڭغان.

بۇنداق بىر ئومۇمىي مەنزىرىنى دىققەتتىن ساقىت قىلمىغان ھالدا نۆۋەتتىكى رېاللىقتىن كېيىن نېمىلەرنىڭ بولۇشى ھەققىدە سۆز بولغاندا پروفېسسور فىلىپ پوتتېر مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنداقتا، ئەمدى نېمە ئىشلار بولىدۇ، دەپ سورىسىڭىز، ئەپسۇسلۇق ئىچىدە تولىمۇ تىنچ بولغان بىر مەزگىل كېلىشى مۇمكىن، دەپ جاۋاب بېرىشىم مۇمكىن. چۈنكى بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار ئەمەس. دەرۋەقە، بۇ ئىشلارنى ئ‍ىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىۋاتقانلارنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلار ھازىر ئۆتكەن يىللاردىن سەل چۈشكەندەك كۆرۈنۈشتە زاھىر بولۇشقا باشلىغان. يەنە بىر ياقتىن ئالساق، بۇ ئىشلار ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۈچۈنمۇ ئەرزانغا توختىمايدۇ: خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئابرويىغا، ئ‍ىقتىسادىي جەھەتلەردىكى ساھەلەرگە، يەنە كېلىپ شىنجاڭدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا نۇرغۇن بېسىملارنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى خىتاي پۇقرالىرىنى ھۆكۈمەت بۇ رايونغا يۆتكەپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار بۇ جايدا يىلتىز تارتقان. ئۇلار بۇ جايدا بەكمۇ بەختلىك ياشاپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلارنى بۇ جايدا داۋاملىق قالدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ خىتاي پۇقرالىرى داۋاملىق بېسىمدىن خالى ۋە بەختلىك بولۇشى كېرەك. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتنى قانداق كونترول قىلىۋاتىمىز؟ بۇ جايدا شىلتىڭ ئاتىدىغانلار، نامايىش قىلىدىغانلار ياكى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلماقچى بولۇۋاتقانلار يەنە چىقامدۇ؟› دېگەنلەرنى ئويلىشىدۇ. بۇ ئىشلارنى بولسا بىز يېقىن كەلگۈسىدە كۆرىمىز. مېنىڭچە بىز ئۆتكەنكى تارىختىن بۇ ھەقتە يېتەرلىك ساۋاق ئالالىشىمىز مۇمكىن.»

«خىتاي تاشقىي مۇھىتنىڭ قوللىشىنى ئ‍وڭۇشلۇق قولغا كەلتۈرمەكتە!»

ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇملار بارغانسېرى يۇقىرىلاپ ئاخىرى «قىرغىنچىلىق» دەپ خۇلاسە چىقىرىلغان بولسىمۇ، تاشقىي مۇھىت جەھەتتە خىتاي يەنىلا تەشەببۇسكار ئورۇننى ئىگىلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىقتىسادىي كوزىرنى كەڭ كۆلەمدە ئىشقا سېلىش بىلەن بىرگە، تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن ئەڭ تولۇق پايدىلانغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى ئۇلار ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەشكە باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخبارات ساھەسىنى كۈچەيتكەن. بۇنىڭدىكى بىرىنچى قەدەم سۈپىتىدە ئۇلار خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى بىر قاتار «گۈزەل ھېكايىلەر» نى بازارغا سالغان. «ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇق ھەركەتلىرى» ھەققىدە ھۆكۈمەتنىڭ «خەلق مەنئەپەتىنى قوغداش ۋە ھېمايە قىلىش» ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقى، كومپارتىيەنىڭ «ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىق ئىستراتېگىيەسى» ئۈچۈن تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى قانداق جاپالىق خىزمەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقى ھارماي سۆزلەنگەن.

بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا پروفېسسور فىلىپ پوتتېر مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە قىلىۋاتقانلىرىنى بىر تۈرلۈك غەلىبە، دېيەلمەيمەن. چۈنكى خىتاي ئىزچىل ئاخباراتنى كونترول قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەلگەن. زالىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەممىسى دۇچ كېلىدىغان مۈشكۈلاتلارنىڭ بىرى ئۆزلىرى توغرىسىدا خەلق ئاممىسىنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى بىلىشتۇر. چۈنكى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكىنى بىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. دەرۋەقە، خىتاي خەلقى شىنجاڭدا نېمىلەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىشنى خالايدۇ. خوڭكوڭدىكى ئىشلاردىمۇ شۇنداق بولدى. ئەمما ئۇلار تايىنىدىغان ئاخبارات مەنبەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا. مەيلى شىنجاڭ بولسۇن ياكى خوڭكوڭ بولسۇن، ئۇلاردىن بەكمۇ ئۇزاقتا. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار تەبىئىي رەۋىشتە ھۆكۈمەت ئىزچىل بازارغا سېلىپ كەلگەن ‹كومپارتىيە خەلق ئاممىسىغا باش-پاناھ بولمىسا ئەل-قائىدە تەشكىلاتى پەيدا قىلغاندەك پاجىئەلىك ئاقىۋەت سىلەرنىڭ بېشىڭلارغىمۇ كېلىدۇ. چۈنكى بۇ تېرورچىلارنىڭ مەقسىتى دۆلىتىمىزنىڭ پاراۋانلىقى ۋە تىنچلىقىنى بۇزۇش› دېگەندەك سۆزلەرگە ئىشىنىدۇ. چۈنكى خەلق ئاممىسى ھەرقاچان بىرىنچى بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشىدۇ. بۇ خىلدىكى ‹بىخەتەرلىكنى ۋەيران قىلغۇچى› كۈچلەرنىڭ باستۇرۇلۇشى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تەبىئىي رەۋىشتە زۆرۈر بولغان تەدبىرلەر، دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر دېگەننى كۆرۈپ باقمىغان كىشىلەر تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.»

ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا مۇھىت نۇقتىسىدىن ئالغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئۆتكەن نەچچە ئون يىل مابەينىدە جۇغلىغان غايەت زور ئىقتىسادىي قۇۋۋەتنى دەل مۇشۇ خىل ئېھتىياج ئۈچۈن سەرپ قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئ‍ۆزى قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى «تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن ئاقلاشتىن باشقا يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بېسىم بىلەنمۇ ئوڭۇشلۇق داۋام قىلدۇرالىغان. خىتاي بىلەن بولىدىغان غايەت زور سوممىلىق تاشقى سودا، خىتاي ھۆكۈمىتى سالىدىغان غايەت زور سوممىلىق مەبلەغ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كېلىدىغان غايەت زور تاشقى قەرز دېگەندەك كۆپ خىل مەبلەغ شەكلى ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى نامرات دۆلەتلەرنىلا ئەمەس، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىمۇ خىتاينىڭ «سىزغان سىزىقى» بويىچە ماڭىدىغان قىلىپ قويغان. شۇڭا فىلىپ پوتتېرنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاينى ئىقتىسادىي جازا بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى بولغان ساھەلەر بويىچە ئىسكەنجىگە ئېلىشلا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى توختىتىشقا قادىر بولالىشى مۇمكىن.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى شىنجاڭدىن چىقىۋاتقان پاختا ياكى باشقا مەھسۇلاتلارغا قارىتا تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ كەلدى. بولۇپمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق توۋارلارغا تېخىمۇ شۇنداق بولدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى قىرغىنچىلىققا قارشى بارلىققا كەلگەن ئەڭ زور تىرىشچانلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭغا ماس ھالدا بۇ جازا تەدبىرلىرى تېگىشلىك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ جازا تەدبىرلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا مۇئەييەن دەرىجىدە زەربە بەرگەن بولسىمۇ بۇ ‹نەتىجە›لەر خىتاينى قىلىۋاتقان ئ‍ىشلىرىنى توختىتىپ قويىدىغان سەۋىيىدىن كۆپ يىراق. چۈنكى بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خىتاينىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىغا زەربە بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نوپۇزى ۋە مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈنمۇ سوئال بەلگىسى ھاسىل قىلالمايدۇ. خىتاينى توسايدىغان ۋاستە بۇ خىل ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان، خىتاينى پايپېتەك قىلىۋېتىدىغان چارىلار بولۇشى كېرەك. خىتاي پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە ساھەسىدە جۇغلىغان مەبلەغ بۇ خىل جازا تەدبىرلىرى پەيدا قىلغان زىيانلارنى ئوڭايلا تولدۇرۇپ كېتەلەيدۇ. ئەمما بۇ يەردە بۇ خىلدىكى جازا تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىش خاتا بولغان، دېمەكچى ئەمەسمەن. بۇ خىلدىكى جازا تەدبىرلىرى ھازىر بىز قىلالايدىغان ئىشلاردىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار داۋام قىلىشى كېرەك. ئەمما مۇشۇنىڭ بىلەنلا خىتاينى ھازىرقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ خام خىيال قىلىش بالىلارچە ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئېشىپ مېڭىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەشتە بىرلا دۆلەت يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى بۇ مەسىلە ھەققىدە دۇنياۋى بىرلىكسەپ ئورنىتىشنىڭ قەدەملىرىنى بېسىشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ساھەدىكى بەزى خىرىسلارمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئايدىڭلىشىشقا باشلىغان.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.