ياپونلار: ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشنى ئاللانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ دەپ قارايدۇ
2013.04.16

ياپونىيىلىك جەمئىيەتشۇناسلار يېقىندا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان خەلق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئەمەلىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئاشكارىلىغان. ياپونىيىلىك جەمئىيەتشۇناسلار «نوپۇس، سىياسەت ۋە مۇسۇلمانلار» دېگەن ماۋزۇدا بۇ ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسىنى كوللېكتىپ نەشرگە تەييارلىغان.
ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: ئەگەر بىرى سىزگە، خىتايدىكى نوپۇس سىياسىتى توغرىسىدا گەپ ئاچسا، سىز ئەلۋەتتە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئالدى بىلەن كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرىسىز. خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئومۇملاشقان سىياسەت. پىلانلىق تۇغۇت دېگەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نەزىرىدە بالدۇر توي قىلماسلىق، كېچىكىپ توي قىلىش، تۇغۇلۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دېگەندەك قاراشلاردىكى ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ھېچقانداق دىن بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. خىتايدىكى 25 مىليون مۇسۇلمان چوقۇم شەرتسىز بۇ سىياسەتكە بويسۇنۇشى كېرەك. ئەمما خىتايدا، خىتاي مىللىتىنىڭ نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 94% ئى بولغانلىقتىن، خىتاي مىللىتىگە بىر پەرزەنت كۆرۈش، مۇسۇلمانلارغا ئالاھىدە سىياسەت بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىنى يولغا قويغان.
يېقىندىن بۇيان، خىتاينىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى سىياسىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆزگەرتىلىپ، قاتتىق سىياسىي بېسىم ئاستىدا، ئۇيغۇرلارغا باشقىچە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. 1980-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە جانلىق كۈچلەندۈردى. ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي يوسۇندا ئۆز-ئارا نىكاھلىشىپ توي قىلىشىنى توسۇپ، قانۇنىي رەسمىيەتلەر ئارقىلىق نىكاھلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىككى پەرزەنتلىك بولسا بولىدۇ. يېزا، قىشلاقلاردىكىلەر ئۈچ پەرزەنتلىك دەپ بەلگىلەنگەن. 1990-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە ئوغۇللار 23 ياشتا، قىزلار 21 ياشتا توي قىلىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلغانلار كومپارتىيىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى ياردىمىگە ۋە باشقا ئۇششاق نەپلەرگە ئېرىشىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەگەر خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلسىڭىز، جەرىمانىگە ئۇچرايسىز،سىزگە قويۇلىدىغان جەرىمانە كىرىمىڭىزگە قاراپ ئېلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. لېكىن، ئەمەلىيەتتە بۇ جەرىمانە قويۇش سىياسىتى، سىياسەتتە ئېيتىلغاندەك ئۇنداق ئاسان تۆلىگىلى بولىدىغان جەرىمانە ئەمەس. خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ كىرىمىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى پۇل ئېلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ خىلدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشىلىق بىلدۈرمەكتە. خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشىنى ئۇيغۇرلار ئاللانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ دەپ قارايدۇ.
ماقالىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كومپارتىيىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈۋاتقان نارازىلىقلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن ۋىلايىتىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار يەرلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ بۇنداق سىياسەتنى ئىجرا قىلىشىغا قارشى قوللىرىغا پىچاق، توقماق ئېلىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن. 1990-يىلى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك نامايىشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات ئورۇنلىرى كومپارتىيىگە سادىق ئاخۇن، ئىماملاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى ئالدىماقچى بولغان. خىتاينىڭ نەزىرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، ئاخۇنلار ۋە ئىماملار مەسچىتلەردىكى ۋەز ئېيتىشلاردا خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ماس كېلىدىغان، يالغاندىن ئۆزلىرى توقۇۋالغان، ئىسلام دىنىغا يات بولغان يالغان سەپسەتىلەرنى تەشۋىق قىلغان. ھەتتا بىر قىسىم كومپارتىيىگە مايىل ياش «ۋەتەنپەرۋەر» دىنىي زاتلار كومپارتىيىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەپىقىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، تۇغماس قىلىۋەتكەنلىكىنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىپ، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىش كۆرۈشىنى، پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەشۋىق قىلغان. كومپارتىيە بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەپ، خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىسلام جەمئىيەتلىرى ئارقىلىق تەشۋىق قىلدۇرغان. يېقىندىن بۇيان بەزى چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭ سەۋەبىنى بېزىلەر چوڭ شەھەرلەردىكى بالا تەربىيىلەشكە كېتىدىغان ئىقتىسادنىڭ يۇقىرىلىقى دەپ قارىسىمۇ، بېزىلەر بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي بېسىمى دەپ پەرەز قىلماقتا.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارىتا ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىدىن گۈلىستان خانىم ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى نوپۇس جەھەتتىن ئازايتىشنى، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچۈرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى مۇنداق بايان قىلغان: ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ بۇنداق قاتتىق قول بىلەن ئىجرا قىلىنىشىدىكى ئاساسلىق مەسىلە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىدۇر. 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلار پەقەتلا 7% ئىدى.ئۇيغۇرلار بولسا 76% نى تەشكىل قىلاتتى. ھازىر ئۇيغۇرلار 47% گە چۈشۈپ،خىتايلار 40% گە ئۆرلىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى كومپارتىيە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يەنى بىڭتۇەنگە كۆپلىگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىشلەپچىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر، سۇ، كان بايلىقلىرىنى پۈتۈنلەي ئىگىلەپ بولغان. ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى يەرلىك ھۆكۈمەتكە ھېچقانداق بېقىنمايدىغان ئۆزىگە ئۆزى خان، مۇستەقىل بىر ھاكىمىيەت. بۇ ھاكىمىيەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى كومپارتىيە ھۆكۈمىتىدىن باشقا مۇستەقىل بىر ھاكىمىيەت ھېسابلىنىدۇ، ئاھالىسىنىڭ 99% خىتاي مىللىتى. يەرلىرىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ تىرىكچىلىك قىلماقچى بولسىمۇ، ئۇلارغا ئىش تېپىلمايدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ دىنىنى، كىملىكىنى ساقلاشقا تىرىشقانلىقى ئۈچۈن چەتكە قېقىلىپ، ئۆز تۇپرىقىدا كەمبەغەللىك ۋە غۇربەتچىلىك ئىچىدە ھايات كەچۈرىدۇ.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.