ئامېرىكا كلارېمونت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور مىن شىنپېينىڭ «ياپونىيە ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ 12-ئاپرېل سانىدا «بېيجىڭدىكى پىلانلىق سۇيىقەستلەر ۋە قالايمىقانچىلىقلار» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ئاپتور ماقالىسىدە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشى سەۋەبىدىن خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ،ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ قويغان.
شى جىنپىڭ بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان ئاپتور:«يېقىندا خىتايدا ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيىدىكى بەزى بىر ئالامەتلەردىن شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ لى كېچياڭنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى.يىغىن جەريانىدا ئۇ، پەقەتلا كۈلۈمسىرىمىدى شۇنداقلا لى كېچياڭنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدىن كېيىن پۈتكۈل يىغىن ئەھلى چاۋاك چالغان بولسىمۇ، بىراق شى سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالدى» دەيدۇ.
ئۇ ماقالىسىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنياۋى ئاخباراتى ھېسابلىنىدىغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا يۈز بەرگەن شى جىنپىڭ ھەققىدىكى ۋەقەنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر خەۋىرىدە ‹شى جىنپىڭ ئەڭ ئىقتىدارلىق رەھبەر› دېگەن سۆز ئەكسىچە، ‹شى جىنپىڭ ئەڭ ئاخىرقى رەھبەر› دەپ بېسىلغان» دەيدۇ.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا يۈز بەرگەن يۇقىرىقى سەتچىلىكتىن كېيىن دەرھال خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئۇلارنى كومپارتىيىگە ئەگىشىپ خىزمەت قىلىشقا بۇيرۇغان.
ماقالىدە شى جىنپىڭ ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېت تورلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتايدا يەنىلا ئۇنىڭغا قارشى ماقالىلەرنىڭ داۋاملىق ئېلان قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئاپتور:«خىتايدىكى مەشھۇر سودىگەرلەردىن رېن جېچياڭ ئۆز بلوگىدا ‹خىتاي كومپارتىيەسى نېمە ئۈچۈن شى جىنپىڭنى تەكشۈرەلەيمەيدۇ؟› سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي جەمئىيىتىدىكى سودىگەرلەر ۋە زىيالىيلارنىڭ دىققىتىنى چېكىپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى» دەيدۇ.
ئاپتورنىڭ ئېيتىشىچە، رېن جېىچياڭ مەزكۇر ماقالىسىنى ئېلان قىلغاندىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ تور بلوگىنى چەكلىگەن ۋە بانكا ھېساباتىنى توڭلاتقان.
شى جىنپىڭنىڭ ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىشى ۋە ئاخباراتقا چەك قويۇشىدىن خەلقنىڭ بىزار بولغانلىقىنى بايان قىلغان ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ئاخبارات ساھەسىدىكى كۆپلىگەن تەھرىر ۋە مۇخبىرلارنىڭ ئۆز خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
خىتايدا بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي ئېچىلىشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى تەلەپ قىلىنىپ يېزىلغان خەتنى تىلغا ئالغان ئاپتور: «مەزكۇر خەتنى قوللىغۇچىلاردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلدارى جاڭ چۈنشيەن ۋە خىتايدىكى داڭلىق شىركەت ‹ئالىبابا› مۇ بار» دەيدۇ.
2017-يىلى 9-ئايدا خىتايدا چاقىرىلىدىغان 19-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەققىدە توختالغان ئاپتور كېلەر قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىدا يەنە دۆلەت رەئىسى بولۇشنى ئويلاۋاتقان شى جىنپىڭغا ھاكىمىيەت ئىچىدىكى قارشى كۈچلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى پۇقرالارنىڭ بىر پارتىيەلىك ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزلىرىگە نامراتلىقتىن باشقا ھېچنەرسە ئاتا قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتور:«شى جىنپىڭ 2022-يىلىغا قەدەر خىتاي كومپارتىيەسىگە ئۆزىنىڭ باش بولۇشىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىز باسارىنى تەيىنلەپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى داۋاملىق كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. بىراق، ئۇنىڭغا قارشى كۈچلەر ئۇنى تەختىدىن بالدۇرراق چۈشۈرىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دەيدۇ.
ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن مۇستەقىل تەتقىقاتچى يۈكى ساكۇدا يېقىندا پانامادا ئېلان قىلىنغان «پاناما ھۆججەتلىرى»دە شى جىنپىڭ نامىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتى كۈچەيگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ:«شى جىنپىڭنىڭ پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئەمەلىيەتتە،ئۇنىڭ ئۆز رەقىبلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر سىياسىي سۇيىقەست. خىتاي خەلقى ‹پاناما ھۆججەتلىرى›دىن ئەڭ چوڭ خىيانەتچىنىڭ شى جىنپىڭ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى» دېدى.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىقتىسادى تۆۋەنلىگەن، خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارلىرى ئۆز-ئارا ئۆلە - تىرىلىشىغا قارىماي ھوقۇق تالىشىۋاتقان، جەمئىيەتتە ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچلەر توپلانغان بىر پەيت، خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاغدۇرۇۋېتىشنىڭ ناھايىتى ياخشى بىر پۇرسىتى ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدىكى زىيالىيلار، داڭلىق سودا-كارخانا خوجايىنلىرى شى جىنپىڭغا قارشى زور كۈچ تەشكىللىگەن بولۇپ، ئەگەر بۇ خىل قارشىلىق كۈچى ئاۋام خەلقنىڭ كۈچى بىلەن بىرلىشىپ بىرلىكتە پارتىلىسا، شى جىنپىڭ بىلەن تەڭ خىتاي كومپارتىيەسىمۇ گۇمران بولىدىكەن.
ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىدىن كېنشى تارو ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا بېرىلىۋاتقان خىتايدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى پروگراممىلارنى كۆرگەندىن كېيىنكى ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ:«ھازىر خىتايدا ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ كۆپلىگەن زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىشى بىلەن تەڭ ئىشسىز قالغان ئىشچىلار ھۆكۈمەتتىن ئۆزلىرىنىڭ بېرىلمەي قالغان ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىپ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا خىتاي كومپارتىيەسى خىتايدا ئۇزۇندىن بۇيان ھەل قىلىنمايۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئەگەر،خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق -ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇيغۇر، تىبەتلەردىكى كۈچلۈك دىنىي ئېتىقادتىن كېلىپ چىقىدىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاقىۋەتتە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن» دېدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.