«پومېشچىك تۇتۇش» كارتىلىرىدىكى «پومېشچىك» ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلارغا نېمىنى تەرغىب قىلىدۇ؟ (1)

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىدا توردا ئويناشقا بولىدىغان «پومېشچىكلار تالىشىش ئويۇنى» نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى تارقالغانلىقى مەلۇم بولدى. ئەسلى خىتايچە ئويۇننىڭ نامىدىكى «تۇتۇش» ياكى «كۈرەش قىلىش» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يۇمشىتىلغان ھالدا «تالىشىش» دەپ تەرجىمە قىلىنىشى دەسلەپ بولۇپ بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىدى. ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەقسىز ئويۇن دېتالىنى ئورنىتىپ ئويۇن ئويناش ئارقىلىق تېلېفونغا كېرەكلىك سۆزلىشىش ھەققى ئۇتۇش مۇمكىن ئىكەن. ئۇيغۇرلاردا 1980-يىللاردىن كېيىن بىر مەھەل ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان «پومېشچىك» ئاتالغۇسىنىڭ كومپيۇتېر ئويۇنىنىڭ نامى شەكلىدە قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇيغۇرلارغا بەزى سوئاللارنى ئېلىپ كەلدى. بىرنەچچە يىل مابەينىدە «ياپون ئالۋاستىلىرىنى يوقىتىش» نامىدىكى بىر يۈرۈش كومپيۇتېر ئويۇنلىرىنىڭ كەڭ مىقياستا تارقىلىشى نۇرغۇن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ياپونىيەگە بولغان تارىخىي ئۆچمەنلىكى ئۈچۈن بىر روھىي مەلھەم بولغانلىقى مەلۇم. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرى، ئۇيغۇرلار دىيارىدا 1980-يىللارغىچە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەپ كېلىۋاتقان «پومېشچىك» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا 90-يىللاردىن كېيىن ئەۋج ئالغان سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى تەشۋىقاتلاردا ئىزچىل قوللىنىپ كېلىنگەن «مىللىي بۆلگۈنچى» ئاتالغۇسىنىڭ چىققانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنداق بولسا 1980-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئانچە تونۇشلۇق بولۇپ كەتمىگەن «پومېشچىك» لار قانداق ئادەملەر؟ بۇ ھەقتە كانادادىكى سىياسىي ئانالىزچى غۇلام ياغما ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

دەرۋەقە «پومېشچىك» ئاتالغۇسى ئۇيغۇرلار دىيارىدا كۆپ قېتىملاپ سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. 2002-يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيەسى زور چىقىم بىلەن ئىشلىگەن «قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى» ناملىق فىلىم پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا داغدۇغا بىلەن تارقىتىلغانىدى. فىلىمدا نەچچە ئەۋلادقىچە ئۇيغۇر پومېشچىكلىرىنىڭ زۇلۇمى ۋە ئىقتىسادىي تالان- تاراجلىرى تۈپەيلىدىن قورسىقى تويغۇدەك كىيىم، ئۇچىسى ئىللىغۇدەك كىيىم كۆرمىگەن تىپىك ئۇيغۇر دېھقان قۇربان تۇلۇمنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شاپائىتى بىلەن جەۋرى زۇلۇمدىن خالاس بولۇپ، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكى، بۇنىڭدىن چەكسىز مىننەتدار بولغان قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭدىكى ماۋ زېدۇڭغا ئۆز رەھمىتىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن ئېشەك مىنىپ بېيجىڭغا بارغانلىقىدەك بىر تىپىك ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ. قۇربان تۇلۇمنىڭ ھېكايىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھېچكىمگە ناتونۇش ئەمەس. مەزكۇر ھېكايە 1950-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار دىيارىدا يۈرگۈزۈلگەن يەرلىك ئۇيغۇر بايلىرىغا ۋە پومېشچىكلارغا قارشى سىياسىي كۈرەشنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتتىكى ئىنكاسى بولغان بولسا، 1980-يىللاردا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان «گاۋ يۈباۋ» رومانىدىكى «جۇ زالىمنىڭ يېرىم كېچىدە خورازنى دوراپ چىللىشى» دەك ۋەقەلىكلەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلۈپ، پومېشچىكلارنىڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ قان تەرىنى شورىغۇچى تەبىئىتىنىڭ ئەدەبىي تەسۋىرى شەكلىدە ئۇزاق يىللارغىچە دەرسخانىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. مۇشۇ تەرىقىدە «پومېشچىك» دېگەن ئۇقۇم خۇددى ۋابا كېسىلىگە ئوخشاش بىر قورقۇنچلۇق ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئوتتۇز نەچچە يىل مابەينىدە سىياسىي تەشۋىقاتتىكى مەڭگۈلۈك ماۋزۇ سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق كۆزگە كۆرۈنگەن جامائەت ئەربابلىرىدىن ئەھمەد مۆمىن ھاجى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئەينى ۋاقىتتا قۇربان تۇلۇم ئېشەك مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ئۆزىنى پومېشچىكلارنىڭ جەۋرى-زۇلمىدىن ئازاد قىلغان ماۋ زېدۇڭغا ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئۇيغۇرلار دىيارىدا پومېشچىكلارنىڭ زۇلۇمى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ، كومپارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش ئورنىغا 2013-يىلى بىر ئائىلە ئۇيغۇرنىڭ تيەنئەنمېنغا بومبا باسقان ئاپتوموبىلدا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئەھمەد ھاجى ئۆز قاراشلىرىنى ئېيتىپ ئۆتتى.