دەرۋەقە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى «خەلقنى زۇلۇمدىن ئازاد قىلىش» دېگەن شوئار ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە كىرگەن يىللاردا كۆپلىگەن يەرلىك ئۇيغۇر بايلىرىغا «پومېشچىك» دېگەن قالپاق كىيگۈزۈلگەنلىكى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ ئۆزلىرى ئېغىر جازالانغانلىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سىر ئەمەس. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە كانادادىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىسى غۇلام ياغما ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇرلاردىكى ئائىلە قۇرۇلمىسىغا بېغىشلانغان دوكتورلۇق ماقالىسىنى ئىشلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە بېرىپ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش جەريانىدا مەشھۇر تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئىنى ئۇستاز تۇتقان ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس ۋىلليام كلاركنىڭ ماقالىسىدىن بەزى مەلۇماتلارنى ئېلىش مۇمكىن. ئۇ ئۆزىنىڭ 1990-يىللىرىدىن باشلاپ ئىبراھىم مۇتىئى بىلەن قىلغان شەخسىي سۆھبەت خاتىرىسىنى رەتلەپ«ئىبراھىمنىڭ سەرگۈزەشتى» ناملىق بىر ئۇزۇن ماقالە يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 1930- يىللىرى خەلقئارا سودا قىلىش ئارقىلىق زور دەرىجىدە بېيىغان يۈسۈپ باي ئىسىملىك تۇرپانلىق سودىگەر كىشى 1950-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە«باي پومېشچىك» دەپ قالپاق كىيدۈرۈلۈپ نەچچە يىل تۈرمىدە ياتقان. كېيىنچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇرلارنى بايلارنى ۋە پومېشچىكلارنى تەنقىدلەش، ئۇلارنىڭ خەلقنى قانداق بوزەك قىلغانلىقىنى پاش قىلىشقا تەشكىللىگەن مەزگىللەردە تۇرپاندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار«بۇ ئادەم ھېچبىر يامانلىق قىلمىغان» دەپ پىكىر قىلغان. كوممۇنىست كادىرلار بۇنىڭدىن تېرىكىپ خەلقنى ئۇنىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشقا بۇيرۇغان. ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندە يېشى 90 دىن ئاشقان بۇ مويسىپىت ۋاپات بولغان. يۈسۈپ باينىڭ ناھايىتى دانا ۋە پاراسەتلىك«پومېشچىك» ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىبراھىم مۇتىئى ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل مەھەللىنىڭ توپلىنىپ يۈسۈپ باينىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشقانلىقىنى، يۈسۈپ باينىڭ«پومېشچىك» دېگەن سىياسىي قالپىقىنىڭ مەلۇم بولۇشىغا قارىماي يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مېيىتنى دەپنە قىلىشقا تولۇق قاتناشقانلىقىنى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەرھۇمغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئىبراھىم مۇتىئى شەخسەن يۈسۈپ باينىڭ نەقەدەر خەلقپەرۋەر، مەرد ۋە كۆيۈمچان بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ھەرقاچان يۇرتتىكى نامراتلارغا قولىدىن كېلىشىچە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، شۇنداقلا ئۆزى ياش ۋاقتىدا كۆرگەن ئۇيغۇر پومېشچىكلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ يۈسۈپ بايغا ئوخشاش كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى پومېشچىكلار خەلقنىڭ قېنىنى شورىغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ باي پومېشچىكلىرى ھەرقاچان خەلقپەرۋەر كىشىلەردىن بولغان ھەمدە بۇ جەھەتتە خىتاي پومېشچىكلاردىن زور دەرىجىدە پەرق قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن خەلقنىڭ ھەققىنى يېگۈچى زالىملاردىن بولماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنى غۇلام ياغما ئەپەندى ئۇلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئىبراھىم مۇتىئىغا ئوخشاش ئەينى زاماندىكى ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن غۇلامىدىن پاختا ئاكا ھازىر 85 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ھۆرمەتلىك جامائەت ئەربابلىرىدىن بىرى. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ شەخسەن بايانىغا ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ دادىسىمۇ ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردە كۆزگە كۆرۈنگەن چوڭ«پومېشچىك»لاردىن بولغان ئىكەن. بىز ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ ۋە خىتايلار«پومېشچىك»دەپ تەرىپلىگەن كىشىلەرنىڭ زادى قانداق خاراكتېردىكى كىشىلەردىن بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇنىڭ بايان قىلغانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئىبراھىم مۇتىئىنىڭ ۋىلليام كلاركقا ئېيتقانلىرى بىلەن ئوخشاش چىقتى. غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىنىڭ ئەسلىمىلىرىگە ئاساسلانغاندا شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر بايلىرى يالغۇز خەلقنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىغا ياردەم بەرگۈچى كىشىلەردىن بولۇپ قالماي، يەنە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجلىرىدىن بىرى بولغان مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەسىنىڭمۇ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن بولغان ئىكەن.