زۇلمەتكە مەشئەل بولغان ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00

ئۇلار ئۆلمىدى، بەلكى زۇلمەتكە مەشئەل بولدى!

24-نويابىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان بىر ئولتۇراق بىناغا ئوت كېتىپ، بىرمۇنچە ئۇيغۇرنىڭ كۆيۈپ ئۆلىشىدەك ئېغىر پاجىئە كېلىپ چىقتى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئاران 10 دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئورۇنلىرىدىن دەلىللىشىچە، ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ ياكى ئىس-تۈتەكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 40 تىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. دىققەت قوزغايدىغان بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر ۋەقە خىتاي خەلقىنىڭ پۈتكۈل خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا ئومۇميۈزلۈك قوزغىلىپ، كوچىلارغا تۆكۈلۈپ، ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە، ھەتتا خىتاي كومپارتىيەسى، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ تەختتىن چۈشىشىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىشىغا سەۋەب بولدى.

بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ قېتىملىق پاجىئە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بىردىنبىر پاجىئە ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغاندىمۇ، جازا لاگېرلىرىغا قامالغاندىمۇ، «تېرورچى» ۋە «بۆلگۈنچى» ئاتىلىپ جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىدىن سىقىپ چىقىرىلغاندىمۇ، «ئوغرى-يانچۇقچى» ئاتىلىپ، چەتكە قېقىلغاندىمۇ، خىتاي خەلقى بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كوچىلارغا تۆكۈلۈپ باقمىغان، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياش تۆكۈپ، ئاۋاز چىقارمىغان، ھۆكۈمەتكە قارشى بۈگۈنكىدەك ھەرىكەتكە ئۆتۈپ باقمىغانىدى. ھەتتا 1989-يىلىدىكى ‹تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى›دىمۇ شۇنچە كۆپ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەھشەتلىك قىرغىن قىلىنىشىمۇ خىتاي خەلقىنىڭ بۈگۈنكىدەك كوچىلارغا چىقىشىغا سەۋەب بولالمىغانىدى. ئۇنداقتا، بۈگۈن ئۇلارنى كوچىلارغا ئېلىپ چىققان كۈچ زادى نېمە؟ بۇ ئوت ئاپىتى نېمە ئۈچۈن پۈتكۈل خىتاينى لەرزىگە سالالىدى، قانداق قىلىپ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى تەۋرەتكۈدەك بىر نارازىلىق ھەرىكىتىگە پىلتە بولالىدى؟

ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ۋە مىللەت ھالقىغان نامايىش

24-نويابىر يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان نەق مەيدان سىن كۆرۈنۈشلىرى، سۈرەتلەر ۋە ئاۋازلىق ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرلىرى سەۋەبلىك يۈز بەرگەنلىكى ئېنىق ئىدى. چۈنكى بۇ ۋەقە دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز كۈندىن بۇيان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى داۋام قىلىۋاتقاندا يۈز بەردى.

ئاشكارىلانغان نەق مەيدان ئۇچۇرلىرى ۋە ئۈرۈمچىدىكى كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىق سىنلىرىدىن قارىغاندا، ئوت كەتكەن بىنادىكى ئىشكلەرنىڭ قۇلۇپلىرى سىم بىلەن پىچەتلىۋېتىلگەن، چىقىش ئىشىكى تۆمۈر رىشاتكىلار بىلەن پاياتلانغان. ھەتتا بىنادىكى جىددىي چىقىش ئېغىزىمۇ پۈتۈنلەي پىچەتلىنىپ، تاساددىپىي ھادىسىلەر كۆرۈلگەندە قېچىش ئىمكانىمۇ ئۈزۈپ تاشلانغان. ئوت كەتكەن ۋاقىتتا بىنا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوت ئۆچۈرۈش بۇيۇملىرىمۇ ئىشلىتىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئىشقا يارىمىغان. تېخىمۇ مۇھىمى، ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى بىلەن ئوت كەتكەن بىنانىڭ ئارىلىقى بىر كىلومېتىرغىمۇ بارمايدىغان ھالەتتە يېقىن بولسىمۇ، لېكىن ئوت ئۈچ سائەتتىن كېيىن ئاران ئۆچۈرۈلگەن. چۈنكى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى ئوت كەتكەن مەھەللىگە كىرىشتە، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» ئۈچۈن قوپۇرۇلغان تۆمۈر توساقلارغا دۇچ كەلگەن. بىنادىكى كىشىلەر ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئوت ئىچىدە قاتتىق نالە-پەرياد قىلىۋاتقاندا، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر نەچچە سائەت ۋاقتىنى ئەنە شۇ توساقلارنى بىر بىرلەپ قومۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولغان. تۆمۈر توساقلاردىن سىرت، بىنا ئەتراپىدا ئىگىلىرى نەچچە ئايدىن بۇيان ئۆيىگە قامىلىپ، ھەيدەكسىز قالغان ماشىنىلارنىمۇ يۆتكەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان. نەق مەيداندىن تارقالغان بىر سىندا، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئوت كەتكەن بىناغا سۇ پۈركەۋاتقانلىقى، ئەمما سۇنىڭ ئوت كۆيۈۋاتقان دائىرىگە يېتىپ بارالمايۋاتقانلىقىدەك بىر كۆرۈنۈشنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئاشۇ توساقلار ۋە ھەيدەكسىز تۇرغان ماشىنىلار سەۋەبلىك نەق مەيدانغا يېقىنلىشالمىغانلىقىنى، ئوتنى ۋاقتىدا ئۆچۈرەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى دەپ قارالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئوت ئاپىتى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، ئوت ئاپىتىدە 10 ئادەم ئۆلۈپ، 9 ئادەم يارىلانغانلىقى، ۋەقەنىڭ بىنانىڭ 15-قەۋىتىدىكى بىر ئۆينىڭ توك مەنبەسىدىن چاتاق چىقىشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەنلىكى، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ ئۈچ سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئوتنى ئۆچۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەقەدە قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغانلار ئاساسەن ئوت ئاپىتىدىن چىققان ئىس-تۈتەكتىن زەھەرلەنگەنلىكى، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بىنانىنىڭ تۆۋەن يۇقۇم رايونىغا تەۋە بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن قېچىپ چىقىش ياكى ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش شارائىتى تولۇق بولۇپ، ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىمكانى تامامەن بارلىقى، ئەمما ئۆلگۈچىلەرنىڭ بىنادىن قېچىپ چىقماي ياكى ئوتتىن مۇداپىيەلىنىش بىلىملىرى كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن قازاغا ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان. دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ، مەزكۇر ئوت ئاپىتىنىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تەدبىرلىرى بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى، ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلەرنىڭ ‹ئۆزىنىڭ تەدبىرسىزلىكى› سەۋەبلىك ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى بۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئاقلىماقچى بولغان.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى بۇ خىل باياناتىدىن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى قاتتىق نارازى بولغان. بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇم قامىلى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقىغا دائىر تۈرلۈك ئىسپاتلار خىتاينىڭ ئالاقە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنى بىر ئېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يالغانچىلىقى ئاشكارىلانغان. دېمەك، ۋەقە يۈز بەرگەن بىنا خىتاي باياناتىدا ئېيتىلغاندەك قامال تەدبىرى يېنىك بولغان ‹تۆۋەن يۇقۇم رايونى›دا بولماستىن، بەلكى ‹خەتەرلىك يۇقۇم رايونى›غا جايلاشقان. بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر بىنانىڭ ھەتتا بىخەتەر چىقىش ئېغىزىمۇ، تاساددىپىي ھادىسلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، پۈتۈنلەي پىچەتلەنگەن. كىشىلەر ئۈچۈن ئوت ئاپىتىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشتا ئوننەچچە قەۋەتلىك بىنادىن تۆۋەنگە سەكرىمەكتىن باشقا ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالدۇرۇلمىغان.

پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدا دائىرىلەرنىڭ قىلىۋاتقان خۇپسەنلىكى كىشىلەرنىڭ قاتتىق نەپرىتىگە دۇچ كەلگەن. بۇ غەزەبنىڭ تۈرتكىسىدە 25-نويابىر خىتاي تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان، خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مىللەت ھالقىغان ھېسداشلىقى، ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا ئورتاق ئىگە چىقىش دولقۇنى يۇقىرى چەككە كۆتۈرۈلۈپ، كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كوچىلارغا تۆكۈلۈپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش باشلانغان. بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل خىتاي مىقياسىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن مىللەت ھالقىغان چوڭ قارشىلىق ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ. نامايىش مىللەت، دىن، ئېتىقاد ئايرىماستىن تىغ ئۇچىنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارىتىپ، تېز سۈرئەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىغا كېڭەيگەن. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدىمۇ قانداق، 26-نويابىر كۈنى يەنە بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنىڭ ‹غەلىبىلىك تاماملانغان›لىقىنى، قامال تەدبىرىلىرىنىڭ بىر-بىرلەپ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما بۇ بايانات ئۈرۈمچىدىكى خەلقنىڭ نامايىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە يول ئاچقان. دېمەك، ئۇيغۇرلار ھاياتى بىلەن يورۇتقان ئەركىنلىك مەشئىلى، خىتاي قۇرغان غايەت زور مۇستەبىتلىك زەنجىرىنى كۆيدۈرۈشكە باشلىغان.

نامايىشنىڭ كېڭىيىشى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەت ھالقىغان قارشىلىق نامايىشىنىڭ تەسىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خەلقلەر پەقەت ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىدىلا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتىن، كوچىلارغا چىقىپ، ئۆز مەيدانىنى جاكارلاشقا يۈزلەنگەن. گەرچە ئاتالمىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسىدىكى قامال باشلانغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەزكۇر قامال سىياسىتى نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلۈشى، ئاچارچىلىق، يوقسىزلىق، نامراتلىق قاتارلىق تۈرلۈك پاجىئەلەر ۋە بىر قىسىم شەھەرلەردە كوللېكتىپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى مەيدانغا چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھېچبىرى بۈگۈنكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان ئۇيغۇرلاردەك كىشىلەرنى ھۆكۈمەتكە قارشى زور كۈچ بولۇپ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولالمىغانىدى. ئەمما ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈمى خىتاي تارىخىدا ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغان غايەت زور قارشىلىق ھەرىكىتىنى مەيدانغا ئېلىپ چىقتى. 26-ئىيۇن خىتاينىڭ ھەرقايسى چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئۇيغۇرلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى. خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىلىم يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر خىتاي قىزى ئاق قەغەزنى كۆتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىگە بولغان ھېسداشلىقى ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ‹ئاق قەغەز ھەرىكىتى›گە يول ئاچتى. ئارقىدىنلا پۈتكۈل چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار قوللىرىغا ئاق قەغەز ئېلىپ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارغا بولغان تەزىيەسىنى بىلدۈرۈشكە باشلىدى. شۇنداق قىلىپ خىتايدا 51 دىن ئارتۇق مەكتەپلەردە ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان ئۇيغۇرلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىشلار بۇنىڭ بىلەن بېسىققىنى يوق، ئەلۋەتتە. شاڭخەي شەھىرىدىكى «ئۈرۈمچى كوچىسى» دەپ نام بېرىلگەن بىر كوچىدا شاڭخەيلىكلەر ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىقىنى بىلدۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى نامايىش ئېلىپ بارغان. بۇ نامايىشى تېزلا زورىيىپ، خىتاينىڭ ۋۇخەن، نەنجىڭ قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلىرىگە كېڭەيگەن. چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش ھەممەيلەن كوچىلارغا تۆكۈلۈپ، كوچا-كوچىلاردىكى يۇقۇم سىياسىتى نامىدا قۇرۇلغان تۆمۈر توساقلارنى قومۇرۇپ تاشلاشلار، ھەتتا ھۆكۈمەت خادىملىرى، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشلار يۈز بېرىشكە باشلىغان. 40 نەچچە ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى بىلەن يېقىلغان ئوتنىڭ بۇ قەدەر زورىيىپ، پۈتۈن خىتاينى يورۇتۇشىنى ھېچكىم خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. ئەمما بەزىدە ئىشلار مانا مۇشۇنداق تاساددىپىيلىقلار ئىچىدە تۇيۇقسىز يۈز بېرىپ، كىشىلەر ئويلىمىغان نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۈگۈن 28-نويابىر بولۇپ قالغان بولسىمۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بۇ غەزەب-نەپرەت بېسىلغىنى، ئۈرۈمچىدىن تۇتاشقان بۇ ئوتلار تېخى ئۆچكىنى يوق! ئەمما ئىشلارنىڭ زادى قانداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىشىغا ھازىرچە بىر نەرسە دېمەك تەس.

***بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.