ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا دۇنيانى لەرزىگە سالغان زور تارىخىي ۋەقە بەرگەن بولۇپ، بۇ دەل سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدۇر. ھالبۇكى، مۇشۇنداق زور بىر تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بېرىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرىقى رەھبىرى مېخائېل گورباچېۋ 30-ئاۋغۇست كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. گورباچېۋ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى سۈپىتىدە ۋەزىپىدە ئۆتىگەن ئالتە يىل جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا، بالتىق رايونى، شەرقىي ياۋروپا، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيا تارىخىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم بىر سىياسىيوندۇر. خەلقئارا جەمئىيەت ئۆز دەۋرىدە گورباچېۋنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھالارنى بەرگەن ئىدى.
گورباچېۋ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان ۋاقىتلار، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى سەۋەبلىك ئېغىر ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كىرىزسلارغا پاتقان دەۋرى ئىدى. ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن. ئۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى سەۋەبلىك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا بىلەن داۋام قىلىۋاتقان ھەربىي تەييارلىقلار رىقابىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۇنجى قېتىم يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش قارارىنى ئالغان. ئۇ يەنە 1988-يىلى ئافغانىستاندىن سوۋېت ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ، سوۋېت-ئافغانىستان ئۇرۇشىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇرغان. ئۇ ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئىسلاھاتلار نەتىجىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا «قايتا قۇرۇش» ۋە «ئاشكارىلىق» دەۋرى باشلىنىپ، سوۋېت پۇقرالىرى ئۈچۈن پىكىر ۋە ئېتىقاد جەھەتتە ئەركىنرەك بولغان بىر مۇھىت يارىتىلغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئەركىن بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئاچان. ئەمما گورباچېۋنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى ئالىقاچان كىرىزىس پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ كەتكەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ساقلاپ قالالمىغان. 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى گورباچېۋنىڭ پرېزدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپاھ بېرىشى بىلەن سوۋېتلەر ئىتتىپاقى رەسمىي پارچىلانغان.
گەرچە غەرب دېموكراتىك ئەللىرى گورباچېۋنىڭ ھاياتىغا ناھايىتى يۇقىرى باھالارنى بەرسىمۇ، ئەمما خىتاي ئىزچىل يوسۇندا گورباچېۋنى «سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۆرىنى قازغۇچىسى» دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئۇنداقتا، خىتاي نېمە ئۈچۈن گورباچېۋنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرى، ئاشكارىلىق سىياسەتلىرى ۋە دېموكراتىيە جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭغا سەلبىي باھا بېرىدۇ؟
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بارلىققا كەلگەن خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدە قۇرۇلغانلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۆلىشى بىلەن خىتايدا ھاكىمىيەت بېىشىغا چىققانلىقى، ھېچكىمگە سىر ئەمەس. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل يوسۇندا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن. لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇيۇقسىز پارچىلىنىشى، خىتاينى ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە جىددىي قارار ئېلىشقا مەجبۇرلىغان.
مەلۇم بولغىنىدەك، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە داۋالغۇش دەۋرىدە تۇرغان 80-يىللاردا خىتايمۇ ئاتالمىش «ئىسلاھات» ۋە «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغان مەزەىللەر بولۇپ، بۇ دەۋر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى زور ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولغان بىر دەۋر ئىدى. ھالبۇكى، «ئىسلاھات» نىڭ باشلىنىشى بىلەنلا تارقىتىۋېتىلگىنىگە 5-6 يىللار بولغان بىڭتۇەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور بىر تارىخىي شۇملۇقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. دېگەندەك، بىڭتۇەننىڭ ئاسارىتى ۋە زوراۋانلىقى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ئوتكەن يىگىرمە نەچچە يىلدا نۇرغۇن تالاپەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. خىتاي باشلىغان «ئىسلاھات» ۋە «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتى ئەينى ۋاقىتتا گەرچە ئۇيغۇرلاردا مەلۇم ئۈمىدلەرنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىڭتۇەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى بۇ ئۈمىدلەرنى كۆپۈككە ئايلاندۇرغان ئىدى.
ھالبۇكى، خىتاي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا «تۈزۈم ئۆزگەرتمەسلىك» تە چىڭ تۇرۇش، پەقەت ئىقتىسادنىلا تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى تۇتقان بولۇپ، بۇ يول سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىققان نىكىتا خرۇشېۋ تەرىپىدىن 1956-يىلىدىن كېيىن ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلاردىن تۈپتىن پەرقلىنەتتى.
خىتاي ئىسلاھات قارارىنى ئالغانغاندىن كېيىن، ئىسلاھاتقا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بارلىق ئامىللارنى تۈگىتىپ، تېنچ تەرەققىي قىلىشنى تاللىدى. بۇنداق بىر تاللاش سەۋەبلىك خىتاي ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بۈيۈك قوشنىسى-سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خرۇشېۋ دەۋرىدە بۇزۇلغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش زۆرۈر بولۇپ قالدى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا بىڭتۇەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلاردا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان مۇستەقىللىق ئىستەكلىرىنى توسۇپ قالغىلى، يەنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي قالايمىقانچىلىقنى بىڭتۇەن ئارقىلىق تېزگىنلەپ تۇرغىلى بولاتتى.
شۇنىسى ئېنىقكى، بىڭتۈەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك ئستەكلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولدى. 1985-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈرۈمچىدە يىغىلىپ، ھەپتىلەرچە داۋاملاشقان زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ باردى. بۇ نامايىش ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسىي جايلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىچكىي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەمۇرىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىغا بولغان تاجاۋۇزى بولۇپ، نامايىشچىلارنىڭ شۇئارلىرىدا «خىتايلار شىنجاڭدىن چىقىپ كەتسۇن! مۇستەقىللىق ياشىسۇن!» دېگەن ئاۋازلار ئەڭ كۈچلۈك ئىدى. 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى يەنە بىر قېتىم ئۈرۈمچى كوچىلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ، «دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك» شۇئارىنى توۋلىغان، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەڭسىز سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
باراۋەرلىك، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازلىق بىلدۈرۈشنىڭ كەينىدە ئەلۋەتتە تەڭسىزلىك، زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقلەر مەۋجۇت ئىدى. بۇنداق بىر نارازىلىقلار خەلقئاراغا ئاڭلىتىلغاندا، خىتاينىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات پىلانلىرى خەلقئارادا زور توسالغۇلارغا دۇچار بولۇشى ئېنىق ئىدى. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئاۋازىنى خەلقئاراغا قانداق شەكىلدە ئاڭلىتىش مەسىلىسى، خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە دۆلەت ئەمىنلىكىگە تاقىلىدىغان مۇھىم ئامىل ئىدى.
دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار بىڭتۇەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى بىلەن تېخىمۇ ئېغىر قىسمەتلەرگە يۈزلەندى. 1991-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈرۈلگەندە، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي مۇستەقىللىقى ۋە ھۆرلۈكىنى قولىغا ئالغان قېرىنداشلىرىغا قاراپ تولىمۇ خۇش بولغان ۋە ئۈمىدلەنگەن ئىدى. چۈنكى بۇ ھادىسە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگىمۇ ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلىغانىدى. ھالبۇكى، دېڭ شياۋپىڭ 1987-يىلى «مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بىز فېدىراتسىيە تۈزۈمىنى قوللانمىدۇق، بەلكى مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق. چۈنكى بۇ تۈزۈم خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدۇ» دېيىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ، ئۆز مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئېلىشغا ھەرگىز پۇرسەت بەرمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، يەنى 1989-يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتايدا تۈزۈلمە ئۆزگەرتىپ، دېموكراتىيەلىشىشنى تەلەپ قىلغان زور نامايىشى پارتىلىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى، ھەتتا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق زور نامايىشىنىڭ مۇھىم يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئۆركەش دۆلەت ئىدى! دەرۋەقە، دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئەمما تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش قارىشى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، ھەتتا خىتايدىكى بارلىق خەلقلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىش كىرىزىسى خىتايدىمۇ باش كۆتۈرۈشكە ئازلا قالغانىدى. ئەمما بۇ قارشىلىقلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قوراللىق باستۇرۇشى بىلەن قانلىق پاجىئە ئىچىدە نەتىجىلەندى.
دەرۋەقە، سابىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا بۇنداق بىر ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىش يوللىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللاردىلا پۈتۈنلەي توسۇلغانىدى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا «ئۈچ خىل كۈچ» (تېرورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىك) قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارنى خىتايغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنياغىمۇ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان «تېرورچى» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى. ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلگەن بۇ قالپاق گەرچە ئۇيغۇرلارنى تولۇقى بىلەن بويسۇندۇرالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى باشقا ھەر قانداق مىللىي توپلۇقلارنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى.
دېمەك، خىتاينىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان كوممۇنىزم لاگېرىدىكى سىياسىي كىرىزىستىن قۇتۇلۇپ قېلىشىدا ئۇيغۇرلارغا كىيدۈرگەن «ئۈچ خىل كۈچ» قالپىقى ۋە بۇ قالپاق ئاستىدىكى ئاتالمىش «قانۇنلۇق» باستۇرۇشلىرى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. دەرۋەقە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىللىنىشى خىتايغا غايەت زور دەرس بەرگەن ئىدى، گورباچېۋنىڭ 1991-يىلىدىكى تارىخىي قارارى خىتاي كومپارتىيەسىنى قاتتىق چۆچۈتكەن ۋە سەگىتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان خىتاي مىللەتلەر سىياسىتىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە درامماتىك ئۆزگىرىش ياساپ، قاتتىققول باستۇرۇشنى يەرلىك مىللەتلەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسلىق يولىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. خىتاي، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن ئالغان ئاچچىق ساۋاقلارنى ۋە دەرسلەرنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشتا قوللاندى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1996-يىلى چىقارغان «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» دەل مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە ئوچۇقچىلىققا چىققان ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى تىپتىكى زۇلۇمنىڭ، قاباھەتلىك قىسمەتلەرنىڭ باشلىنىشىلا بولۇپ قالماسستىن، بەلكى يەنە بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭمۇ سىگنالى بولغان ئىدى.
***ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.