2015 - يىلى قازاقىستان ئىقتىسادى نېمىنى كۈتۈۋاتىدۇ؟

0:00 / 0:00


يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە رۇسىيەنىڭ ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە رۇسىيە، قازاقىستان ۋە بېلورۇسىيەدىن تەركىب تاپقان «ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ كېلەچەك پائالىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا.

ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادىي ئېمبارگو نەتىجىسىدە رۇسىيەدە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر ۋە بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بېلورۇسىيە، قازاقىستان ۋە باشقىمۇ مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە يۈتكۈزۈۋاتقان تەسىرى ئەتراپىدا كۆپلىگەن بەس - مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا. رۇسىيەنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن؟ يېڭى كىرىپ كەلگەن 2015 - يىل قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟ ھازىر كۆپلىگەن قازاقىستانلىق ئىقتىسادشۇناسلارنى، مۇتەخەسسىسلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇنداق سوئاللار ئويلاندۇرماقتا.

يېقىندا قازاقىستاننىڭ «كاپىتال. كز» ئاخبارات مەركىزىدە ئېلان قىلىنغان «تەخمىنلەر: قازاقىستان ئىقتىسادى نېمىنى كۈتۈۋاتىدۇ؟» ناملىق ماقالىدە 2014 - يىلنىڭ، نېفىت باھالىرىنىڭ ئەرزەنلىشى ۋە گېئوسىياسەت ھەم ئىقتىسادتا ئومۇمىي تۇراقسىزلىقنىڭ باشلىنىشى بىلەن تاماملىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەنە شۇ ۋەزىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان كېلەچەكتە قانداق ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن، دېگەن مەسىلە ئەتراپىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاراشلىرى بېرىلگەن.

«فىۋو» كومپانىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى يۇرىي سىگۇشنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلنىڭ فېۋرال ئېيىدا يۈز بەرگەن قازاقىستان تەڭگىسىنىڭ ئەرزەنلىشى يېقىنقى ئارىدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەنە شۇ ۋاقىتتا تەڭگىنىڭ كۈچسىزلىنىشى پۈتكۈل تىجارەتچىلەرنىڭ ئىشىغا ۋە ئاھالىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا سەلبىي تەسىرىنى يەتكۈزگەن ئېدى. شۇ ۋاقىتتىن بېرى قازاقىستان بانكلىرىدا ئاھالىگە نېسىيگە پۇل بېرىش مەسىلىسى جىددىي ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى ۋە شۇنداقلا ئىجتىمائىي پروگراممىلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشلىرى ئالدىدا توسالغۇلۇقلار پەيدا بولدى.

ئىقتىسادچى پيېتر سۋويىك بۇ قېتىمدا تەڭگىنىڭ ئەرزەنلىشىش يولىغا چۈشۈپ قالماسىلىقى ئۈچۈن قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ ۋە مىللىي بانكا سىياسىتىنىڭ بارلىق چارىلەرنى كۆرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ ئالدىدا يېڭى قىيىنچىلىقلارنىڭ تۇغۇلۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھازىر كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن قازاقىستان ئىقتىسادىدا بولىدىغان سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى رۇسىيەدىكى ئەھۋال بىلەن باغلاشتۇرماقتا. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا قازاقىستان ھۆكۈمەت رەھبىرى كەرىم مەسىموف قازاقىستاننىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە رۇسىيەگە بېقىندا بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ بۈگۈنكى قازاقىستان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، ئۆتكەنكى يىلنىڭ 24 - نويابىرىدىن باشلاپ رۇسىيە رۇبلىنىڭ ئەرزەنلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىنىڭ رۇسىيەگە كىرىشىنىڭ توختىتىلىشى رۇسىيەنىڭ ئومۇمەن قازاقىستانغا بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. پ. سۋويىك شۇنداقلا رۇسىيە ئىقتىسادىدىكى قىيىنچىلىقلارنىڭ قازاقىستان تەڭگىسىگە تەسىر قىلىش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ي. سىگۇش بولسا، سانائەت ساھەسىنى قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ ناچار ھالقىسى سۈپىتىدە ھېسابلاپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىدە ئىكەنلىكىدىن كۆرگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، قازاقىستاندىكى بەزى نېفىت چىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئۆز ئىشىنى توختاتقانلىقى سەۋەبىدىن قازاقىستان مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەدە ئىستىمال قىلىنىشى تۆۋەنلىگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېژكىن ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان ئىقتىسادىغا تەسىر يەتكۈزۈش مۇمكىنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

- بېۋاسىتە ئەمەس، پەقەت يانداش تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. پەقەت رۇسىيە بىزنىڭ ئاساسىي سودا شېرىكىمىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ كەسكىنلىشىشى قانداقلا بولمىغان تەقدىردە قازاقىستانغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ تەبىئىي. بۇ ئەھۋال بىزدىن، خۇددى رۇسىيەگە ئوخشاش ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمدى قازاقىستانلىقلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا كېلىدىغان بولساق، مەن كېلەچەككە ئۈمىدسىزلىك بىلەن قارايمەن، شۇڭلاشقا يېقىندا قازاقىستانلىقلارنىڭ تۇرمۇش دەرىجىسى ئۆسىدۇ، دەپ ئېيتالمايمەن. تۆۋەنلىشى مۇمكىن. ھەممىنى كېلەچەك كۆرسىتىدۇ...