قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
2018-01-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف بىلەن رومكا سوقۇشتۇرغان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 7-سېنتەبىر، ئاستانا.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف بىلەن رومكا سوقۇشتۇرغان كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 7-سېنتەبىر، ئاستانا.
AFP

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاندىن تەركىب تاپقان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە بىر قاتار سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىماىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى  ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن شاۋكەت مىرزايېف ھەم ئۇنىڭ قوشنا جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن ئورناتقان يېڭىچە ھەمكارلىق سىياسىتى، چېگرا مەسىلىلىرى، قىرغىزىستاندا ئۆتكەن پرېزىدېنتلىق سايلىمى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىشلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ھەر خىل پىكىر-تەخمىنلەرنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەلۇمكى، 32 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالىسى بولغان ئۆزبېكىستان ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مەملىكەت ھېسابلىنىدۇ. يېڭى پرېزىدېنتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. كەرىموف دەۋرىدە تۈرمىگە قامالغانلارنىڭ ئازاد قىلىنىشى، ئۇنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولۇپ چەت مەملىكەتلەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ھەر ساھەدىكى مۇھاجىرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنىشى شۇنداقلا سىرتقا ئىش ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن پۇقرالىرىغا نىسبەتەن تۇتۇلغان يۇمشاق سىياسەت ۋە باشقىلار ھەقىقەتەنمۇ بۇ مەملىكەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقىي سىياسىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشقا قاراپ باسقان قەدەملىرىدە كۆرۈلدى. يېقىندا مەركىزىي ئاسىيا ئىشلىرى بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىس ئاركادىي بۇبنوفنىڭ پەرغانە خەۋەر ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلغان «تاشكەنتتە ھەممە نەرسىگە رۇخسەت: مەركىزىي ئاسىيانىڭ 2017-يىلىدىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدا ئېيتىلىشىچە، ئەگەر شاۋكەت مىرزايېفنىڭ ھازىرقى سىياسىتى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن تەقدىردە بۇ رايوندا يېڭى لىدېرنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە سۆز قىلىشقا مۇمكىنچىلىك تۇغۇلىدۇ، ديىلگەن.

ماقالىدا قىرغىزىستاننىڭ ئىلگىرىكى پرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېفنىڭ بۇ يىل ھاكىمىيەت بېشىغا يەنە قايتىپ كېلىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. ئۇنىڭدا يەنە بىشكەكنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كىرىش ئالدىدا ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇنلاش بويىچە خېلى كۆپ ئىشلىشى كېرەكلىكى، قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان چېگرا زىددىيەتلىرىنى مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي كومېسسىيەسى ھەل قىلالمىغانلىقى، ھەتتا ئىتتىپاققا ئەزا مەملىكەتلەر رەھبەرلىرى ئالىي كېڭىشىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە يېتەرلىك كۈچ چىقارمىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

قازاقىستاننىڭ ئۆتكەن يىلى خەلقئارا كۆرگەزمە ۋە سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە مۇزاكىرىلەرنى ئۆتكۈزۈشى ئۇنىڭ خەلقئارىدىكى ئابرۇيىنى بىر قەدەر كۆتەرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەملىكەت ئىچىدىكى بەزى ئىقتىسادىي، ئىجتىماىي ۋە مالىيە مەسىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا «ئارسېللور مىتال تېمىرتاۋ» شىركىتى ئىشچىلىرىنىڭ چوڭ نامايىشى قازاقىستان دائىرىلىرىنى قاتتىق تەشۋىشلەندۈرگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، قازاقىستان مىللىي فوندىغا تەئەللۇق كۆپ مىقداردىكى خىراجەتنىڭ چەتئەل بانكلىرىدا يېپىلغانلىقى ھەمدە سىرتقا ئېقىپ كەتكەن 140 مىليارد دوللارنى قايتۇرۇش بويىچە چارىلەر كۆرۈلۈۋاتقانلىقى ئېيتىلغان.

ماقالىدا تاجىكىستاننىڭ خىتايغا كۆپ مىقداردا قەرزگە بوغۇلغانلىقى، بىر تۇغقان ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سوغۇقلاشقانلىقى، مەملىكەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن كارخانىلارنىڭ تاقىلىشى، مەملىكەتتە خىراجەت قىسلىقىنىڭ كۈچىيىشى ۋە باشقىمۇ ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. گاز سېتىش بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەۋاتقان تۈركمەنىستاننىڭ ئۆتكەن يىلى ئاسىيا مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە 10 مىليارد دوللار سەرپ قىلىپ، دۆلەت خەزنىسىنىڭ قۇرۇقدىلىنىپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  ھازىر تۈركمەنىستان گازنى پەقەت خىتايغا سېتىشقا مەجبۇر بولماقتىكەن، چۈنكى گاز سېتىشتىن چۈشكەن خىراجەت خىتاي ئاجراتقان قەرزنى قايتۇرۇشقىلا سەرپ قىلىنىدىكەن.

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېۇوفنىڭ تەكىتلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتلىرى ئۆز مەملىكەتلىرىدە سىياسىي ۋە دېموكراتىيىلىك ئىسلاھاتلارنى يۈرگۈزگەن تەقدىردىلا يۇقىرىدا ئاتالغان كرىزىسلاردىن قۇتۇلۇش مۇمكىنلىكىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئەڭ ئاساسلىقى ھازىر بارلىق قانۇنلارنىڭ ئىشلىشى ئۈچۈن ھەممىگە ئورتاق قاىدىلەرنى ئىشلەپ چىقىش زۆرۈر. بۇ جەھەتتە بارلىق چەتئەللىك شىركەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەر خەلققە تونۇشتۇرۇلۇشى، مەخپىي كېلىشىملەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى تېخىمۇ زۆرۈر. مانا شۇ ۋاقىتتىلا ئۇ مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادى توغرا يول بىلەن ماڭالايدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مەلۇم دەرىجىدە راۋاجلىنىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئۆزبېكىستان رەھبەرلىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ساقلاش بىلەن بىرگە كىرىم كىرىدىغان جايلارغا ئۆز ئادەملىرىنى ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتەن ئىشلەيدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى قويغان تەقدىردە ئۇنىڭ ئۇتۇقلۇق راۋاجلىنىشى مۇمكىن. ئەمما بۇنىڭغا ھېچ كىم كېپىللىك بېرەلمەيدۇ. ئەگەر ھاكىمىيەت ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنى، ئىقتىسادنى ئۆز پايدىسىغا پايدىلىنىش بىلەنلا چەكلەنسە ئۇنىڭ كېلەچىكى بولمايدۇ. ھازىر ئىقتىسادىي، سىياسىي، كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقىمۇ ساھەلەردىكى تەرەققىيات قازاقىستان ۋە تاجىكىستاندا ناچار مېڭىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز بۇ كەمچىلىكلەرنى يوقاتساق، پەقەت شۇ ۋاقىتتىلا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى ھەر قانداق ساھەدىكى ھەمكارلىق ئۆز ئورنىدا ماڭىدۇ».

غالىم ئاگېلېيوف ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى پرېزىدېنتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى قويۇپ، خەلق، دۆلەت غېمىنى قىلغاندىلا ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ساغلام بولۇشىنى تەمىنلىشى مۇمكىنلىكىنى ھەم ئومۇمەن رايون ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمدى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى فوندى يېنىدىكى دۇنياۋىي ئىقتىساد ۋە سىياسەت ئىنستىتۇتى ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتلىرى پروگراممىسىنىڭ باشلىقى رۇسلان ھېزىموفنىڭ پىكرىچە، ئۆزبېكىستان رەھبەرلىكىگە يېڭى پرېزىدېنتنىڭ كېلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا يېڭى ئىنتىلىش، يېڭى روھ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئاساسىي سەۋەب ئەمەستۇر. ئۇ ھازىر ئۆزبېكىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىسلاھاتلارنىڭ بۇرۇندىنلا پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «يەنە بىر تەرەپتىن، قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ ئىنتىلىشىنى بىر ئېغىزدىن قوللاپ-قۇۋەتلىدى. قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننى ئالىدىغان بولساق، ئىككى تەرەپ پرېزىدېنتلىرى ئۆتكەن يىلى تۆت قېتىم ئۇچراشتى. ئۇزۇن ۋاقىت داۋامىدا بىتەرەپ بولۇپ كېلىۋاتقان تۈركمەنىستانمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزىنى ئېچىۋاتىدۇ. چۈنكى باشقا مەملىكەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئىھتىياجى بۇ مەملىكەت ئۈچۈنمۇ پىشىپ يېتىلدى. تۈركمەنىستان گازنىڭ ئاساسىي قىسمىنى سېتىۋاتقان خىتايغا بېقىندا بولۇپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمدى قىرغىزىستان بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىلىرى پرېزىدېنتلىق سايلام مۇناسىۋىتى بىلەن سۈنئىي ياسالغان بولسا، ھازىر ئۇلار ئارىسىدا چوڭ بىر مەسىلە يوق».

رۇسلان ھېزىموف بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئارىسىدا پەيدا بولغان توسالغۇلۇقلارنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى دائىرىسىدە يۈز بەرگەنلىكىنى، قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى سوورونباي جېنبېكوفنىڭ نۇرسۇلتان نازاربايېف بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن مۇنداق مەسىلىلەرنىڭ ئەمدى يوق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ پات يېقىندا بۇ بەش جۇمھۇرىيەت ئارىسىدىكى يېقىنلىشىشنىڭ خېلى كۈچىيىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۆتكەن يىلى كۈزدە نيۇ-يوركتا بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابى يىغىنىدا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى چاقىرىش توغرىلىق تەكلىپ بەرگەنلىكىنىڭ يارقىن مىسال بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ يېڭى رەھبەرلەر كەلگەن قىرغىزىستان ھەم ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىككى ئوخشاش سىياسەتنىڭ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئىچكى سىياسەتتە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىغا ھازىر كەڭچىلىك بېرىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە يەر ۋە ماددىي ياردەم بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ تەرەپتىن كەڭچىلىك داۋاملىشىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىگە كېلىدىغان بولساق، بۇنى سىياسىي مەسىلە سۈپىتىدە كۆرگۈزمەيدۇ، يەنى چەكلەش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش قىرغىزىستانمۇ بۇرۇندىنلا ئۇيغۇرلارغا كەڭچىلىك بېرىپ كەلگەن. ئۇ يەردە ئۇيغۇر مائارىپىنى تىكلەش مەسىلىسى تۇرىدۇ. قىرغىزىستانمۇ ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىنى كەڭ كۆتىرىپ چىقىشقا يول بەرمەيدۇ».

قەھرىمان غوجامبەردى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت شەھىرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى مەركىزىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ مەزكۇر تەشكىلات دائىرىسىدە ۋەزىپە ئالغانلىقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت