پىروفېسسورى شان روبېرتس «رۇسىيەنىڭ تەھدىتى قازاقىستاننى خىتايغا يېقىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ»
2024.04.14

ئامېرىكانىڭ «ھەپتىلىك خەۋەر» ژۇرنىلىغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللاشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە قازاقىستانغا قاراتقان دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىنى كۈچەيتكەن. رۇسىيەنىڭ تەشۋىقاتى ئۇزۇندىن بۇيان قازاقىستاننى «ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان» قوشنا دەپ نىشانلاپ، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنى «ئىككىنچى ئۇكرائىنا» دەپ ئاتىغان. سابىق پىرېزىدېنت دىمېترى مېدۋېدېفقا ئوخشاش رۇسىيەنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قازاقىستاننى «سۈنئىي دۆلەت» دەپ ئاتاپ قازاقىستانغا قارىتا تىل ۋە زېمىن تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دىمېترى مېدۋېدېف يەنە 2023-يىلى 8-ئايدا قازاقىستاننىڭ شىمالى قىسمىنىڭ رۇسىيەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پولشانىڭ «مۇداپىئە بلوگى» نىڭ يېزىشىچە، روسىيە گېنېرالى ۋە دۆلەت دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاندىرى گۇرلىيوفنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئاۋازلىق ئۇچۇرىدا ئۇ، ئېنىق ھالدا قازاقىستاننىڭ ئۇكرائىنادىن كېيىنكى رۇسىيەنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغۇچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ئاندىرى گۇرلىيوف ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنداق سۆز قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئۆچۈر بەرگەن. قازاقىستان رۇسىيەدىكى بۇ دۇشمەنچە سۆز ۋە پوزىتسىيەلەرنى قازاقىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت دەپ قوبۇل قىلغان.
رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىنكى قازاقىستان-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدە قازاقىستانلىق ئادۋوكات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خەلقئارا ھوقۇق تەشەببۇسچىلىق جەمئىيىتى (International Legal Initiative) نىڭ رەئىسى ئاينا شورمانبايېۋا (Aina Shormanbayeva) رۇسىيەنىڭ بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى رۇسىيە قازاقىستان ۋە بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۈچۈن تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھلىدى:
«رۇسىيە پەقەت قازاقىستانغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەھدىت تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر ھەقىقەتەن رۇسىيەدىن قازاقىستانغا تەھدىت كېلىۋاتىدۇ. رۇسىيە بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت. شۇڭلاشقا رۇسىيە قازاقىستان ۋە بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۈچۈن تەھدىت تەشكىل قىلىدۇ. بەختكە قارشى بىزنىڭ رۇسىيەدەك قوشنىمىز بار. بىز قوشنىمىزنى تاللىيالمايمىز. بىز بۇ قوشنىدارچىلىققا مەجبۇر. رۇسىيە بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋاقتىغا قايتىش ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن، مەن ۋە كۆپ ساندىكى قازاق خەلقى ئۇ كۈنلەرگە قايتىشى خالىمايمىز».
مۇداپىئە بىلوگ (Defence Blog) نىڭ باش تەھرىر ۋە ئانالىزچى دىلان مالياساۋ (Dylan Malyasov) قازاقىستاننىڭ ياۋرو ئاسىيادىكى جۇغراپىيەلىك ۋە سىياسىي ئورنى تۈپەيلى قازاقىستاننىڭ ئۇكرائىناغا ئوخشاش تەقدىرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغان ئالغان.
ئۇيغۇرشۇناس ۋە قازاقىستاندىكى ياۋرو ئاسىيا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە رۇسىيەنىڭ قازاقىستانغا قارىتا دۇشمەنچە سۆز ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن قازاقىستاندا قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا قارىتا ئەندىشىلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى كۆرسەتتى.
قازاقىستاندىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن مېدىئانېت (MediaNet) ۋە پەيپىرلەب (PaperLab) تەرىپىدىن 2023-يىلى 1100 ئادەمگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، رۇسىيەنىڭ قازاقىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى مۇمكىن دەپ قارايدىغانلار ئالدىنقى راي سىناشتىكى 8.3% تىن 15% كە ئۆرلىگەن.
قازاقىستان فارابى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي جۇغراپىيە پىروفېسسورى شېرىپجان نادىروف ئەپەندى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ دۇشمەنچە سۆز ۋە پوزىتسىيەسى تۈپەيلى قازاقىستاننىڭ خىتاي، تۈركىيە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن كۆپ تەرەپلىمىلىك تاشىقى سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى رويتېرىس ئاگېنتلىقىغا پىرېزىدېنت قاسسىم-جومارت توقايېفنىڭ موسكۋا بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قازاقىستاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يولىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
قازاقىستان-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە رۇسىيەنىڭ قازاقىستانغا قاراتقان دۈشمەنلىك سۆزلىرى خىتاينى ئەندىشىگە سالغانلىقى مەلۇم. قازاقىستان ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينى مۇھىم ھىدرو كاربون بىلەن تەمىنلىگۈچى، شۇنداقلا خىتاينى كاسپىي دېڭىزى بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان كارىدور بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم.
2022-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زىيارىتى جەريانىدا، خىتاينىڭ قازاقىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەمدە قازاقىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى رۇسىيەگە نېپىز پەردە قىلىنغان ئاگاھلاندۇرۇش دېيىلگەن. خىتاي قازاقىستاننى ئوچۇق-ئاشكارا قوللىغان.
ئۇنداقتا قازاقىستان ۋە رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشى يېقىن كەلگۈسىدە قازاقىستاننى خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرامدۇ؟
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پىروفېسسورى دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە شۇنداق، دېمەكچىمەنكى، قازاقىستان غەرب، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. چۈنكى قازاقىستان ئۇزۇندىن بۇيان خىتايغا بەك تايىنىپ قېلىشتىن بەك ئەنسىرەيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ مېنىڭچە قازاقىستان قىسقا مۇددەت ئىچىدە خىتايغا كۈنسېرى يېقىنلىشىدۇ. قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ بولدى. قازاقىستان ھازىر رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خىتايغا تېخىمۇ كۆپ تايىنىدۇ. ھازىر قازاقىستان خىتايغا رۇسىيەگە قارىغاندا بەكرەك تايىنىدۇ. چۈنكى ھازىر قازاقىستان رۇسىيەگە ئىشەنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن كۆپلىگەن چەكلىمە ۋە ئېمبارگولار قازاقىستاننى خىتايغا يېقىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ».
سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ناتالىئا كورنارزېۋاسكا (Natalia Konarzewska) نىڭ دېيىشىچە، خىتاي بىلەن قازاقىستان يېقىن ئىقتىساد مۇناسىۋەت قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي مانېۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسى بار.
ناتالىئا كورنارزېۋاسكا رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن قازاقىستان ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇنداق يەكۈنلىگەن: «قازاقىستان ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى رۇسىيەگە بېرىلگەن سىگنال بولۇپ، رۇسىيەنىڭ قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك كاپالىتى بولۇش رولى ناھايىتى تېزلا تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ.»