قازاقىستاندا تېررورچىلىققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016.10.06

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى قازاقىستان رەھبەرلىكى، شۇنداقلا مەملىكەتنىڭ قانۇن قوغداش ئورگانلىرى ھەمدە مۇتەخەسسىسلەر قازاقىستاندا تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يوقلۇقىنى جاكارلىغان ئىدى. لېكىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا مەملىكەت پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ھوقۇق قوغداش ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مەجلىس ئۆتكۈزۈپ، تېررورچىلىققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ دۆلەت پروگراممىسىنى تەييارلاشنى تەۋسىيە قىلدى. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ مەسىلىنىڭ ھازىرغىچە جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

22-سېنتەبىردە قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىنىڭ ئالىي كېڭەش ئۆيىدە «ھازىرقى ۋاقىتتا تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ قانۇنىي ۋە رەسمىي تەستىقلانغان چارىلىرى» تېمىسىدا يۇمىلاق ئۈستەل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. ئۇنىڭغا مەملىكەت سېناتى ۋە پارلامېنتىنىڭ ئالىي كېڭەش ئەزالىرى، دۆلەت ئورگانلىرى رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى، جەمئىيەت ئەربابلىرى ۋە دىنىي ئەربابلار، سىياسەتشۇناس ۋە ئانالىزچىلار قاتناشتى.
«خابار»ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يىغىندا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بارلىقى دېگۈدەك پۈتكۈل جەمئىيەت بىرلەشكەن تەقدىردە تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «كازاخستانسكايا پراۋدا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «قانۇن ئىشەنچى ۋە كۈچى بىلەن» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر يۇمىلاق ئۈستەل تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرى بويىچە قانۇنغا تۈزۈتۈشلەر كىرگۈزۈش يۆنىلىشىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىشنىڭ داۋامى بولماقتا. ئىگىلىشىمىزچە، ئالىي كېڭەش رەئىسى نۇرلان نىغماتۇللىن تېررورچىلىقنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «مەملىكەتتىكى ۋە دۇنيادىكى ۋەقەلەر يەنە بىر قېتىم شۇنى كۆرسەتتىكى، تېررورچىلىقنىڭ مىللىتى، دىنى، چېگراسى بولمايدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئالەم ئۈچۈن ئومۇمىي خەۋپتۇر. مەملىكەت رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئېگىز مۇنبەرلەردىن بىر نەچچە قېتىم خەلقئارا تېررورچىلىق خەۋپىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن قەتئىي ھەم پەيدىن-پەي كۆرىشىشكە چاقىرغان ئىدى».

يىغىندا سۆز قىلغان مەملىكەتنىڭ باش تەپتىش ئورۇنباسارى ئاندرېي كراۋچېنكونىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىكى چوڭ ئوبيېكتلارنىڭ 74 پىرسەنتى تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرالمايدۇ.

ئۇ پۇقرالارغا قورال سېتىش دۇكانلىرى ۋە بەزى ئوبيېكتلارنىڭ جاۋابكارلىقى بويىچە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىدە جىددىي تالاش-تارتىش تۇغۇلغانلىقىنى، مۇشۇ يىلى جىنايەتچىلەرنىڭ شۇنداق دۇكانلارغا بېسىپ كىرىپ، قوراللىنىپ، بىر نەچچە تىنچ ئاھالىنى قۇربان قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە قورال ساتىدىغان دۇكانلارنىڭ 50 پىرسەنتىدە كەمچىلىكلەر بايقالغان.

ئەمدى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى نۇرغالى بىلىسپېكوف 2011-يىلدىن بۇيان مەملىكەت بويىچە 64 تېررورلۇق ھەرىكەتنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى، ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئۇرۇشۇۋاتقان 45 قازاقىستانلىقنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىنى، 35 كىشىنىڭ ئۆز مەيلى بىلەن يېنىپ كەلگەنلىكىنى، 33 ئادەمنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قازاقىستاندا تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش چارىلىرىدىن قانداق نەتىجىلەرنى كۈتۈش مۇمكىن؟ تېررورچىلىقنىڭ ھەقىقىي بەلگىلىرى بارمۇ؟

سىياسەتشۇناسلار راسۇل جۇمالى ۋە غالىم ئاگېلېئۇئوف بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالى قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ يۆنىلىشتە كۆپلىگەن ئىشلارنى قىلىپ، ئېنىق بىر چارىلەر كۆرۈۋاتقانلىقىنى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا جامائەتچىلىك پىكرى بىلەنمۇ ھېسابلىشىۋاتقانلىقىنى قوللىسىمۇ، بۇنىڭ بارلىقىدىن كۆڭلىنىڭ دېگەندەك سۇ ئىچمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ 2010-ۋە 2011-يىللىرى مەملىكەتتە يۈز بەرگەن بىر قاتار تېررورلۇق ھەرىكەتلەردىن كېيىن، ھاكىمىيەتنىڭ بۇ مەسىلە بىلەن شۇغۇللىنىشقا جىددىي كىرىشكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ بەزى مەسىلىلەرنىڭ دىققەتتىن سىرت قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى:
« 90-يىللارنىڭ ئۆزىدىلا بىزنىڭ دىن، ئىچكى سىياسەت مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تالاي ئالىملىرىمىز، سىياسەتشۇناسلىرىمىز، دىنشۇناسلىرىمىز دىن، ياشلار، ئىدېئولوگىيە ساھەلىرىنى قولغا ئالمىساق، ئەتە-ئۆگۈن بۇنىڭ ئېغىر مەسىلىلەرگە ئېلىپ كېلىش مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا رۇسىيە ۋەكىللىرى مۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ھېچ قاچان ئۇنداق بولمايدۇ، دېگەن پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلمىدى. كېيىن، مەسىلەن، 2010-ۋە 2011-يىللىرى بۇ قان تۆكۈشكە ئېلىپ كەلدى. ئېسىمىزدا، 2011-يىلى دىنىي ئىشلار كومىتېتى ئۆزگەرتىلىپ، ئاگېنتلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى، يېڭى قانۇن قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتتى دېدى. لېكىن بۇ مەسىلە ھەل قىلىنغاندىن كۆرە، تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ كەلدى. بۇ يىلى ئاقتۆبە ۋە ئالماتادا ئورۇن ئالغان قانلىق ۋەقەلەر شۇنىڭ يارقىن ئىسپاتى بولۇشى كېرەك».

ر. جۇمالى بىرەر مەھكىمە نامىنىڭ، بىرەر لاۋازىمنىڭ ئۆزگەرتىلىشىدىن، قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىن ھېچ قانداق نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ تۈنۈگۈن بولغان يىغىندا سۆزلىگەن بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى جىددىي ئەھۋالدىن، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشتىن تامامەن يىراق ئىكەنلىكىگە كۆزى يەتكەنلىكىنى ھەم بۇنىڭغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف بولسا، بۇ يىلى ئاقتۆبە ۋە ئالماتا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تېررورلۇق ھەرىكەتلەر دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «سەۋەبى تېررورچىلار ئادەتتە دائىم ئۆزلىرى نېمىنى خالايدىغانلىقىنى، نېمىنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئالماتادىكى ۋەقەدە ئادەتتىكى قاراقچىلىق ھەرىكەتنىڭ بولغانلىقى ئېنىق. ئاقتۆبەدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىمۇ ھېچ قانداق بىر چاقىرىقمۇ بولمىغان. پەقەت ئۇلار قانداقتۇر بىر ئېقىمنىڭ شوئارى بىلەن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئېنىق نېمە مەقسەتنى قويغانلىقى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يورۇتۇلمىدى. ئۇلار ئىسلام دۆلىتىنى ياكى خەلىپىلىك قۇرىمىز دېدىمۇ، نېمە تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە بۈگۈنگىچە ئېنىق ھېچ نەرسە ئېيتىلمىدى».

غ. ئاگېلېئۇئوف ئاقتۆبە ۋەقەسىدە ياشلارنىڭ قورال كۆتۈرۈپ چىققانلىقى سەۋەبلىرىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ، ئۇنى تېررورچىلىق بىلەن باغلاشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە تېررورچىلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەم ئۇنىڭ بەلگىلىرى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش مەركەزلىرى يوق بولغانلىقتىن ھەر خىل كۆز قاراشلارنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىراق، سۈرىيە ۋە باشقىمۇ دۆلەتلەرگە كەتكەن قازاقىستانلىقلار ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىشىگە مۇمكىنچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئۇلارغا پسىخولوگىيىلىك ياردەم كۆرسىتىشنىڭ لازىملىقىنى، سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى، تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى سۆز ئۈستىدە كۈرەش قىلىشتىن ئەمەلىيەتكە ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.