قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
2018.01.25

مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدا قانۇنسىز تەقىبلەش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا. بولۇپمۇ 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بۈگۈنكى سىياسىتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفقا بۇ ھەقتە مەخسۇس مەكتۇپ يوللىغان. مەزكۇر مەكتۇپتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان نۆۋەتتىكى سىياسىي، دىنىي ۋە مىللىي بېسىملىرى يورۇتۇلغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى قەھرىمان غوجامبەردى بۇ ھەقتە «ئاخباراتنامە» يېزىپ، بۇنى ۋاراقچىلار سۈپىتىدە ئاھالە ئىچىگە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللىغان.
«ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇنلار ئىشلىمەيدۇ»
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىن ۋاز كەچمەكتە ھەم «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» نى بۇزماقتا. ھەتتا ئۆزى ئىمزا قويغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپلىق قىلماقتا. ئۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاينىڭ ئاساسلىق سىياسىي تەقىبلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەسىلەن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 450 نەپەر ئەزاسىنىڭ 50 پىرسەنتىنى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر تەشكىل قىلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىنكى قۇرۇلتايلاردا، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلىدىكى قۇرۇلتايدا بۇ نىسبەت 20 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى. دېمەك، ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قانۇنلار ئىشلىمەيدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى يوق. ھازىر ئاتالمىش "يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى" دە نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر كادىرلىرى، زىيالىيلىرى، دىنىي زاتلىرى ھېچ قانداق سوتسىز تۇتقۇن قىلىنماقتا. بۇ مەركەزلەر گىتلېر زامانىدىكى لاگېرلارغا ئوخشاش تۇتقۇنلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئىدېئولوگىيەسى بىلەن تەربىيەلەۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر دىيارىدا ساقچىلارنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە ئۇلارغا چەكسىز ھوقۇقنىڭ بېرىلىشىدۇر. ھازىر قانۇن ئىشلىمەيدۇ، ساقچىلار نېمە قىلىمەن دېسە، شۇنى قىلىۋاتىدۇ.»
قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى مىللىي كادىرلارنى، ئاتاقلىق ئەدىبلەرنى، زىيالىيلارنى، دىنىي ئۆلىمالارنى ئاساسسىز ھالدا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» تە ئەيىبلەش، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنى بىر-بىرىنى پاش قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق روھىي ئازابلاردىن تاشقىرى يەنە ئۇيغۇر ئېلىدا رەھىمسىز سىياسىي تەقىبلەشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ خىتاي تىلىدىكى مائارىپىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى، ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى خىتاي كىملىكى بىلەن ئالماشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
«خەلق ئۆز تىلىنى قانچىلىك تېز يوقاتسا، دىلىنىمۇ، دىنىنىمۇ شۇنچە تېز يوقىتىدۇ»
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دىلنۇر قاسىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، 2005-يىلدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىنى خىتايلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ مىللىي مائارىپىنى يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتىكەن. دىلنۇر قاسىموۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە كۆپ تىلنى ئۆگەنگەن ياخشى ئىش. لېكىن ئانا تىلىنى يوقىتىش بۇ خىتاينىڭ مەقسىتى. ھازىر ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر يوق. بالىلار ئاساسەن خىتاي تىلىدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئوقۇش قوراللىرىنىڭ ھەممىسى خىتاي تىلىدا يېڭىدىن تەييارلىنىپتۇ. ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىچكىرىدىن يۆتكەپ كېلىدىكەن. بۇ مىللەتنى ئۆز ئىچىدىن يوقىتىش دېمەكتۇر. خەلق ئۆز تىلىنى قانچىلىك تېز يوقاتسا، دىلىنىمۇ، دىنىنىمۇ شۇنچە تېز يوقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئۆزى يوقايدۇ. ھازىر ئۈرۈمچىدە 14-مىللەت، يەنى ‹مىنكاۋخەن مىللىتى› دەيدىغان بىر تائىپە پەيدا بولۇپتۇ. مىنكاۋخەن دېگىنى خىتاي مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلىرىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىر خىتايلىشىش گىردابىغا قاراپ مېڭىۋېتىپتۇ.»
دىلنۇر قاسىموۋا خانىم مىللىي مائارىپسىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ، قىسقىسى كېلەچىكىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىرىنچى ۋەزىپە بولۇش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«بىزنى مەجبۇرىي يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس»
تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق مەھمۇدوف بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدا قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەنە شۇنداق قانۇنسىز تەقىبلەشلەر ئارقىلىق پۈتۈن بىر خەلقنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئۆز تىلىنى، دىنىنى يوقىتىدىغان مىللەت ئەمەس. بىز ئەسىرلەر داۋامىدا ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى، تارىخىمىزنى تىكلىگەن مىللەت. بىزنى مەجبۇرىي يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ پەقەت ئېزىلگۈچى مىللەتنىڭ ئەزگۈچى مىللەتكە بولغان قارشىلىقىنى كۈچەيتىدۇ، خالاس. بىكاردىن بىكارغا خەلقنى قامىسا، ئۇ قانداق مەملىكەت بولىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرىمىز.»
ئابدۇخالىق مەھمۇدوف، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ھۆرمەتلىك زىيالىيلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھەر خىل كەمسىتىشلەرگە، زوراۋانلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئېلان قىلغان «دىنىي ئەركىنلىكلەر داۋاملىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان مەملىكەتلەر تىزىمى» دا ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقى قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىمۇ بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
«خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى بېقىندى ۋە قۇل مىللەتكە ئايلاندۇرۇشتۇر»
دىنىي زات مەھەممەتجان ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى مۇقەددەس ئىسلام دىنىدىن ياندۇرۇش، ئۇلارنى تىلىدىن، يېزىقلىرىدىن، تارىخىدىن، ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە بېقىندى ۋە قۇل مىللەتكە ئايلاندۇرۇشتۇر. ماۋ زېدۇڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلەرنىڭ بارلىقى مۇشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. ھازىرقى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلماقتا.»
«ئاياللىرىمىز، قىزلىرىمىز ئوچۇقتىن ئوچۇق باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ»
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكىنىڭ ئەزاسى شەھەربانۇم سەيدۇللايېۋا ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن ئانىلارنىڭمۇ قاتتىق زەرداب چېكىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى، پەرزەنتلەر بولسا ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىنى قوغدىيالماي، ئامالسىز قالدى. ئەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى لاگېرلاردا، تۈرمىلەردە خورلىنىۋاتىدۇ. ئاياللىرىمىز، قىزلىرىمىز ئوچۇقتىن ئوچۇق باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، قىزلىرىمىز مەجبۇرىي ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كېتىلىۋاتىدۇ. 2016-يىلدىن تارتىپ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى ئۇرۇق-تۇغقانلاشتۇرۇش سىياسىتى كەڭ قانات يېيىپ، قىز-ئوغۇللىرىمىز مەجبۇرىي نىكاھلىنىشقا زورلىنىۋاتىدۇ. ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە بىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار خەلقىمىزنىڭ ئاۋازى بولۇپ، تېگىشلىك ئورۇنلارغا، يەنى كىشىلىك ھوقۇقلارنى قوغداش ئورگانلىرىغا خەلقىمىزنىڭ ئاھ-زارىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك».
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستاندا ھازىر رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 234 مىڭدىن ئارتۇق، خەلق ئارىسىدىكى مەلۇماتلار بويىچە 500 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىگە جايلاشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتى ھەققىدىكى ئاخباراتلار بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىگە ئاساسەن قىرغىزىستاندا چىقىدىغان «ئىتتىپاق» گېزىتى ھەم ھەر خىل ئىنتېرنېت تورلىرى ئارقىلىق يەتمەكتە.