قازاقىستانلىق ئۇيغۇر مائارىپى ۋەكىللىرى: ئانا تىلىنىڭ كېلەچىكى مىللىي مەكتەپلىرىمىزدە

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، 1998-يىلى قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ پەرمانىغا بېنائەن مەملىكەتتە «قازاقىستان خەلقى تىللىرى كۈنى» تەستىقلىنىپ، بۇ بايرام ھەر يىلى سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئۈچىنچى يەكشەنبە كۈنى ئاتاپ ئۆتۈپ كېلىۋاتقانىدى. مەزكۇر بايرامنىڭ مەقسىتى كۆپ مىللەتلىك قازاقىستان خەلقىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىشتىن، قازاق تىلىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنى تارقىتىشتىن، بالىلارنى پەقەت ئۆز خەلقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل مەملىكەتنى ماكانلىغان باشقىمۇ خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەنىەنىلىرى روھىدا تەربىيەلەشتىن ئىبارەت.

ئەنە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بارلىق مىللەتلەر، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ھەر يىلى تىل بايرىمىغا بېغىشلاپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغانىدى. لېكىن بۇ يىلى دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەڭەنلىكتىن، مۇنداق پائالىيەتلەر مەكتەپلەردە تار دائىرىدە يا بولمىسا تور ئارقىلىق ئۆتكەن ئىدى.

بىز ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدىكى بىلال نازىم نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى پەنى مۇئەللىمى قەلبىنۇر ئىسقاقوۋا خانىم ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، شۇلارنىڭ بىرى تىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «تىل ئارقىلىق مەلۇم بىر خەلقنىڭ تارىخى، ئەنئەنىلىرى، تۇرمۇش-تەرىزى، دۇنياغا كۆزقارىشى ۋە ئىنسانچلىق پەزىلەتلىرىنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ. ئۆزىگە خاس تىلى بولمىغان خەلق مىللەت بولۇپ شەكىللەنمەيدۇ. تىل يوقالسا، خەلقمۇ يوقىلىدۇ. تىل ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ، ئۆگىنىمىز. تىل بىزنىڭ مەنىۋىي بايلىقىمىز. جەمىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان پەۋقۇلاددە ئەھۋالغا قارىماستىن، قازاقىستان خەلقى تىللىرىنىڭ ئايلىقىغا بېغىشلانغان پائالىيەتلەر ئۆز مەزگىلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا. ‹دۆلەت تىلى-مېنىڭ تىلىم›، ‹تىلغا ھۆرمەت، ئەلگە ھۆرمەت›، ‹ئانا تىلىم-دانا تىلىم› ۋە باشقىمۇ ماۋزۇلارغا تەربىيە سائەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، تور ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلمەكتە.»

قەلبىنۇر ئىسقاقوۋا مەزكۇر مەكتەپتە بالىلار سانىنىڭ ئۆسۈپ، بۈگۈنكى كۈندە 1107گە يەتكەنلىكىنى، بۇ يۆنىلىشتە بولۇپمۇ مەكتەپ كوللېكتىپىنىڭ تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىللىق مەتبۇئاتلاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئومۇمەن ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان بالىلار سانىنىڭ بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىش خەۋپىنىڭ پەيدا بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتىكەن.

ئۇنداقتا قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مىللىي مائارىپىنى قانداق ساقلاپ قالماقچى؟ ئۇنىڭ يوقاپ كېتىش خەۋپى بارمۇ؟ بۇنىڭ قانداق سەۋەبلىرى مەۋجۇت؟

ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئاچچىق بولسىمۇ، ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، بۇ سوئالغا ئىجابىي جاۋاب بېرەلمەيمىز. مىللىي مائارىپ مەسىلىسىنى ئالايلى. ھەر يىلى ئوقۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى يىگىت باشلىرى، يۇرت ئاكتىپلىرى، مىللەتپەرۋەر ئاتا-ئانىلار ئۆيمۇ-ئۆي ئارىلاپ، پەرزەندىڭىزنى ئۇيغۇر مەكتىپىدە ئوقۇتۇڭ دەپ، ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەپسۇس، كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇنى توغرا چۈشەنگۈسى كەلمەيدىغانلىقى كىشىنى ئېچىندۈرىدۇ. تىلىمىزنىڭ ساقلىنىشى مىللىي مەكتەپلىرىمىزنىڭ كېلەچىكى بىلەن چەمبەرچاس باغلىق. ھە، بىز بولساق، بۇنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن توغرا خۇلاسە چىقىرىش، يەنى ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە تىلىمىزنى ئۇنتۇش ۋە يوقىتىش گىرۋىكىگە كېلىپ قالغانلىقىمىزنى تۇيمايۋاتىمىز. ئەگەر چۈشەنسەك، بۇ تەشۋىشلىك، ئاقىۋىتى پاجىئەلىك ئەھۋال.»

شەمشىدىن ئايۇپوف ئۇيغۇر ئاھالىسى ئارىسىدا ئانا تىلىنىڭ، ئانا تىلىدا ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئىشلىرىنى توختاتماي يۈرگۈزۈش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ دۆلەت تىلى-قازاق تىلىنىڭ ئابروي-ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇشقا، ئۇنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە قوشىدىغان تۆھپىسىنىڭ ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرنى ساقلاپ، ئۆز تىلىدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق بولۇشقا تېگىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«مەكتەپ» نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىراتىنىڭ باشلىقى رەخمەتجان غوجامبەردىيېفنىڭ پىكرىچە، قازاقىستاندا ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ يوقىلىش خەۋپى بارمۇ دېگەن سوئالغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇنداق رەسمىي سەلبىي كۆزقاراش يوق دەپ ئىشەنچلىك ئېيتىشقا بولىدىكەن، چۈنكى بۇ قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلگەنىكەن. شۇنىڭغا باغلىق بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ماددىي-تېخنىكىلىق بازىسىنى مۇستەھكەملەشكە، ئۇلارنى سالاھىيەتلىك پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تەممىنلەشكە ئالاھىدە دىققەت بۆلمەكتە.

رەخمەتجان غوجامبەردىيېف سوۋېت دەۋرىدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان بالىلار سانىنىڭ 30 مىڭ ئەتراپىدا بولسا، ھازىر ئىككى ھەسسىگە كېمىيگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر نەچچە سەۋەبلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بالىلىرىنى ئۆزگە تىللىق، بولۇپمۇ رۇس تىللىق مەكتەپلەرگە بېرىۋاتقان ئاتا-ئانىلارغا باغلىق بولماقتا. بۇ يەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ كەلتۈرىدىغان ئاساسىي سەۋەبى، كەلگۈسىدە ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشۈپ ئوقۇشتا پەرزەندلىرىمىز قىينىلىدۇ دەپ، باشقا تىللىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىدۇ. ئىككىنچىدىن، كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىسلاھاتلارغا ئۆز ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ، شۇلارغا ئەگىشەلمەيۋاتقانلىقىدىنمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن. بىر تۇتاش تېستقا، يەنى ئىمتىھانغا قاتنىشىش مەسىلىسىمۇ ئەڭ چوڭ رول ئوينىدى، دەپ ئويلايمەن. بىراق قانداقلا بولمىسۇن ھەر بىر خەلق ۋەكىلى ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلى ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولۇش ناھايىتى چوڭ مەسىلە.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكىلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شائىرەم باراتوۋا خانىم مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتەن ھازىر ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى ئانچىمۇ ماختىغىدەك ئەمەس. گەپ ھۆكۈمەت تەرەپتىن مەكتەپلىرىمىزگە بولغان غەمخورلۇقنىڭ يېتىشمەسلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە بېپەرۋالىق بىلەن قاراۋاتقىنىمىزغا باغلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر يىلى ئانا تىلىغا بېغىشلانغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ياش ئەۋلادنىڭ ئانا تىلىغا، ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە، ئەدەبىياتىغا بولغان ھۆرمىتىنى، مۇھەببىتىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز. ئېلىمىزدە مىللىي مەكتەپلەرگە بولغان سەلبىي كۆزقاراشلار ياكى ئۇلارنى يېپىش توغرىلىق پىكىر-تەكلىپلەر يوق، دەپ ئويلايمەن. ئىزھتىمائىي تورلاردا بۇ ھەقتە ھەر خىل پىتنە-ئىغۋالار بولۇپ تۇرۇشى مۇمكىن، ئامما بىز بۇنىڭغا ئېتىبار بەرمەيمىز. بىز پەقەت رەسمىي خەۋەرلەرگە ئىشىنىمىز.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازاقىستاندا 62 مەكتەپتە ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز ئانا تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 11 تولۇق ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەر بولسا، قالغانلىرىدا ئوقۇتۇش رۇس، قازاق ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇ زھۈملىدىن ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان ئىككى ئۇيغۇر مەكتەپ-گىمنازىيەسى جۇمھۇرىيەت بويىچە ئۈلگىلىك ھېسابلىنىدىكەن. شەھەرنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە ئورۇنلاشقان ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيەسى بولسا، 2017-يىلى «يۇنېسكو، يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت ئورگىنىنىڭ تىزىمىدىكى مەكتەپلەر» قاتارىغا كىرگەن.