قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈن نېمىلەردىن تەشۋىشلىنىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015.11.17

ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا، بولۇپمۇ ھازىر ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قازاقىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ياشاپ كەلمەكتە. قازاقىستانلىق قازاقىستان ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغاندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر كۆپلىگەن تارىخىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇمدۇر. ھازىر قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئۇيغۇر دىيارىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ ھەم تەرەققىيات جەھەتتىنمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كەسكىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. مۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى، بىرىنچى نۆۋەتتە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن، ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقى تەقدىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ھەمدە قازاق خەلقى ۋە قازاق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۇتقان ئىجابىي مۇناسىۋىتىدىن كېلىپ چىقماقتا ئىكەن. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاندا مائارىپ، سەنئەت، نەشرىياتچىلىق، ئىلىم-پەن ۋە باشقىمۇ ساھەلەردە راۋاجلىنىشىغا شارائىتلار يارىتىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە تەشۋىشلەندۈرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ يوق ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

تىلىنى بىلمىگەن مىللەت ئۆزىمۇ يوقاپ كېتىدۇ

بىز بۇ مەسىلە ئەتراپىدا ھەر ساھە ۋەكىللىرىگە مۇراجىئەت قىلدۇق. سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىدا بىز ئالمۇتا شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى، يەنى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ بىرى گورنىي گىگانت ئاكتىپلىرىنىڭ بىرى، تىجارەتچى ئابدۇرېشىت مەخسۇتوفقا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئۇنچىلىك چوڭ مەسىلىنى مەن كۆرمەيۋاتىمەن. قازاقىستاندا ھەممە مۇمكىنچىلىك يارىتىلغان. بىردىن-بىر مەسىلە‏-بىز ئۆز بالىلىرىمىزنى ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشىمىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى شۇ. تىلىنى بىلمىگەن مىللەت، ئۆزىمۇ يوقاپ كېتىدۇ. تىياتىرىمىز بار، ئۇنى قولىمىزدىن كېلىشىچە قوللاپ كېلىۋاتىمىز. ئەڭ مۇھىمى، ئانا تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش كېرەك.»

ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش مەسىلىسى-ھايات ۋە مامات مەسىلىسىدۇر

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇھىتى بويىچە تەتقىقات يۈرگۈزۈۋاتقانلار يوق ئەمەس. ئۇلارنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرى يۈرگۈزۈلدى. ئۇيغۇرلار ئىلگىرى بارلىق ساھەلەردە مىسلى كۆرۈلمىگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يەتكەن بولسىمۇ، ئامما قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن يىللىرى قانداقتۇر بىر چېكىنىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ ھەقتە رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف مۇنداق دېدى: «كەينىگە داجىپ كەتتۇق. بۇ بىزنى ناھايىتى تەشۋىشلەندۈرىدۇ. مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار يۈز بەردى ھەم بۇ بىزگە ناھايىتى زىيانلىقلار يەتكۈزدى. بازار ئىقتىسادىغا ئۆتۈش مۇناسىۋىتى بىلەن بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز ئۆز ئىشلىرىنى تاشلاپ، غەم يولىغا بېرىلىپ كەتتى. يەنە بىر مەسىلە، ئانا تىلىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىسى. قازاقىستاندا ھەممە شارائىتلار بولسىمۇ، ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش مەسىلىسى تۇرماقتا. بۇ ھايات ۋە مامات مەسىلىسىدۇر.»

پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنى مىللىي مائارىپ ئەتراپىدىكى مەسىلىلەر بەك تەشۋىشلەندۈرىدۇ

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى بىئارام قىلىۋاتقان مەسىلىلەر بويىچە ھېچقانداق بىر تەتقىقاتنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە يۈرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەلۇم بولۇشىچە، پۈتكۈل قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنى مىللىي مائارىپ ئەتراپىدىكى مەسىلىلەر بەك تەشۋىشلەندۈرىدۇ. بىرىنچىدىن، بىلىم بېرىش دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بېرىشىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئازىيىپ كېتىشى.» ق. غوجامبەردى شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار سانىنىڭ سوۋېت دەۋرىدىن ئون نەچچە مىڭغا تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مۇئەللىملىرى سانىنىڭ جان بېقىش سەۋەبىدىن ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىدا ئىمتىھان بېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى ئەپسۇسلىنىش بىلەن تىلغا ئالدى.

بىزنى ئىقتىسادنىڭ ناچارلىقى، جاھاننىڭ قىممەتلەپ كېتىپ بارغانلىقى ئويلاندۇرىدۇ

ئەمدى قازاقىستاندىكى تونۇلغان يازغۇچى ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى ئابلىز ھېزىم قازاقىستاندىكى ئىقتىسادىي ئېغىرچىلىقلارنىڭ تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئىزنى ئىقتىسادنىڭ ناچارلىقى، جاھاننىڭ قىممەتلەپ كېتىپ بارغانلىقى ئويلاندۇرىدۇ. ھەر كىم ھەر قانداق ئويلايدۇ. بەزىلەر ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ھەققىدە ئويلىشى مۇمكىن. قازاقىستاندا بولۇۋاتقان مۇشۇ قىيىنچىلىقلار قاچانغىچە داۋاملىشىدىكىن؟ قاچانغىچە ئادەملەر خاتىرجەم ياشايدىكىن؟ دۆلەتنى باشقۇرۇپ، خەلقلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈش تەس نەرسە ئىكەن. نازاربايېف بۇ ھەقتە ئويلاپ قىينىلىۋاتقان بولۇشى كېرەك، دېگەن نەرسىلەر خىيالىمغا كېلىپ قالىدۇ.»

ئا. ھېزىم قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ھەر كىمنىڭ بۇ ھەقتە ھەر قانداق ئوي-پىكرىنىڭ بارلىقىنى، ھەر كىمنى ھەر قانداق ئوينىڭ بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ياش شائىر: قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سۈپىتىدە مەن بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىلىم ئېلىشقا چاقىرىمەن

ئەمدى بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ياشلىرى نېمە ئويلايدۇ؟ بىز بۇ مەسىلە بويىچە ياش شائىر ئابدۇلجان ئازنىباقىيېفقا مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «تەرەققىيات بار يەردە رىقابەت بار دېمەكچى. ھازىر قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى بۇ ھەقتە تەشۋىشلەندۈرىدىغان، ئويلاندۇرىدىغان مەسىلىلەر كۆپ. شۇنداق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بىلىم. مىللەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالىمىز دېسەك، بىرىنچى نۆۋەتتە، بىلىمىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ياشلىرىمىزدا مىللىي روھ يوق دېيىشتىن يىراق مەن. ئامما مىللىي روھنى كۈچەيتىشتە چوڭقۇر بىلىم ئېلىش، ئىزدىنىش سۇسراق بىزدە. مانا مۇشۇ تەرەپلەر كىشىنى خېلى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سۈپىتىدە مەن بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىلىم ئېلىشقا چاقىرىمەن.»

بىز سۆھبەتلەشكەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ۋەتەن، مىللەت تەقدىرى ئويلاندۇرىدۇ. ئۇلار بۇ ھەقتە كۆپ ئېيتمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى يۈرىكىنى مۇجۇيدىغان، ئۇخلىسا چۈشىگە كىرىۋالىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى بۇ مىللەت تەقدىرى، ۋەتەن تەقدىرىدۇر.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
quju-tam-resim-01
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.