قازاقىستاندا يەر توغرىلىق قانۇن لايىھەسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى خىتايغا قارشى كەيپىياتنى باسالامدۇ؟

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىن بولۇپمۇ قازاقىستاندا ئۇزۇندىن بۇيان يەر مەسىلىسىنىڭ ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە بەس-مۇنازىرە قوزغاپ كېلىۋاتقاندى. مەملىكەتنىڭ نۇرسۇلتان، ئالمۇتا ۋە باشقىمۇ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۆتكەن نارازىلىق نامايىشلىرى قاتناشقۇچىلىرى قازاقىستان يېرىنىڭ چەت ئەللىكلەرگە، بولۇپمۇ خىتاي شىركەتلىرىگە ۋە پۇقرالىرىغا سېتىلىشىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتكە ئىجارىگە بېرىلىشىنى توختىتىشنى ھەم بۇنى مەنئىي قىلىشنى تەلەپ قىلغاندى.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلارغا قارىغاندا، مۇشۇ يىلى مەملىكەت رەھبىرى قاسىم-جومارت توقايېف قازاقىستان پارلامېنتى ئالىي كېڭىشىگە يەر مەسىلىسى بويىچە ئۆزگەرتىلگەن قانۇن لايىھەسى سۇنغانكەن. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە چەت ئەللىكلەردىن تاشقىرى يەنە باشقا ئەللەردىن ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ۋەتىنىگە كۆچۈپ كەلگەن قازاق پۇقرالىرىرى ئۈچۈنمۇ يەرنى ئىجارىگە ئېلىش ۋە سېتىۋېلىش مەنىي قىلىنغانكەن. ھۆججەتتە قازاقىستان پۇقرالىقىنى ئالغانلار ۋە ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن يەرنى سېتىۋېلىشنىڭ يا بولمىسا دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ قائىدە-يوللىرى تەپسىلىي قاراشتۇرۇلغان.

خەۋەرلەردە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى قازاقىستان پارلامېنتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنى مەملىكەت رەھبىرى قاسىم-جومارت توقايېف ئىمزالىغانكەن. ئەمما مەزكۇر قانۇن لايەھەسى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، نامايىشلار يەنىلا ئورۇن ئالغان.

«ئازادلىق» رادىيوسىدا ئېلان قىلىنغان «يەر مەسىلىسى توغرىلىق نامايىش ئالمۇتادا بىر نەچچە ئادەمنى يىغدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، شەھەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەيكىلى يېنىدا 40 قا يېقىن ئادەم يىغىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە يېزا ئىگىلىكىگە بەلگىلەنگەن يەرلەرنى سېتىشنى تولۇق مەنئىي قىلىشنى بېكىتىش ۋە مەملىكەتتە بىرلەشكەن خىتاي سانائەت لايىھەلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يوق قويماسلىق تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندا يەر مەسىلىسى بويىچە ئۆزگەرتىلگەن قانۇن لايىھەسى چىققاندىن بۇيان مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە بەس-مۇنازىرە توختىمايۋاتقان ئىكەن. شۇلارنىڭ بىرى «سېنتىر ئاسىيا» ئاخبارات-يېڭىلىقلار تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئىرىنا جوربېنادزېنىڭ «نېمە ئۈچۈن قازاقىستان خىتايغا زەربە بېرىشكە جۈرئەت قىلدى» ناملىق ماقالىسىدۇر. ئۇنىڭدا ماقالە ئاپتورى قازاقىستاننىڭ چەت ئەللىكلەرگە، يەنى ئەمەلىيەتتە خىتايغا يەر سېتىشنى مەنىي قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە يەر مەسىلىسىنىڭ قازاقىستانلىقلار ئۈچۈن ئىنتايىن چىگىچ مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. بولۇپمۇ خىتايغا يەر سېتىشقا ۋە خىتاي كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى كەيپىياتنىڭ ئۆسۈشىگە بىرىنچى نوۋەتتە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارغا قاراتقان تەقىبلەش سىياسىتى، ئۇلارنى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇشى ۋە شۇنداقلا قازاقىستاندا خىتاينىڭ 56 زاۋۇتىنىڭ سېلىنىشى توغرىلىق خەۋەرلەر سەۋەب بولغان. ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، مەملىكەتتە خىتايغا قارشى پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى بېسىشقا شارائىت يارىتىلغانكەن.

ئۆزگەرتىلگەن قانۇن لايىھەسىنىڭ ئىمزالىنىشى قازاقىستاندا يەر مەسىلىسى ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولدى دېگەنلىكمۇ؟ بۇ قازاقىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ بېسىلىشىغا سەۋەب بولالامدۇ؟

سىياسەتشۇناس دوس كۆشىم ئەپەندى كېيىنكى يىللاردا قازاقىستان جەمئىيىتىدە خىتاي توغرىلىق مىسلىسىز قورقۇنچ ۋە تەشۋىش پەيدا بولغانلىقىنى، شەخسەن ئۆزىنىڭ «خىتاي كېڭەيمىچىلىكى» دېگەن چۈشەنچىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن ھەر قانداق بىر مۇستەقىل مەملىكەت ھەر ۋاقىتتا ئۆز خەۋپسىزلىكىنى ھەرتەرەپلىمە ئويلىشى لازىم. بىر مەملىكەتتىن قورقۇش كېرەك ئەمەس. بىراق بىزدە خىتايدىن چۆچۈش ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. مەسىلەن، ھازىر يەرنى چەت ئەللىكلەرگە ئۇزۇن مۇددەتكە بېرىشكە بولمايدۇ دەپ ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن كۆرە يەرنى خىتايغا ئۇزۇن مۇددەتكە بېرىشكە بولمايدۇ دېگەن ياخشىدەك. قارىساق، ئىككىلىسى بىردەك. بىر ياقتىن ھەممە ئەللەرگە، يەنە بىر ياقتىن پەقەت خىتايغا. شەخسەن مەن ئۆزۈم رۇسىيە خەۋپىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىمەن. ئىككىنچى مەسىلە، بىزنىڭ بۇرۇنقى قانۇن بويىچە يەر ھېچ كىمگە سېتىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن توقايېف بۇ يەردە يېڭى قانۇن چىقارغىنى يوق. ئەسلىدە يەر چەت ئەللىك شىركەتلەرگە، يەنى چەت ئەللىك شىركەتلەرنىڭ ئۈلۈشى بار قازاقىستان شىركەتلىرىگە يەر ئىجارىگە بېرىلمەيدۇ دېگەن ماددا كىردى. بۇ 2016-يىلقى خەلقنىڭ يەر ماجراسى بويىچە كۆتۈرگەن تەلىپى. بۇنى توقايېف كۆتەرمىدى. مۇشۇنى ياخشى چۈشىنىۋېلىشىمىز كېرەك. بۇنى خەلق خالىدى، تەلەپ قىلدى، كوچىغا چىقتى. توقايېف شۇنى قانۇنغا ئايلاندۇرۇشقا مەژبۇر بولدى. بۇ توغرا. سەۋەبى قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىدا ھاكىمىيەتنىڭ كۆز-تۇمارى خەلق دەپ يېزىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ ئېيتقىنى ئەمەلگە ئاشتى. يەنە بىر نەرسە، 2016-يىلى ئىككى مەسىلە كۆتىرىلگەن ئىدى. بىرىنچى، يەرنى شەخسىيگە بەرمەسلىك، ھېچ كىمگە ساتماسلىق كېرەك. ئىككىنچىسى، يەنى توقايېفنىڭ ئىمزالىغىنى بۇ چەت ئەللىكلەرگە ئۇزۇن مۇددەتكە ئىژارىگە بېرىلمەيدۇ دېگەن مەسىلە. مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، توقايېف ئىككىنچى مەسىلىنى ئېيتىپ، بىرىنچىسىنى ئېيتمىدى. بۇ مەسىلىگە تېخىچە چېكىت قويۇلمىدى. دېمەك ھۆكۈمەت بەش يىلدىن بۇيان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايۋاتىدۇ دېگەن سۆز. بۇ ياخشىلىق ئەمەس.»

دوس كۆشىمنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان دائىرىلىرى مۇشۇ كۈنگىچە يەرنى شەخسىيگە ئايلاندۇرۇش نىيىتىدىن يانمىغانىكەن، دېمەك خەلق تەلىپىنى ئورۇنلىمىغان بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ ئەلدە خىتايدىن ساقلىنىش، گۇمانلىنىش روھىنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس رىسبېك سارسېنباي ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەر قازاقلارغا، ئۇيغۇرلارغا، قىرغىزلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم ھېلىغىچە توختىمىدى. ھازىر خىتاينىڭ ئالمۇتاتىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ھېچ بىر گۇناھسىز بالىلىرى، قىزلىرى، قېرىنداشلىرى قامىلىپ ياتقانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ. قاماقتا ياتقانلاردىن تېخىچىلا ئىز-دېرەك يوق. بۇ خىتاي تەرىپىدىن بېسىمنىڭ، تەقىبلەرنىڭ تېخىچىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق بولۇۋاتقاندا بۇ ياقتىمۇ ئومۇمەن خىتايغا بولغان قارشىلىق يەنە ئۆسۈپ، نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ داۋام قىلىنىشى سۆزسىز. بۇ يەردە خىتايغا قارشى بولۇۋاتقان نارازىلىق خىتاي بۇ بېسىمنى توختاتمىغۇچە داۋام قىلىدۇ. ئەمدى يەر توغرىلىق قانۇنغا كېلىدىغان بولساق، بۇ قانۇن يەرنىڭ خىتايغا يا باشقىلارغا سېتىلىپ كېتىشىگە ھېچ قانداق كاپالەت بېرەلمەيدۇ. بىزدە قانۇن دۇرۇس بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئورۇنلىنىشى دۇرۇس بولىۋەرمەيدۇ. سەۋەبى بىزدە پارىخورلۇق، ساتقۇنلۇق مەۋژۈت. بىزدە تېخىچە قازاقىستان پۇقراسى بولۇۋالغان چەت ئەللىكلەرگە يەر سېتىۋاتقانلار يوق ئەمەس. قازاقىستان جەمئىيىتى بۇنىڭغا سەگەكلىك بىلەن قارىشى لازىم. شۇڭلاشقا بىز قوبۇل قىلىنغان بۇ قانۇنغا ئىشىنەلمەيمىز. يەنە بىر مەسىلە، بىزدە خىتاينىڭ بىر نەچچە كارخانىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھۆكۈمەت تىزىمىغا ئېلىنغان. گەپ شۇنىڭدىكى، ئەنە شۇلار قانچىلىك دەرىجىدە قانۇنىي ھالدا ئىشلەۋاتىدۇ ھەم ئىشلىمەكچى. ئۇلارنى تەكشۈرۈش، كونترول قىلىش ۋەتەنپەرۋەر شەخسلەرنىڭ ئىشى. ھاكىمىيەت، ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ھەممىنى ياخشى دەپ ئېيتىشقا تىرىشىدۇ. بىراق 1-زاۋۇتتىن تارتىپ تا 56-زاۋۇتقىچە تەكشۈرۈشىمىز لازىم. شۇ ۋاقىتتىلا بىزنىڭ كۆڭلىمىز تىنچلىنىدۇ.»

رىسبېك سارسېنباي خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئەلگە كېلىشىنىڭ پەقەت ئىشلەپ چىقىرىش مەقسىتىنىلا كۆزلىمەي، بەلكى دېموگرافىيەلىك ئەھۋالدىمۇ، ئېكولوگىيەلىك ئەھۋالدىمۇ، مىللىي-سىياسىي ئەھۋاللاردىمۇ، ھەتتا خەلقارا ئەھۋاللاردىمۇ بۇنىڭ جىددىي مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ يەنە قازاقىستاندا خىتايغا قارشى كەيپىياتنىڭ يېقىن ئارىدا بېسىلمايدىغانلىقىنى، خىتاي خەۋپىگە يول قويۇلۇشىنىڭ كېلەچەكتىمۇ قانچىلىك زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، مۇشۇ يىلى مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئالمۇتادا 300 ئادەمنىڭ قاتىنىشىشى بىلەن نامايىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەقسىتى خىتاي كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى بولغانكەن. نامايىش ئۆتكۈزۈش يەرلىك ھاكىمىيەتلەر بىلەن ئالدىن-ئالا كېلىشىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش ئەھۋاللىرى ئورۇن ئالغانىكەن.