خىتاي قازاقىستاندا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتمەكتە

0:00 / 0:00

بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئورگان، دەپ بېكىتكەندىن بۇيان دېموكراتىك دۆلەتلەردە كۆپلىگەن كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى تاقىلىپ بولغانىدى. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل ئىنكاسلارغا قۇلىقىنى يوپۇرۇۋېلىپ، پۇل كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ، قازاقىستاندا كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئارقىلىق خىتاي تىلى مەدەنىيىتىنى ۋە ئىدىيەسىنى كېڭەيتكەنلىكى مەلۇم. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ تولىمۇ غەلىتە ۋە خەتەرلىك بىر ئەھۋال دەپ قارىلىدىكەن.

ئامېرىكانىڭ كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى(Columbia University) غا قاراشلىق ياۋرو-ئاسىيا تورى (Eurasianet) نىڭ مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى سۈن ياۋ قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغان. خىتاي ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەر قازاقىستاننىڭ ئەڭ داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان فارابى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا قازاقىستان-خىتاي ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى قۇرۇشقا مەركەزلەشكەن.

فارابى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تورىدا دېيىلىشىچە، 2002-يىلى فارابى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان. مەزكۇر توردا مۇنداق دېيىلگەن: «فارابى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشتا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ.»

بىز فارابى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلاردىكى كوڭزى ئىنستىتۇتى ۋە خىتاي-قازاقىستان ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خادىم سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بۇلاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان كېلىۋاتقان، قازاقىستاندا ياشايدىغان قازاق زىيالىيسى، دوختۇر ئەركىنبەگ نۇراخۇن قازاقىستاندىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى راۋاجلىنىشىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى. ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قازاقىستاندا 2002-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 100 مىڭ دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىدىن ئۇقۇش پۈتتۈرگەن. بۇلاردىن ئەڭ ياخشى ئوقۇغان 10 مىڭ ئوقۇغۇچى خىتايغا ئۇقۇشقا باردى. بۇنىڭغا كېتىدىغان ئىقتىسادنى خىتاي بېرىۋاتىدۇ. ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئىگە بولغان قازاقىستاندەك بىر دۆلەتتە، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە كۇڭزى ئىدىيەسىنىڭ بۇ قەدەر كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىپ، راۋاجلىنىپ ۋە گۈللىنىپ كېتىشى غەلىتە ۋە خەتەرلىك بىر ئەھۋال».

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سۈن ياۋ (ئوڭ رەتنىڭ ئوتتۇرىدا) باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى قازاقىستاندىكى كەسىپداشلىرى بىلەن ھەمكارلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 6-يانۋار، ئاستانا
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سۈن ياۋ (ئوڭ رەتنىڭ ئوتتۇرىدا) باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى قازاقىستاندىكى كەسىپداشلىرى بىلەن ھەمكارلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 6-يانۋار، ئاستانا (eurasianet.org)

ئەنگىليەنىڭ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق ئىنستىتۇتى (Institute for War and Peace Reporting) نىڭ تەتقىقات تۈرى بولغان كابار ئاسىيا (CABAR. asia) نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2003-يىلدىن 2020-يىلغىچە خىتايدىكى قازاقىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار 750 ھەسسە كۆپەيگەن.

رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى دوكتور شان روبېرتس (Sean R. Roberts) خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قازاقىستاندا بۇ قەدەر كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىنىشى ۋە خىتاي تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئوتتۇرىغا ئاسىيادا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە مائارىپ رىقابەتنىڭ بىر تۈرى ئىكەن. ئۇ كۆز قارشىنى مۇنداق شەرھلىدى:

«دېمەكچىمەنكى، ئەگەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا ئوخشاش باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقمىسا، خىتاي ئىنتايىن قىزىقىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر قەيەردىن مەبلەغگە ئېرىشسە شۇ يەردىن مەبلەغ ئالىدۇ. ئامېرىكا قىرغىزىستاندىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى قوللىدى. قازاقىستاندىكى نازاربايېف ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇشنى ئىنگلىز تىلىدا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى دېمەكچىمەنكى، خىتاي ئوتتۇرىغا ئاسىيادا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىۋاتىدۇ».

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ۋە قازاقىستان ئەمەلدارلىرى يەنە مائارىپ ئالماشتۇرۇش پروگراممىسىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى، شۇنداقلا قازاقىستان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا خىتايچە ئوقۇتۇشنى كۆپەيتىش ۋە قوش ئۇنۋان پروگراممىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئەركىنبەگ نۇراخۇن ۋە خىتايچە قوش ئۇنۋان پروگراممىلىرىنىڭ قازاقىستان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا بارغانسېرى كۆپىيىپ تەرەققىي قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىن كەلگەن قازاقلارنىڭ دىپلوملىرى قازاقىستاندا ئېتىراپ قىلىنماي بەك قېيىن ئەھۋالدا. لېكىن، بۇ قازاقىستاندىكى خىتايچە قوش ئۇنۋان پروگراممىلىرىنى ھەم قازاقىستان ھەم خىتاي ئېتىراپ قىلىدۇ. ھەر ئىككى دۆلەتتە ئىش تاپالايدۇ. خىتاينىڭ زور مەبلەغ سېلىپ خىتاي تىلى، مەدەنىيىتىنى ۋە ئىدىيەسىنى بۇ قەدەر كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتىكى مەقسىتى بولسا خىتاي تەسىرىنى قازاقىستاندا تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە قازاقىستاننى بېقىندىسىغا ئايلاندۇرۇش».

قازاقىستان ئەل-فارابى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 27-سېنتەبىر، ئالمۇتا
قازاقىستان ئەل-فارابى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 27-سېنتەبىر، ئالمۇتا (faoffice.lzu.edu.cn)

دوكتور شان روبېرتس خىتاي ۋە قازاقىستان مائارىپ ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى شۇنداقلا قازاقىستان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا خىتايچە ئوقۇتۇشنىڭ كۆپەيتىلىشى ۋە قوش ئۇنۋان پروگراممىلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى.

«خىتاينىڭ، ‹خىتاي ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى› قۇرۇشى، خىتايچە ئوقۇتۇشنى كۆپەيتىش ۋە قوش ئۇنۋان پروگراممىلىرىنى تۈزۈشى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىش. خىتايغا مايىل كەلگۈسى رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش. ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بار. بۇ خىتاي ئۈچۈن بەك مۇھىم. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلدۇرۇش. خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆپلىگەن پەرقلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سالدى. چۈنكى ئۇلار رايوندا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.»

قازاق ئاھالىلىرى خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى كېڭەيمىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2029-4-سېنتەبىر، ئالمۇتا.
قازاق ئاھالىلىرى خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى كېڭەيمىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ قىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2029-4-سېنتەبىر، ئالمۇتا. (REUTERS)

قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزىتىۋاتقان كۆپ ساندىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ قازاقىستاندا كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئارقىلىق خىتاي تىلى مەدەنىيىتىنى ۋە ئىدىيەسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. قازاقىستان فارابى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي جۇغراپىيە مۇتەخەسسىسى پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف ئەپەندى بۇ قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى قازاقىستاننىڭ ئەڭ داڭلىق ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولغان فارابى دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 2002-يىلى قۇرۇپ پىلانلىق تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىنى قازاقىستاندا تەشۋىق قىلىپ خاتالىشىشنى كۈچەيتىدۇ. بۇ، خىتاينىڭ بىر خىل يۇمشاق كۈچى. بۇ تولىمۇ غەلىتە بىر ئەھۋال.»

2019-يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ۋە تەسىر كېڭەيتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارىلىپ تاقىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. دۆلەتلىك تەتقىقاتچىلار بىرلەشمىسىنىڭ (National Association of Scholars) دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2019-يىلى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئورگان، دەپ قارار قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكادا ئىلگىرى بار بولغان 118 كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ يۈزدىن ئارتۇقى 2022-يىلى مايغىچە تاقىلىپ بولغان.