رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ژۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئىقتىسادىي تەسىر دائىرىسىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، بۇ ئاساسىي جەھەتتىن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىلەن باغلىق بولماقتىكەن ھەمدە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي يېقىندىن بۇيان قوشنا مەملىكەتلەرگە قارىتا يېڭى مۇناسىۋەتلەرنى قۇرۇشنى پىلانلىماقتىكەن.
يېقىندا رۇسىيەنىڭ لومونوسوف نامىدىكى موسكۋا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات-ئانالىتىكىلىق مەركىزى ئېلان قىلغان «خىتاي قازاقىستان بىلەن يېڭى مۇناسىۋەتلەرنى قۇرماقتا: نۇرسۇلتانغا تەلەپلەر قويۇلدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي قازاقىستان بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرسۇلتانغا سىياسىي تەلەپلەرنى قويغان. مەزكۇر ماقالىدە قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس ماكسىم كازناچايېفنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ۋە قازاقىستان چېگراسىدا يۈك ماشىنىلىرى ۋە ۋاگونلارنىڭ تۇرۇپ قېلىشىغا ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناچارلىشىشىغا بىر قاتار نۇقتىلار سەۋەب بولغانكەن. دۇنيادا كورونا ۋىرۇسى ۋاباسىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن خىتاي «قورغاس» ۋە «دوستلۇق» تاموژنا پونكىتلىرىدا بىر تەرەپلىمىلىك كارانتىن تەلەپلىرىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
ماكسىم كازناچايېف مۇنداق دېگەن: «خىتاي خىتايغا قارشى نامايىشلار ۋە يالغۇز كىشىلىك نامايىشلارنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنى جازالاشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى ئۆچمەنلىكنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئەسلىدە ئاقئوردىغا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن سىياسىي تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.» ماكسىم كازناچايېفنىڭ پىكرىچە، مۇبادا قازاقىستان ئامېرىكا تەرەپ بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ياقلىغان تەقدىردە، بېيجىڭ قازاقىستانغا قارشى قاتتىق چارىلەرنى كۆرۈشكە بارىدىكەن.
خىتاينىڭ سىياسىي تەلەپلەر قويۇشى قازاقىستان ئىقتىسادىغا قانچىلىك زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن؟
سىياسەتشۇناس رىسبېك سارسېنباي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇبادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ھەقىقەتەنمۇ قازاقىستانغا يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك سىياسىي تەلەپلەر قويۇلۇپ، بۇ دۆلەت ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان بولسا، دېمەك بۇ خىتاي قازاقىستاننىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشقان بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئېلىمىزدە نامايىش ئۆتكۈزىمىزمۇ، ئۇنىڭدا خىتايغا يا بولمىسا ئا ق ش قا قارشى چىقىمىزمۇ، ئۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى بار؟ بۇ قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ، قازاقىستان ئېلىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكىي ئىشى. ئەسلىدە بىر مەملىكەتنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا خەلقئارا قانۇنلار يول بەرمەيدۇ. خىتاينىڭ قازاقىستان ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى خىتاينىڭ بۇ ئەلدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھەقىقەتەنمۇ قازاقىستان بىلەن بولغان چېگرا رايونلىرىدا قازاقىستانغا يۈكلەرنى كىرگۈزمەي يا چىقارمايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلسا، دېمەك بۇ ئىقتىسادىي بېسىم كۆرسەتكەنگە تەڭ بولىدۇ. بۇ شۇنداقلا ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ھەقىقەتەنمۇ بىر يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت داۋامىدا ئىككى مەملىكەت چېگرىسىدا قازاقىستاننىڭ يۈك ماشىنىلىرى ۋە ۋاگونلىرىنىڭ تۇرۇپ قېلىۋاتقانلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر تارقىتىلماقتا. بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە قازاقىستان دۆلەت ئىقتىسادى ۋە قازاقىستانلىق تىجارەتچىلەر چوڭ زىيان تارتىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئارىلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشى ۋە شەرتنامىلەرنى قايتا قاراپ چىقىشى كېرەك.»
رىسبېك سارسېنباي خىتاينىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستىنى قوللىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا قازاقىستاندىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتتىنمۇ پايدىلىنىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
«سېنتىر ئاسىيا» تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ قازاقلىرى ئەل بېشىدىن تۇغقانلىرىنى خىتاي تۈرمىلىرىدىن بوشىتىشنى تەلەپ قىلماقتا» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ كەلگەن بىر گۇرۇپپا ئالمۇتالىق قازاق پۇقرالىرى مەملىكەت پايتەختىدىكى سابىق پرېزىدېنت، مىللەت لىدېرى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ خەت قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا كېلىپ، مۇراجىئەت قالدۇرغانىكەن. مۇراجىئەتتە ئۇلار خىتاي تۈرمىلىرىدىكى تۇغقانلىرىنى بوشىتىشنى تەلەپ قىلغان ھەم ئۇ يەردىن چىقىپ، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئۇلارنى قانۇنسىز نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىدە ئەيىبلەپ، تۇتقۇن قىلىشقا بۇيرۇغان.
سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوف مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ دائىرىلەر خىتايدىكى قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا ئارىلىشىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا بۇ ھەقتە سۆز ئېيتىشقىمۇ ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ. قازاقىستاندا خىتايغا قارشى نامايىشلار بېسىلماي، يەنە داۋام قىلىدۇ. نۆۋەتتە قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ بۇ نامايىشلارنى بېسىش، ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىشنى توختاتمايدۇ. خىتاي ھازىر ھەر خىل يوللار ئارقىلىق قازاقىستان تەرەپنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پىلانلىرىنى قوللاشقا ھەمدە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا كۆز يۇمۇشقا ئىتتەرمەكتە. بۇ يەنىمۇ داۋام قىلىدۇ. ئومۇمەن قازاقىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەت دۇرۇس ئەمەس. بىز خىتايدىن سورىغان قەرزنى نەتىجىلىك پايدىلانمىدۇق. ھازىر قازاقىستان خىتايغا 39 مىليارد دوللار قەرز. خىتاي ھازىر شۇ قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن قازاقىستانغا يېڭى-يېڭى تەلەپلەرنى قويۇۋاتىدۇ ھەم ئىككى تەرەپ شەرتلىرىنى ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ تەلەپلەرنىڭ ئىچىدە ئىجارىگە يەر بېرىش، زاۋۇتلارنى سېلىش ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر بار. بۇ يەردە شۇنداقلا ئېكېئولوگىيە، قازاقىستان ئىشچىلىرىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقلىرىنى قوغداش، بىخەتەرلىك ۋە باشقىمۇ مەسىلىلەر مەۋجۇت. شۇنىڭدەك ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەر، بولۇپمۇ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› غا ئوخشاش ئىقتىسادىي لايىھەلەر قازاقىستانغىمۇ بىرەر پايدا ئېلىپ كېلىشى كېرەك، ئەلۋەتتە. مۇبادا قازاقىستان بۇ شەرتلەردىكى تەلەپلەرنى ئورۇندىمىسا، بىزنىڭ ئىقتىساد چوڭ زىيانغا ئۇچرايدۇ.»
ئىگىلىشىمىزچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى مەجلىسىدە خىتاي ۋە قازاقىستان تاموژنالىرىدىكى ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپتىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئېنىق ئاخبارات بولمىغانلىقتىن قازاقىستان كېلىشىم شەرتلىرىنى ئورۇنلاشقا ئاجىزلىق قىلماقتىكەن.