قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان قازاقلار مەسىلىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ باشلامچىسى سېرىكجان بىلەشئوغلىغا كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر، قىرغىز قاتارلىق باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرىنىڭمۇ مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئۇ يېقىندا، لاگېر مەسىلىسىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى سېرىكجان بىلەشئوغلى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۇيۇشتۇرغان ھۆرلۈك ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە لاگېرلاردا ئازابلىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن پىكىرداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەنە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىجتىمائىي تورلاردا بىر قىسىم كىشىلەر سېرىكجان بىلەشئوغلىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا قارشى چىقىپ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بار دېگەن پىكىرلەرنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەنە شۇنداق ئۇچۇرلارنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: «قازاقىستاندا ئۇيغۇر بىلەن باغلىنىشلىق ‹شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام ھەرىكىتى›، ‹شەرقىي تۈركىستان ئازاد قىلىش تەشكىلاتى› تېررورلۇق دەپ ئاتالغان».
ئەلۋەتتە، بۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە ياكى بىرەر رەسمىي مەتبۇئاتقا تەۋە سۆزلەر بولماستىن بەلكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە چىقىرىلغان گەپ-سۆزلەر بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە قازاق زىيالىيلىرى ئارىسىدىكى نارازىلىق ئىنكاسىمۇ يۇقىرى بولدى.
18-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توققۇزتارا ناھىيىسىدە قاماقتا ياتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر ئالدىدا قىلغان سۆزىدە سېرىكجان بىلەشئوغلى خىتاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا قازاقىستاندا دېموكراتىيەلىك قەدرىيەتلەرنىڭ خېلى شەكىللەنگەنلىكىنى، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى مەۋجۇتلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇنى بىر قاتار مەسىلىلەردە ئەيىبلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. سېرىكجان بىلەشئوغلى ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارنىڭ بىر-بىرىگە قېرىنداش خەلقلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ھوقۇقلىرىنىڭ قازاقىستان قانۇنى بىلەن قوغدىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سېرىكجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسى، لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە قارشى تۇرۇۋاتقان بۇ خىل كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر، قىرغىز قېرىنداشلىرىمىز ۋە قانداقلا مىللەت خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىسا ھەم ئۇلار بىزگە ئەرز سۇنسا، بىز ئۇنىڭغا ياردەم بېرىمىز. ئۇيغۇر مىللىتىنى تېررورچى، دىنىي رادىكال دەيدىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسى ئاقمايدىغان گەپ. پۈتكۈل بىر مىللەتنى مۇشۇنداق خارلاشقا بولمايدۇ. بۇ قىلمىش، ئەخلاق جەھەتتىن ئالغاندا ئادەمگەرچىلىككە ئۇيغۇن ئەمەس. قازاقىستاندىكى، مۇمكىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ بىز قارشى ئالىمىز».
سېرىكجان بىلەشئوغلى يەنە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز يازغانلارنىڭمۇ، ئىجتىمائىي تورلاردا ئۇنىڭ توغرىلىق گەپ تارقاتقانلارنىڭمۇ مەقسىتى بىر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سېرىكجان بىلەشئوغلى يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۆزلىرىنى خىتاي مۇھاجىرلىرى دەپ ئاتايدىغان بىر توپ كىشىلەر تەرىپىدىن سوتقا ئەرز قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز شۇ مۇناسىۋەتلەر بىلەن بىر تۈركۈم قازاق پائالىيەتچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. شۇلارنىڭ بىرى، قازاقىستاندىكى تونۇلغان ئادۋوكات شىنقۇئات بايجانوف ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سېرىكجان بىلەشئوغلىنىڭ ھېچ قانداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى «ئۇيغۇر تېررورچىلىرى» بىلەن ئالاقە قىلدى دېيىشنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق يولىدىكى كۈرىشىنى تېررورلۇققا باغلاپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنيا يۈزىگە تېررورچىلار قىلىپ كۆرسەتكۈسى كېلىدۇ. خىتاينىڭ مەقسىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئۆزىگە بېقىندۇرۇش. بۇنى خىتاي ئوچۇقتىن-ئوچۇق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ خەۋپلىك نەرسە. سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلىدى. ئەمدى خىتاي ئەجدەرھاسى ئويغىنىپ، بىزگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇنىڭ يولىدا تۇرغان بىرىنچى توسالغۇ بۇ ئۇيغۇرلار. ئەگەر ئۇ ئۇيغۇرلارنى يۇتۇۋەتسە، نۆۋەت قازاقلارغا كېلىدۇ. مېنىڭچە، مۇبادا قازاقىستان ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى رەھبەرلىرى كېلەچەكنى ئويلايدىغان بولسا، ئۇلار ئۇيغۇر خەلقىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. تۈركىي مەملىكەتلەر ئۇيغۇرلارغا ياردەم بەرسە، ئۇ چاغدا خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقىتالمايدۇ».
شىنقۇئات بايجانوف قازاقىستاندا، ئۇيغۇر بىلەن قازاق، قازاق بىلەن قىرغىز ۋە باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا زىددىيەت سېلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئىمپېرىيەلىك مەملىكەتلەرنىڭ تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «سىياسىي لاگېرلارنىڭ بولۇشى شۇنىڭدىكى، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتۇر. بۇ پەقەت ئۇيغۇرغا قارىتىلغان سىياسەت ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتىلغان سىياسەتتۇر. ئەلنى باشقۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا كۆزى يەتمىسە، ئەتە كەچ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قانۇنىي ھالدا تىلەكداش بولۇشىمىز لازىم».
تۈركىيەلىك قازاق ژۇرنالىستى قالمان قوچيىگىت ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، خىتاي تۈرمىلىرىدە ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرلار قامالغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىككى مىليون ئۇيغۇر نەگە كەتتى؟ خىتاي بۇنىڭغا جاۋاب بەرسۇن. بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بىر، ئۇ خىتاي. شۇ دۈشمەنگە قارشى بارلىق تۈركىي-مۇسۇلمانلار خەلقلەر ۋە باشقىلار بىرىكىپ قارشى ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم. باشقا يول يوق. خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىنى دىپلوماتىيىلىك يول بىلەن ھەل قىلىش بوش سۆز. خىتاي ھېچ قاچان بۇنىڭغا بارمايدۇ. ئەمدى نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللىمايۋاتىدۇ؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ بارلىقى خىتاي بىلەن چېگرىداش. ئۇلار ئادەم سانى، ئىقتىسادىي قۇدرىتى، باشقىمۇ جەھەتلەردىن بولسۇن، خىتايغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. خىتاينىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي لاگېرلار ئارقىلىق باستۇرۇش سىياسىتى ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتىلغان باسقۇنچىلىقىنىڭ باشلانمىسا».
جەمئىيەت پائالىيەتچىسى يېربول دائۇلېتبېك ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى تېررورلۇققا باغلاشنى ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىنغان خىيانەت دەپ بىلىمەن. بۇ ئادەمگەرچىلىككە ياتمايدۇ. ئۇيغۇرلار باشقا خەلقلەر بىلەن بىردەك ياخشى، ئەركىن ئۆمۈر سۈرگۈسى كېلىدۇ. ئۇيغۇرغا ئوخشاش تۈركىي خەلقلەرنى بىر-بىرلەپ يوقىتىش بۇ خىتاينىڭ سىياسىتى. بىز ھازىر بىرىمىزنى ئاتسا، ئىككىنچىمىز قاراپ تۇرىمىز. شىنجاڭ مەسىلىسى تۈركىي خەلقلەرگە ساۋاق بولۇشى كېرەك. 20 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ قاتتىق سىياسىتى ئۇيغۇرلار بېشىغا كەلدى. ئۇ چاغدا قازاقلارغا تېگىشمىدى. ئۇ چاغلاردا قازاقلارنىڭ كۆپچىلىكى خىتاينىڭ مۇنداق سىياسىتىنى ئۇيغۇرلاردىن كۆرگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تومۇرىدىن يوقىتىش سىياسىتىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. بۇنى باشقىلار چۈشەنمىدى. مانا ئىككى يىلدەك ۋاقىت بولدى، ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كەلگەن تەقدىر قازاقنىڭمۇ بېشىغا كەلدى. ھازىر قازاقىستاندا 130 ئوشۇق مىللەت ياشايدىكەن. ھەممىسىنىڭ دەرىجىسى تەڭ. ئۇيغۇرلار ئالدىدىمۇ باشقىلار ئوخشاش تىنچ ھايات كەچۈرۈش، بىلىم ئېلىش، قازاقىستان ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش، ئەلنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش ۋەزىپىلىرى تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز ھوقۇقلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شۇ ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇنداۋاتىدۇ، دەپ ھېسابلايمەن. سەۋەبى ئۇيغۇر خەلقى مېھنەتپەرۋەر، بىرلىكى ياراشقان، بىزگە بىر تۇغقان خەلق. ئەمدى ھەر بىر خەلقنىڭ ئۆز ئالدىغا مەملىكەت بولۇش ئارمىنى بار. شۇ يولدا كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭغا ھوقۇقلۇق، دەپ ئويلايمەن».
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغان كۈندىن باشلاپ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى سىرتتىكى قازاقلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىش ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «سېرىكجان بىلەشئوغلىنىڭ ئىشلىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئارىلىشىشى خىتايغا قاتتىق تەگدى. ‹ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى› ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئومۇمەن قازاقىستاندا قازاق-ئۇيغۇر دوستلۇقى ناھايىتى كۈچلۈك. ئۇ ياقتا قازاق ۋە ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا تەقىپلىنىۋاتىدۇ. مىڭ ئەپسۇس، نېمىشقىدۇر ھۆكۈمىتىمىز بۇنىڭغا باشقىچە قاراپ، بۇ تەشكىلاتنى رەسمىيلەشتۈرمىگەن. ئويلايمەنكى، ‹ئۇيغۇر تېررورچىلىقى› نى كۆتۈرۈپ چىققان، ئۇتتۇر خىتاينىڭ پايدىسىغا ئىشلەۋاتقانلارنى قاتتىق ئەيىبلەش كېرەك».