خىتاينىڭ قەدىمكى كۈسەن مەدەنىيىتىنى خىتاي مەدەنىيىتىگە باغلاپ ئىزاھلىشى ئاساسسىز ئۇرۇنۇشتۇر

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2024.11.19
xitay-bayrimi-kucha.jpg كۇچادا ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق خىتاي دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش.
Baidu

خىتاي «ئىشچىلار گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 26-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۇچا شەھىرىدە «يىپەك يولى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە كۈسەن تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»، «8-نۆۋەتلىك كۈسەنشۇناسلىق يىغىنى» ۋە «كۈسەن ساياھەتچىلىكى تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» قاتارلىق بىرقانچە يىغىنلار ئۆتكۈزۈلگەن.

ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى چوڭ يىغىلىشقا خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 130 غا يېقىن مۇتەخەسسىس-تەتقىقاتچىلار قاتناشقان. خىتاي ۋە چەت ئەللىك ئالىملار كۇچانىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىقتىسادى، دىنى، تىلى ۋە سەنئىتى ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. مۇزاكىرە تېمىلىرىنىڭ ئىچىدە كۇچا تارىخىدىكى «بەي» فامىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۈسەن تېمىسىدىكى تۈرلۈك يىغىن ۋە پائالىيەتلەر ئەۋج ئالغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەتبۇئات ۋە ئاخباراتلىرىدا «كۈسەن» تېمىسى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.

كۆزىتىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كۈسەن» مەدەنىيىتىنى ئىزدەش، قېزىش ھەرىكىتى بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقاتىدا ئىپادىلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك تۈس ئالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەدىمكى كۇچا-ئاقسۇ رايونىغا نەزەرىنى تىككەنلىكى ئېنىق بولۇپ، ئىلگىرى قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئىنستىتۇتى، كۈسەن مۇزىكا-ئۇسسۇل تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە كۈسەن قەدىمىي قەبرىستانلىقى مۇزېيى قاتارلىق يېڭى ئىدارە-ئورگانلار ئارقا-ئارقىدىن تەسىس قىلىنىشقا باشلىغان. ساياھەتچىلىك جەھەتتە خىتاي ساياھەتچىلىرىنى جەلپ قىلىش مەقسەت قىلىنغان «جاڭنەندىن غەربىي يۇرتقىچە: كۈسەننىڭ مەدەنىيەت ئىزھارى» قاتارلىق تېمىلاردا تۈركۈم-تۈركۈم ساياھەت گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللىگەن.

بىر مىللەتكە ياكى بىر دۆلەتكە تەۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. قەدىمكى كۈسەن مەدەنىيىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۇچادىكى تارىخىي يادىكارلىقلارنى قايتا ئىزدەش ۋە يېڭىدىن شەرھلەشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش ھەرىكىتى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنچە كۈچ سەرپ قىلىپ «يېڭى كۈسەن مەدەنىيىتى» يارىتىش قىزغىنلىقىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان قەدىمكى كۈسەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

قەدىمكى كۈسەن دۆلىتى تارىم ئويمانلىقىنى كېسىپ ئۆتكەن يىپەك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. كۈسەن دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيەسى ھازىرقى كۇچا ناھىيەسىنى مەركەز قىلغان ھالدا بۈگۈر، شايار، توقسۇ، باي، ئاقسۇ، ئۇچتۇرپان قاتارلىق ناھىيە-شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. كۈسەن دۆلىتى كېيىنكى دەۋرلەردە ئايرىم-ئايرىم ھالدا قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان بولسىمۇ، تارىختا يەنە مۇستەقىل ھالدا ئۆز ئالدىغا ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي مەركەز بولۇپ كەلگەن. گېرمانىيە شەرقشۇناسلىرىدىن كلىمكىيت شۇنداق قارايدۇكى، كۈسەن بەگلىكى كىچىك بولۇشىغا قارىماي، تارىم ئويمانلىقىدىكى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان كۈچ سىنىشىشلارغا تەسىر كۆرسىتەلىگەن، كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغىمۇ ئارىلىشالىغان.

ئۇيغۇر ئەجدادلىرى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدىن باشلاپ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان دەۋرلەردە، ئۇدۇن، كۈسەن ۋە ئىدىقۇت قاتارلىق قەدىمكى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ مەشھۇر بۇددا دىنى مەركەزلىرىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم. بۇ دەۋرنىڭ ئىزنالىرى سۈپىتىدە قەدىمكى كۇچا دىيارىدىمۇ نۇرغۇنلىغان ماددىي ۋە يازما يادىكارلىقلار ساقلانماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1500 يىللار بۇرۇن ياسالغانلىقى مەلۇم بولغان قىيا-جىلغىلاردىكى ئىبادەتخانا ۋە قۇرۇلۇشلار مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار «مىڭ ئۆي» يادىكارلىقلىرى دەپ ئاتالغان. مەسىلەن، قۇمتۇرا، دۇلدۇل ئوقۇر، قىزىل، سۇ بېشى قاتارلىق جايلاردىكى تاشكېمىر سەنئىتى يالغۇز بۇددا دىنى تەرەققىياتىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت، مۇزىكا-ئۇسسۇلى، ئېتنوگرافىيەلىك ئالاھىدىلىكى قاتارلىق قەدىمكى كۈسەنلىكلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ھايات شەكلىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

يازما يادىكارلىقلار ئىچىدە كۇچا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن بايقالغان ھىندى، توخار ۋە سانسكرىت يېزىقىدىكى قەدىمكى ھۆججەتلەر ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ياۋروپالىق ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش ئۆزىگە تارتقان قەدىمكى تىللاردىكى يادىكارلىقلار ئاللىقاچان سىستېمىلىق تەتقىق قىلىندى. دۇنيا ئالىملىرى بىزگە شۇنى جاكارلايدۇكى، كۈسەن مەدەنىيىتى گرېك-رىم-ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى، بۇ مەدەنىيەتنىڭ ياراتقۇچىلىرى شۇ زېمىندا ياشىغان كۈسەنلىك ئۇيغۇرلاردۇر.

خىتاي ھۆكۈمەت «تەتقىقاتچىلىرى» نىڭ قەدىمكى كۇچادىكى «بەي» فامىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە باغلاش ئۇرۇنۇشى، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا خىتاينىڭ بۈگۈنكى سىياسىي ئېھتىياجى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققان ئويۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس. خىتاي تەتقىقاتچىلىرى بۇ تېمىنى قەدىمكى كۈسەن بىلەن خەن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرگە باغلاپ، قەدىمكى كۇچا مەدەنىيىتىنى خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئېيتىمى بىلەن شەرھلەشكە ئۇرۇنماقتا.

خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «بەي» فامىلىسىنىڭ قەدىمكى كۈسەنلىكلەر ئارىسىدا قوللىنىلغانلىقىنى، كۈسەن خانلىرىدىن بەي با، بەي يىڭ، بەي چۈن قاتارلىق ئىسىملارنىڭ خىتاينىڭ خەن سۇلالىسىدىن بۇيانقى يىلنامىلىرىدە خاتىرىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىتاي تور سەھىپىلىرىمۇ بۇنىڭغا ماس قەدەمدە «بەي فامىلىسى قەدىمكى كۈسەن خان جەمەتى بىلەن خەن سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى قەدىمكى كۇچا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ» دېگەن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت تارىخچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىختا ھەر خىل شارائىتتا قوللانغان بىر قىسىم خىتايچە فامىلىلەرنى خىتاي مەنبەلىك تارىخقا باغلاش ياكى كۈسەن مەدەنىيىتىنى بۈگۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش قىلمىشى، پۈتۈنلەي تارىخقا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتقا ئۇيغۇن بولمىغان ئۇرۇنۇشتۇر. تارىختا ھون، تۈرك ۋە ئۇيغۇر قەبىلە-ئۇرۇقلىرىنىڭ ناملىرى خىتاي تارىخنامىلىرىدا ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايچە خەت بىلەن يېزىلغانلىقىغا قاراپلا، ئۇلارنى خىتايچە فامىلىلەر دەپ قاراشقا بولمايدۇ.

ئىلگىرى ئۇيغۇر فامىلىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئەنۋەر سەمەد قاتارلىق بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار، ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان بىر قىسىم مىللەتلەر قوللانغان بىر قىسىم ئىسىم-فامىلىلەرنىڭ خىتاي مەنبەلىرىدە «جىيەن، بەي، ئەن، نەي» قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ئاھاڭ تەرجىمىسى قىلىپ خاتىرىلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل فامىلىلەرنىڭ بىر قىسمى خىتايلارنىڭ باشقا مىللەتلەرگە فامىلە ھەدىيە قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن شەكىللەنگەن ئىكەن. «بەي» فامىلىسىنى ئالساق، كېيىنكى «خەننامە» دىكى «بەنچاۋ تەزكىرىسى» دە، كۈسەن خانلىرىدىن سۇۋارنا پۇسپانىڭ ئىسمى خىتاي تىلىدا بەي با (白霸)، سۇۋارناچۇن خاننىڭ ئىسمى بەيچۈن (白纯) دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادى 91-يىلىدىن 788-يىلغىچە بولغان يەتتە ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، كۈسەندە «بەگ» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان (خىتايچە بەي دەپ تەرجىمە قىلىنغان) «سۇۋارنا» فامىلىلىكلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. بۇلاردىن باشقا خىتاينىڭ سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە مۇزىكا سەنئىتى بىلەن شۇغۇللانغان داڭلىق كۈيشۇناس كۈسەنلىك ئاقار ماندانىڭ ئىسمى خىتايچە بەي مىڭدا (白明达) دەپ خاتىرىلەنگەن.

كۈسەنلىكلەرنىڭ «بەي» فامىلىسىنى قوللىنىش مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، ھازىرغىچە تېخى ئېنىق يەكۈن چىقىرىلغىنى يوق. ئەنگلىيەلىك ئالىم بەيلېر «بەي» دېگەن كۈسەن ھۆكۈمدارلىرىنىڭ فامىلىسىنىڭ يەر نامىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى ئەپەندىمۇ بەيلېرنىڭ بۇ قارىشىنى قوللايدۇ. ئۇ قەدىمكى كۇچانىڭ «كۇتسى» (kutsi) دەپ ئاتالغان ئىسمىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى «ئاق، يورۇق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى، «كۈسەن» سۆزى دەل «كۇتسى» (kutsi) نىڭ سۈپەت شەكلى بولغان «كۇچەننە» (Kucanne)دىن كەلگەنلىكىنى، كۇچا سۆزىمۇ شۇنىڭدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ «بەي» فامىلىلىك كۈسەنلىكلەرنىڭ يىلتىزىنى شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئاساس يارىتىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى، ئىلمىي تەتقىقاتقا ۋە ئىلىم ئەخلاقىغا تۈپتىن زىت بولغان سىياسىي پۇرسەتپەرەستلىكتۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كۈسەن» ئاتالغۇسىنى سۇيىئىستېمال قىلىشى ۋە ئۇنى ئۆز ئالدىغا ئىزاھلىشى، «كۈسەن مىللىتى» دېگەن غەلىتە ئاتالغۇنى پەيدا قىلىشى، مىڭئۆي تاشكېمىرلىرى رەسىملىرىنى خىتاي مەدەنىيىتىگە باغلاپ ئىزاھلىشى، شۇنداقلا كۈسەن مۇزىكا-ئۇسسۇللىرىنى خىتاي مەدەنىيىتى قاتارىدا تەشۋىقات قىلىشى قاتارلىق ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ماھىيىتى بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىدە ئىقتىسادىي پايدا يارىتىشنىڭ كوزىرى قىلىش ئۈچۈن بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى قەدىمىي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىدىن ئايرىپ تاشلاپ، ئۇنى خىتاي مەدەنىيىتى نۇقتىئىنەزىرىدىن چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.

دەرۋەقە، ئىلىم-پەن ۋە دۇنيا ئىلىم ساھەسى خىتاينىڭ بۇ رەزىل سىياسىي ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ماھىيىتىنى مۇستەھكەم دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئېچىپ تاشلايدۇ!

[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.