سانكت-پېتېربۇرگدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇرچە قول يازمىلار نېمە دەيدۇ؟

0:00 / 0:00

ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا، ئىلىم دۇنياسىنى ئويلاندۇرغان پارلاق قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت سۈپىتىدە تارىخ سەھنىسىدە ئىزچىل پۇت دەسسەپ تۇرالىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، ئۇلارنىڭ قانداق قىيىن كۈنلەرگە قېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بولغان تىل، مەدەنىيەت ۋە ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تاكى بۈگۈنگىچە مۇكەممەل ساقلاپ كېلەلىگەنلىكىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولغان بۇ مىللەتنى يوقىتىۋېتىش ۋە ياكى ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇۋېتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن بارلىق ئاماللىرىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي، 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇلارنى جىسمانىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنىمۇ تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا. خىتاي ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرى نۆۋەتتە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە مائارىپتا قوللىنىلىشىنى چەكلىسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، نەشرىيات ئورۇنلىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، گېزىت-ژۇرنال ۋە ھەر خىل كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشىنى توسۇپ، ئۇيغۇر يېزىق تىلىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش، ھەتتا يوقىتىش يولىنى تۇتماقتا. كىلاسسىك ئەسەرلەر، فولكلور مەدەنىيىتى ۋە قەدىمكى تىل-يېزىق تەتقىقاتچىلىرىنى تۈرمىلەرگە ۋە تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى ئۆز كەسپىدىن ھەم خەلقىدىن ئايرىماقتا. دەرۋەقە، بۇنداق ئېچىنارلىق ۋەزىيەت ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەر بىر كىشىدە تەسۋىرلەپ بولغۇسىز ئازاب ۋە ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ زامانىمىزدىكى ئەڭ گۈللەنگەن ۋاقتى دەل شۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغان 2017-يىلىغا توغرا كەلدى. دېگەندەك، مۇشۇ مەزگىللەردە رۇسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەردە ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر ھەققىدىكى خوشخەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى قوليازمىلارنىڭ تىلى، مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپ ساندىكى دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىق تۈرلىرى بارلىققا كەلدى.

گېرمانىيەدە ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان قەدىمكى ئەسەرلەردىكى بارلىق سۆزلۈكلەر خەزىنىسىنىڭ مۇپەسسەل لۇغىتىنى تۈزۈش مەقسەت قىلىنغان كوللېكتىپ تۈر رەسمىي تەستىقلىنىپ، قىسقىغىنە 6 يىل ئىچىدە لۇغەتنىڭ دەسلەپكى 7 قىسمى نەشر قىلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى دىنىي مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئىقتىسادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قوليازمىلار تەتقىقاتى مۇجەسسەملەنگەن 15 پارچىغا يېقىن مەخسۇس كىتاب ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. 20 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەرنى كاتالوگلاشتۇرۇش تۈرى، 20 توملۇق چوڭ ھەجىملىك كاتالوگ سۈپىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى. قەدىمكى ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەر تۈركىيەدىكى كۆپ ساندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تۈركولوگىيە فاكۇلتېتلىرىنىڭ مۇھىم دەرسلىكلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان پىروفېسسورلارنىڭ سانى كۆپەيدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆتكەن يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەدە بارلىققا كەلگەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنىڭ ھەممىسى يەنە بىر قېتىم يېڭىدىن نەشر قىلىنىپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش پۇرسىتى تۇغۇلدى. ياپونىيەلىك ئالىملاردىن داي ماتسۇي (Dai Matsui) ۋە تاكاۋ مورىياسۇ (Takao Moriyasu) قاتارلىقلار، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق ۋەسىقىلىرى ۋە خەت-چەكلىرى ھەققىدە ئايرىم ئايرىم كىتابلار نەشر قىلدى. 1930-يىللاردا سۋېن ھېدىن (Sven Hedin) تەرىپىدىن شىۋېتسىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگە تەۋە بۇددىزم پەلسەپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ياۋروپا ۋە ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىنىپ نەشر قىلىندى. ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن لارى كلارك (Larry Clark) ئەپەندى مانى دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى. بۇلاردىن باشقا يەنە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، سەنئىتى، ئەدەبىياتى، ھەر خىل دىنلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىلەن ھىندى-ياۋروپا تىلى مۇتەخەسسىسلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا ھېچ قاچان كۆرۈلمىگەن بىر يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بارلىققا كەلدى.

قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى قوليازمىلار تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىر قىسىم ئ‍ۆرنەكلەر
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى قوليازمىلار تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىر قىسىم ئ‍ۆرنەكلەر (RFA/Ablet)

بۇ مەزگىللەردە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان قىممەتلىك مىراسلاردىن سانسكرىت، توخار، ساك، تىبەت، قىتان قاتارلىق قەدىمىي تىللاردىكى قوليازمىلار تەتقىقاتىمۇ دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە جانلانغان بىر دەۋرنى كۈتۈۋالدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تىللاردىكى ئەسەرلەرنى قاتتىق قامال قىلىشى، ھەتتا چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشىغىمۇ يول قويمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ۋاقىت تېجەپ تېخىمۇ ئەستايىدىل ئىزدىنىشىگە سەۋەبچى بولدى. ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان ھەر خىل تىل، دىن، تارىخ، مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە جەمئىيەتشۇناسلىققا مۇناسىۋەتلىك قوليازمىلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلار ئارىسىدا شەكىللەنگەن يېقىنلىق ۋە ھەمكارلىق بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

قىسقىسى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەر خىل يوللار بىلەن پەرقلىق دۆلەتلەرگە ئېلىپ كېتىلگەن قوليازمىلارنى قايتىدىن قولغا ئېلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىگە بېرىپ قېلىش تارىخى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ تەتقىقاتچىلار قىزىقىدىغان مۇھىم تېمىغا ئايلاندى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان قەدىمكى ئەسەرلەر تەتقىقاتى ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق بىر ۋەقەنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياقۇپ بەگ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەينى دەۋردىكى ئەھۋالى ھەققىدە يازغان قىممەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان ئەنگلىيەلىك روبېرت شاۋ (Robert Shaw) نىڭ 1873-يىلى قەشقەرگە بىللە كەلگەن ھەمراھلىرى ئارىسىدا ئاندرېۋ دالگلېئىش (Andrew Dalgleish) ئىسىملىك شوتلاندىيەلىك بىر ياش يىگىت بولغان ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا «تۈركى» ياكى «شەرقىي تۈركى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن ھەم يەركەنلىك بىر ئۇيغۇر قىز بىلەن توي قىلغان بۇ ياش، روبېرت شاۋ بىلەن قىلغان سەپىرىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق يەركەن بىلەن لېھ ئارىسىدا قاتناپ تىجارەت قىلغان. ئۇ ئاخىرقى قېتىملىق سەپىرىدە قارا قۇرۇم داۋىنىدىن ئۆتۈۋېتىپ، مۇھەممەت داد ئىسىملىك ئافغانىستانلىق بىرسى بىلەن بىر دىنىي تېمىدا مۇنازىرىلىشىپ قالغان. كۈتۈلمىگەن يەردىن مۇھەممەت داد ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ۋە قەشقەرىيەگە كىرىپ يوشۇرۇنۇۋالغان. قاتىلنى تېپىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئەنگلىيەلىك ئوفىتسېر ھامىلتون باۋېر (Hamilton Bower) 1890-يىلى ساياھەتچى قىياپىتىدە قەشقەرىيەگە كېلىپ قاتىلنى ئىزدىگەن. ئۇ قاتىلنى ئىزدەپ كۇچاغا كەلگەندە، تاسادىپىي بىر پۇرسەتتە قېيىن دەرىخى قوۋزىقىغا براھمى يېزىقى بىلەن يېزىلغان سانسكرىت تىلىدىكى بىر قانچە قوليازمىلارنى سېتىۋالغان. بۇ قوليازمىلار تېبابەتچىلىك، پالچىلىق ۋە توۋا-ئىستىغپار دۇئالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېكىستلەر ئىدى.

ئىلىم دۇنياسىدا كېيىنچە «بوۋېر تارىشا پۈتۈكلىرى» دەپ نام ئالغان بۇ قوليازمالار بايقىلىپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە فرېدېرىك رۇدولف ھۆرنلې (Frederic Rudolf Hörnle) تەرىپىدىن ئوقۇلغان. بۇ قوليازمىلارنىڭ مىلادى 4-ئەسىردىن 6-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتقا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، قەدىمىيلىكى ۋە تېپىلغان يېرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ھىندى-ياۋروپا تىللىرى ئالىملىرىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. بۇ كۈتۈلمىگەن يېڭىلىق ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن قەدەملىرىنى ئاللىقاچان بۇ سىرلىق زېمىنغا ئېلىپ بولغان رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە ئەلچىلىرى ۋە دىپلوماتلىرىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە يەنە بىر مۇھىم ۋەزىپە قوشۇلغان. ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن ھەر خىل يېزىقتىكى قوليازمىلارنى سېتىۋېلىشقا باشلىغان.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق قوليازمىلىرى ئىنستىتۇتى سانكت-پېتېربۇرگ تارمىقى بىناسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن بىر كۆرۈنۈش، 2019-يىلى 29-يانۋار، سانكت-پېتېربۇرگ

رۇسىيە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت بايلىقلىرىدىن ئەڭ دەسلەپ خەۋەردار بولغان ۋە ئالدى بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەن دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. كۈنىمىزدە رۇسىيەنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ ۋە موسكۋا شەھەرلىرىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە چوقان ۋالىخانوۋنىڭ 1856-يىلى غۇلجاغا، 1858-1860-يىللىرى ئارىلىقىدا قەشقەرگە قىلغان سەپىرى جەريانلىرىدا توپلىغان ئېتنوگرافىيەلىك بۇيۇملىرى ۋە تىل ماتېرىياللىرى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن توپلانغان پانتۇسوۋ (Pantusov) ، كاتانوۋ (Katanov) ۋە سېرگېي مالوۋ (Sergey Malov) لارنىڭ ئېتنوگرافىيەلىك تىل ماتېرىياللىرى پەقەتلا شۇ دەۋر تىلىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋردىكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك مەنبەلەردۇر.

كېيىنكى ۋاقىتلاردا غەربىي ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن توپلانغان ۋە كۈنىمىزدە رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق قوليازمىلار ئىنستىتۇتى سانكت-پېتېربۇرگ تارمىقىدا ساقلىنىۋاتقان چاغاتاي تىلىدىكى تارىخىي ۋە دىنىي ئەسەرلەر، تېبابەتچىلىك قوللانمىلىرى، رىسالەلەر ئوخشاشلا قىممەتلىكتۇر.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق قوليازمىلار ئىنستىتۇتى سانكت-پېتېربۇرگ تارمىقى ئۆزىگە تەۋە 65 جانلىق ۋە ئۆلگەن تىللاردا يېزىلغان 115000 پارچە ئەسەر بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قوليازما مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەرلەر ئارىسىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھەر خىل يوللار بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن سانكت-پېتېربۇرگقا ئېلىپ كېلىنگەن 6737 پارچە قوليازما، تاش باسما ئەسەرلەر ۋە ئەسەر پارچىلىرىمۇ بار. بۇلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا توخار، ساك، سوغدى، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق 13 خىل تىلدا يېزىلغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 4730 پارچە قوليازما، تاش باسما ئەسەرلەر ۋە ئەسەر پارچىلىرىنىڭ تىلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا خاستۇر. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، دۇنخۇاڭ ۋە سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدا بارلىققا كەلگەن بۇ ئەسەرلەرنىڭ 9-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە ئارىلىقتا مەيدانغا كەلگەنلىكى تەسەۋۋۇر قىلىنىدۇ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا بايقىلىش، يۆتكىلىش ۋە تەتقىق قىلىنىش ھېكايىلىرى بار. ئاز بىر قىسمىنىڭ قىدىرىپ تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا بايقالغانلىقى، كۆپ قىسمىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن سېتىۋېلىنغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەسەرلەر توپلىغان ياكى ئېلىپ كەلگەن شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان 13 توپلامغا ئايرىلغان. يەنە ئىككى توپلامنىڭ كىم تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.

پرژىۋالسكى ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى

توپلاملارغا بېرىلگەن ئىسىم بىلەن ئەبەدىيلەشكەن بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئالېكسېي دياكوۋ (Alekséi A. Dyakov) ، نىكولاي پېتروۋسكى (Nikolay Petroviskii) ۋە نىكولاي ن. كروتكوۋ (Nikolay Krotkov) غا ئوخشاش كونسۇللار ۋە دىپلوماتلار؛ ئالېكساندېر كومخانوۋسكي (Aleksandér Komhanowsksky) دەك دوختۇرلار؛ مىخائىل بېرېزوۋسكىي (Mikhail Bérezowskii) كەبى زوئولوگىيە تەتقىقاتچىلىرى شۇنداقلا روبوروۋسكي (Vsewolod Roborowsky) ، كوزلوف (Pyotr Kuzmich Kozlov) ، كلېمېنتز (Dmitry Alexandrowitsch Klementz) قا ئوخشاش ئارخېئولوگلار، جۇغراپىيەشۇناسلار ۋە ئېتنولوگلار؛ شۇنداقلا ئولدەنبۇرگ (Sergey Fyodorovich Oldenburg) ، سېرگېي مالوۋ (Sergey Malow) قا ئوخشاش شەرقشۇناس ۋە تىلشۇناسلارمۇ بار.

بۇ قوليازمىلارنى تۇنجى بولۇپ تەتقىق قىلغان مەشھۇر تىلشۇناس ۋە تۈركولوگلاردىن سامويلوۋىچ (Alexander Nikolaevich Samoilovich) ۋە ۋىلھېلم رادلوف (Wilhelm Radloff) لارنىڭ خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا، قوليازمىلارنى يىغىش ئەڭ دەسلەپ روبوروۋسكي ۋە كوزلوفلار 1893-1895-يىللىرى مەشھۇر ئارخېئولوگ نىكولاي پرژېۋالسكى (Nikolay Przhevalski) يېتەكچىلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئېكسپېدىتسىيەسى جەريانىدا تۇرپاننىڭ ئىدىقۇت ۋە تۇيۇق غوجام مازارى ئەتراپىدا يەرلىكلەردىن بىر قىسىم قوليازما ياپراقلىرىنى سېتىۋېلىشى بىلەن باشلىنىپ، كېيىنچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممىلا يېرىگە كېڭەيگەن.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق قوليازمىلار ئىنستىتۇتى سانكت-پېتېربۇرگ تارمىقىدا ساقلىنىۋاتقان بۇ قوليازمىلار سان جەھەتتىن كۆپ، مەزمۇن جەھەتتىن خىلمۇ-خىل. قوليازمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئېلىدىن، ئاز بىر قىسمى دۇنخۇاڭ مىڭ بۇددا ئۆيلىرىدىن يىغىۋېلىنغان. ئۇلاردىن باشقا يەنە 1910-يىلى گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدىن ئېلىپ كېلىنگەن بۇددا دىنى مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن «ئالتۇن يارۇق» نىڭ 397 ياپرىقىدىن تەشكىل تاپقان ئەڭ تولۇق نۇسخىسىمۇ بار. ۋىلھېلم رادلوف بۇ ئەسەرنىڭ 235 ياپرىقىنى ۋېنجۇكو مەھەللىسىدىكى بىر بۇددا ئىبادەتخانىسىدىن تېپىۋالغان. 135 ياپرىقىنى بىر يېزا باشلىقىدىن سېتىۋالغان. قالغان 30 ياپرىقى سۇجۇ شەھىرىنىڭ ھاكىمى تەرىپىدىن سوۋغات قىلىپ بېرىلگەن. قوليازمىلار ئارىسىدا ئورۇن ئالغان 11-ئەسىردە خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان «شۇەن زاڭنىڭ تەرجىمەھالى» ناملىق ئەسەردىن 88 ياپراقنىڭ مەزكۇر ئىنستىتۇتقا كېلىش ھېكايىسى بىر ئاز باشقىچە. بۇ ياپراقلار ئەسلىدە تاتارلارنىڭ دىنىي ئالىمى مۇرات رەمزى تەرىپىدىن 1926-يىلى تۇرپاندا سېتىۋېلىنغان. ياپراقلارنىڭ پۈتۈنرەكلىرى 1932-يىلى ئۇنىڭ ئوغلى فەھمى مۇرات تەرىپىدىن مەزكۇر ئىنستىتۇتقا سېتىپ بېرىلگەن. فەھمى مۇرات قالغان 123 كەمتۈك ياپراقلارنى فىرانسىيەلىك شەرقشۇناس پائۇل پېللىئوتنىڭ ئارىچىلىقى بىلەن پارىژدىكى گۇيمې مۇزېيى (Musée Guimet) غا ساتقان.

-1897يىلى سانكت-پېتېربۇرگدىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق قوليازمىلار ئىنستىتۇتىدا ۋىلھېلم رادلوف باشلىغان قوليازمىلار تەتقىقاتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى چوڭ نەتىجىگە ئېرىشكەن. 1909-يىلى رادلوف نەشرگە تەييارلىغان مانى دىنى مەزمۇنىدىكى ئەسەرلىرىدىن «خۇئاستۇئانىت» ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇددىزم مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەردىن «تىشاستۋۇستىك» ، «ئالتۇن يارۇق» قاتارلىقلار ئارقا ئارقىدىن نەشر قىلىنغان. كېيىنچە رادلوفنىڭ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان سەرگېي مالوۋ ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر ۋە توۋا-ئىستىغپار دۇئالىرىنى نەشرگە تەييارلىغان.

1990-يىللىرى دىن باشلاپ رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق قوليازمىلار ئىنستىتۇتى سانكت-پەتەربۇرگ تارمىقى ياپونىيە ئالىملىرى بىلەن ناھايىتى يېقىن بىر ھەمكارلىق ئورناتقان. ماساھېرو شوگايتو (Masahero Shogaito) ، جۇتېن ئودا (Juten Oda) ۋە ھىروشى ئۇمېمۇرا (Hiroshi Umemura) قاتارلىق ئالىملارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە يەنە بىر قاتار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەر نەشر قىلىنىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.

رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق قوليازمىلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ سانكت-پېتېربۇرگ تارمىقىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەر كاتالوگى 1-قىسمىنىڭ مۇقاۋىسى

ئەمما ئۇ يەردىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە قوليازمىلار تەتقىقاتى ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئەڭ خۇشاللىنارلىق يېڭىلىق، 2021-يىلى ئېلان قىلىندى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق قوليازمىلار ئىنستىتۇتى سانكت-پېتېربۇرگ تارمىقىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازمىلارنىڭ ئومۇمىي كاتالوگىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسى گېرمانىيەلىك مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس پىروفېسسور پېتېر زىمې (Peter Zieme) نىڭ يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر كاتالوگىنىڭ دەسلەپكى توپلىمى دۇنيا ئىلىم ساھەسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. چوڭ-كىچىك 603 پارچە قوليازما ھەققىدىكى ئاساسىي ئۇچۇرلارغا يەر بېرىلگەن بۇ توپلامدا ھەر بىر قوليازمىنىڭ تېپىلغان يېرى، تىلى، چوڭ-كىچىكلىكى، قۇر سانى، خەت شەكلى، ياپراق سانى، نەشر قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ھەققىدىكى ئاساسىي ئۇچۇرلار بېرىلگەن بولۇپ، ئالاھىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

يېقىنقى 6 يىل ئىچىدە رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرق قوليازمىلار ئىنستىتۇتى سانكت-پېتېربۇرگ تارمىقىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەر، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىختا مەركىزىي ئاسىيادا، ھەتتا ياۋرو-ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ئاجايىپ پارلاق سەھنە بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتمەكتە.

***

بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.