قەدىمكى خوتەن «ئات يارماقلىرى» نىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى كىم؟

0:00 / 0:00

يېقىندا خىتاي تور بەتلىرىدە «خوتەن ئات يارمىقى» دەپ ئاتالغان تەڭگە پۇللار ھەققىدىكى يازمىلار ئاۋۇپ قالدى. بۇ خىل قەدىمكى تەڭگىلەرگە ئات ۋە تۆگىنىڭ رەسىملىرى ئويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە قارۇشتى يېزىقى بىلەن خىتاي يېزىقىدا خەتلەر چۈشۈرۈلگەن. خىتاي ئاپتورلار بۇ تەڭگە-يارماقلاردىكى خىتايچە خەتكە قاراپلا، بۇ پۇللار قەدىمكى خىتاي سۇلالىلىرى تەرىپىدىن خوتەن رايونىغا تارقىتىلغان دەپ ھۆكۈم چىقارماقتا، شۇنداقلا بۇنى قەدىمكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى، جۈملىدىن قەدىمىي يۇرت خوتەننى ئىدارە قىلغانلىقىنى بىر دەلىلى سۈپىتىدە سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە.

ئۇنداقتا، خوتەندىن تېپىلغان قەدىمكى تەڭگە-يارماقلار راستىنلا قەدىمكى خىتاي سۇلالىلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغانمۇ؟ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى زادى كىم؟

ياۋروپالىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەرنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلانغان مەركىزىي ئاسىيانىڭ دەشت-باياۋانلىرىدىن «گۆھەر ئىزدەش»، يەنى قۇم بارخانلىرىغا كۆمۈلگەن قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېدىرىپ ئىزدەشتەك ئېكىسپېدىتسىيە قىزغىنلىقى جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدىن قېزىۋېلىنغان مىڭلىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىر ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مۇزېي ۋە كۆرگەزمەخانىلىرىدا ساقلانماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى خوتەنگە مۇناسىۋەتلىك ئات ۋە تۆگە سۈرەتلىك تەڭگە-يارماقلارنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت قىممىتى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

خوتەندىكى قەدىمىي يارماقلارغا تۇنجى قېتىم دىققەت قىلغان ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن كىشى ئەنگىلىيەلىك دوگلاس فورسىس (Douglas Forsythe) بولۇپ، ئۇ 1870-1873-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا زەرەپشان دەرياسى بويىدىن ئىككى دانە قەدىمكى يارماقنى بايقىغان. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىرقانچىلىغان چەت ئەللىك ئېكىسپىدېتسىيەچىلەر ۋە ئارخېئولوگلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن بۇ خىل يارماقلارنى ئارقا-ئارقىدىن قولغا چۈشۈرگەن.

تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ خىلدىكى قەدىمىي يارماقتىن 356 دانە تېپىلغان بولۇپ، ئۇلار دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ساندىكى يارماقلارنى قولغا چۈشۈرگەن كىشى ئەنگىلىيەلىك ئارخېئولوگ ئاۋرېل سىتەيىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرىدىكى قۇمغا كۆمۈلگەن خارابىلەردىن تېپىپ ئېلىپ كەتكەن قەدىمكى يارماقلىرىدىن 256 دانىسى ھازىر بۈيۈك بىرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا.

بۇ خىل يارماقلار مىستىن سوقۇلۇپ يۇمىلاق شەكىلدە ياسالغان بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا تۆشۈكى يوق، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئوڭ يۈزىگە «ئات» سۈرىتى چۈشۈرۈلۈپ، چۆرىسىدە قارۇشتى يېزىقىدا ئايلاندۇرۇپ يېزىلغان خەتلەر ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان خوتەندىن تېپىلغان بىر قىسىم مىس يارماقلارنىڭ ئۈستىگە قارۇشتى يېزىقىدا خەت ئويۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «خانلار خانى-خوتەن خانى گۇرگامايا» دېگەننى بىلدۈرىدىكەن، يەنى بۇ يارماقلارغا قەدىمكى خوتەن پادىشاھىنىڭ ئىسمى تامغا قىلىپ ئويۇلغان ئىكەن. يارماقنىڭ كەينى يۈزىدە خىتايچە «يىگىرمە تۆت جۇلۇق مىس يارماق» دېگەن خەتلەر يېزىلغان. بۇنىڭدىكى «يىگىرمە تۆت جۇ» يارماقنىڭ قىممىتىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، شۇ دەۋردىكى بىر سەرگە تەڭ كېلىدىكەن.

بۇ خىل تەڭگە پۇللار تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن «خوتەن ئات سۈرەتلىك مىس يارمىقى» ياكى تەڭگىلەرنىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان يېزىققا قاراپ «خىتايچە-قارۇشتىچە يارماق» دەپ ئاتالغان. بۇ خىل قەدىمكى تەڭگە-يارماقلارنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى بىر قەدەر مۇرەككەپ ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغان تېما بولۇپ، ئۇنىڭ تەۋەلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا ئەلۋەتتە ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي، جۇغراپىيەۋىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى شەرت-شارائىتلار، شۇنداقلا قەدىمكى خوتەننىڭ باشقا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا تەكشۈرۈش-تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئىلگىرى قەدىمكى خوتەن يارماقلىرى ئۈستىدە سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئەنگىلىيەلىك تەتقىقاتچى جو كرىببى (Joe Cribb) «خوتەن ئات يارمىقى» نى 13 خىل تۈرگە ئايرىپ چىققان. ئۇ ھەر جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلەرنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، قەدىمكى خوتەن يارماقلىرىنىڭ قەدىمكى خىتاي سۇلالىلىرىدە تارقىتىلغان پۇللار بىلەن ئورتاقلىقى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ ئۆز قاراشلىرىنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتا بويىچە شەرھىيلىگەن

بىرىنچى نۇقتا، بۇ خىل تۆشۈكسىز تەڭگە-يارماقلارنىڭ ئىلگىرى خىتاي تەۋەلىكىدىكى زېمىنلاردا قوللىنىلغانلىقى ياكى تارقىتىلغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوق. پەقەتلا خىتاي تارىخىدىكى «ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر» دەۋرىدە، يەنى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىرلەردە قۇرۇلغان چىن سۇلالىسى ۋاقتىدا بۇ خىل يارماقلار خىتايدىكى ناھايىتى تار جۇغراپىيەلىك دائىرىدە قىسقا بىر مۇددەت قوللىنىلغان ئىكەن. شۇڭا خىتاي سۇلالىلىرىدە قوللىنىلغان ئاساسلىق تەڭگە-يارماقلارنىڭ قەدىمكى خوتەندە ئىشلىتىلگەن «ئات يارماقلىرى» بىلەن ئورتاقلىقى يوق ئىكەن.

ئىككىنچى نۇقتا، خوتەن يارماقلىرى ئېغىرلىقى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ «چوڭ يارماق» ۋە «كىچىك يارماق» دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلغان. «كىچىك يارماق» لارنىڭ ئېغىرلىقى «چوڭ يارماق» لارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىكەن. ئەگەر خوتەن يارماقلىرىنى خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدە قوللىنىلغان تەڭگىلەر بىلەن زور دەرىجىدە ئورتاقلىقى بار دېيىلسە، ئۇنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەر يوق ئىكەن. تېخىمۇ ئېمىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خەن سۇلالىسىدە تارقىتىلغان تەڭگە پۇللارنىڭ قىممىتى خوتەن رايونىدا ئىشلىتىلگەن يارماقلارنىڭ نىسبەت ئۆلچىمىگە توغرا كەلمەيدىكەن. ۋاھالەنكى، قەدىمكى خوتەن يارماقلىرى خىتاي سۇلالىلىرىدە ئىشلىتىلگەن تەڭگە پۇللارغا قارىغاندا، قەدىمكى ھىندىستاننىڭ غەربىي-شىمالىي قىسمىدا ئىشلىتىلگەن تەڭگە پۇللارغا ئوخشاپ كېتىدىكەن. يەنى قەدىمكى خوتەن يارماقلىرىدا ئەكس ئەتكەن چارەك نىسبەت ئۆلچىمى، ھىندىستاننىڭ غەربىي-شىمالى قىسمى ۋە قەدىمكى باكتېرىيە دۆلىتىدە ئىشلىتىلگەن كۈمۈش تەڭگىلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەن. شۇڭا كرىببى گەرچە بۇ ۋاقىتتا قەدىمكى خوتەننىڭ خىتاي سۇلالىلىرى بىلەن قويۇق سودا تىجارەت مۇناسىۋىتى بولغان ھەمدە خىتاينىڭ بەش جۇلۇق تەڭگىلىرى خوتەندە تارقالغان بولۇشىغا قارىماي، خوتەن يارماقلىرى كۇشان ئىمپېرىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ چارەك نىسبەت ئۆلچىمىدىن ئۆرنەك ئالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

خوتەن يارماقلىرىنىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان خىتايچە خەتلەرگە كەلسەك، قەدىمكى خوتەن خانلىقىنىڭ خىتاي سۇلالىلىرى بىلەن سودا-تىجارەت مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولغاچقا، ئارىدىكى تىجارەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتايلارغا تونۇشلۇق بولغان خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى «بەش جۇلۇق پۇل» نى ئەسلىتىدىغان قىممەتنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە تەڭگە پۇلنىڭ يۈزىگە خىتايچە خەتلەر ئويۇلغان بولۇشى مۇمكىن. تارىخىي ماتېرىياللار قەدىمكى خوتەن پادىشاھلىقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇستەقىل خانلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ شەرقتە خىتاي، غەربىي-جەنۇبتا ھىندىستان قاتارلىق ئەللەر بىلەن قويۇق سودا ئالاقىسىدە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەكلىك رايونىدا قوللىنىلغان «بەش جۇلۇق يارماق» لارنىڭ خوتەن رايونىدىن تېپىلىشى، قەدىمكى خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ خوتەن رايونىنى ئىدارە قىلغانلىقى ۋە خوتەنگە پۇل تارقاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

خوتەن يارماقلىرى ھەققىدە ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قەدىمكى خوتەن يارماقلىرى مىلادىيەنىڭ 1-يىلىدىن تاكى 132-يىلىغىچە بولغان يۈز يىلدىن ئارتۇق دەۋردە ئاز دېگەندە ئالتە نەپەر خوتەن پادىشاھى تەرىپىدىن مىستىن قۇيدۇرۇلۇپ تارقىتىلغان ئىكەن.

بۇ جەرياندا قەدىمكى خوتەن (ئۇدۇن) دە بىرقانچە قېتىم پادىشاھلىق تەختى ئالماشقان بولۇپ، خوتەننىڭ يىپەك يولىدىكى ئەۋزەللىكى ئىزچىل تۈردە خىتاي قاتارلىق ئەتراپتىكى ئەللەر ۋە قەۋملەرنىڭ بايلىق ھەم كۈچ-قۇدرەت تالىشىش كۈرىشىگە سەۋەب بولۇپ كەلگەن. خوتەن پادىشاھلىقى گەرچە بىر مەزگىل باشقا ئەللەرنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قايتىدىن مۇستەقىللىقنى قولىغا ئالغانلىقى مەلۇم.

خوتەن دىيارىدا تارىختىن بۇيان قاشتېشى، تۆگە، ئات، يىپەك رەخت، پاختا رەخت ۋە گىلەم قاتارلىقلار مال ئوبوروت بۇيۇمى قاتارىدا قوللىنىلغان بولۇپ، خوتەن يارماقلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ياسىلىپ قوللىنىلغان ئەڭ بۇرۇنقى تەڭگە پۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى زامانلارغا تەۋە، يەنى مىلادىيە 9-10-ئەسىرلەردە خوتەندە ياسىلىپ ئىشلىتىلگەن بىر قىسىم قوغۇشۇن يارماقلار بار بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ بىرقانچە دانىسى شىۋېتسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.