ئۇيغۇر سەرخىللىرى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا مىللەت ۋە مىللىي دۆلەتچىلىك ھەققىدە قانداق ئىزدىنىشلەردە بولغان؟
چېخ جۇمھۇرىيىتىدە يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇرشۇناسلاردىن ئوندېرېي كلىمېس ئەپەندىنىڭ يېقىندا نەشردىن چىققان «قەلەم كۈرىشى» ناملىق ئىلمىي كىتابى دەل بۇ تېمىغا بېغىشلانغان.
راۋان ئۇيغۇر تىلىدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئوندرېي كلىمېس ئەپەندى پراگادىكى ئۆيىدە تۇرۇپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بەردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ 2000-يىلارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بۇ تېما ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغانلىغانلىقىنى ھەمدە ئون نەچچە يىللىق كۈچ ئۇلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىلمىي ئەمگىكىنى يورۇقلۇققا چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىلمىي ئەمگىكىنى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئېلىپ بارغان مىللەت ۋە مىللىي دۆلەتچىلىك ئىزدىنىشلىرى ھەمدە بۇ جەھەتتە ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدېئولوگىيەلىرىگە بېغىشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئوندرېي ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ كىتابىغا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ 1940-يىللاردا خىتاي تارىخچىسى ئىلى دۇڭفاڭ بىلەن ئېلىپ بارغان تۈرك تارىخى ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىسى، يەنى «قەلەم كۈرىشى» ناملىق ئىلمىي يازمىسىنىڭ تېمىسىنى ماۋزۇ قىلىپ تاللىۋالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە مەزكۇر كىتابىدا، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىدا مىللەت ۋە مىللىي دۆلەتچىلىك ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى، ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار، «3 ئەپەندى» ۋەكىللىكىدىكى مىللىيەتچىلەر بىلەن ئىلىنى مەركەز قىلغان زىيالىيلار ئوتتۇرىسىدىكى تارتىشمىلار قاتارلىق تېمىلارنى مەركەزلىك مۇھاكىمە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ئىدىيىۋى ئۆزگىرىشلەر، تۈركىيەدىكى ياش تۈركچىلەر، جەدىدچىلىك ھەرىكىتى قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق ئىدىيە ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.