قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى نۇسخىسىنىڭ كودىنى كىم يېشىدۇ؟

بېرلىندىن ئوبزورچىمىز ئابلەت سەمەت تەييارلىدى
2023.08.17
qeshqer-sayahet-ussul قەشقەر قەدىمىي شەھرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، ساياھەتچىلەر ئۇسسۇل كۆرۈۋاتىدۇ، قەشقەر، 2019-يىلى 18-ئاۋغۇست
www.gov.cn

2017-يىلىدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشقانىدى. ئەمما شاھىتلارنىڭ بىر بىرىدىن كۈچلۈك ئەمىلى دەلىللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيەتلىرى بىلەن ئادالەتپەرۋەر دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى نەتىجىسىدە  «بىگىزنى تاغارغا يوشۇرۇش»قا ئامالسىز قالغان خىتاي ھۆكۈمىتى تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ يېڭىچە يوللارنى ئىزدەشكە باشلىدى.

 ئۇلار بىر تەرەپتىن خىتاي سىرتىدىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشى قوزغىسا يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۆزىدە يالغان سەھنە ياساپ، ئۇيغۇرنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى داۋراڭ سېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىگەن شەخس، جەمئىيەت ۋە دۆلەتلەرنى يالغانچىغا چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ ئىقتىسادىي بېقىندىلىق سەۋەبىدىن ھەق ئىشتىلا ئەمەس بەلكى ناھەقچىلىكتىمۇ ئۆزىنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ خىتايپەرەس مۇخبىرلىرىنى، ئارقىدىنلا خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچى ۋە ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ بېرىپ، ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان «سەھنە» ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىگە ئېلىپ بارغان ئىخلاسمەنلىرى قايتقاندىن كېيىن دەيدىغان ۋە يازىدىغان سۆزلىرىنىمۇ ئالدىن  تەييارلاپ بېرىۋاتىدۇ.

 مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى خىتاينىڭ مۇھىم تاراتقۇلىرىدىن «شىنخۇا تورى» دا مانا مۇشۇنداق ماقالىدىن بىرى ئېلان قىلىنغان. «يىپەك يولى مەدەنىيەت مەنزىلى كۇئېنلۇننى قاپلىدى» دېگەن ماۋزۇدا بۇ يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى خىتايچە «شىنخۇا تورى»دا ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئوخشاش كۈندە «تەڭرىتاغ تورى»دا ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالە يۇقىرىقىدەك ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىچىگە بىر نەچچە يېڭى تارتىلغان رەسىم قىستۇرۇلۇپ، ماۋزۇسىغىمۇ يەنە بىر قاش كۆز سىزىلىپ «يېرىم ئايلىق سۆھبەت - قەشقەر: يىپەك يولىنىڭ مىڭ يىلدىن ھالقىغان مېلودىيەسى»گە ئۆزگەرتىلگەن. ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىزاھاتقا قارىغاندا بۇ ماقالە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ، 6-ئاينىڭ 21-كۈنى يوللىغان تېلېگراممىسىغا ئاساسەن تەييارلانغان.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ لى زىلىياڭ، ساۋ جىخېڭ، يۈتاۋ ۋە گاۋ خەن ئىسمىدىكى 4 نەپەر مۇخبىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ ماقالىنىڭ خاراكتېرى يەنە «قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى نۇسخىسىنىڭ كودىنى يېشىش» دەپ ئەسكەرتىلگەن. ماقالىنىڭ ئىككى ئاي بۇرۇنقى ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بىلەن خىتايچە نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇشنىڭ ئۆزىلا قىزىققۇچىلارغا يېتەرلىك تاماشا.  مۇخبىرلار ئارىسىدىكى لى زىلىياڭ ئىسىملىك شەخس گۇيجۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى. ئۇنىڭ بۇ يىل يانۋاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ قالغانلىقىمۇ ئوقۇرمەنلەرنى ئەجەبلەندۈرىدىغان يەنە بىر سەۋەب.

 بەزى سۆزلىرى بىر قىسىم يېقىنقى زامان خىتاي شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن ۋە رەئىسلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىدىن ئېلىنغان دەسلەپكى ئابزاس ئۇيغۇرچىدىمۇ شېئىرىي شەكىلدە «ھەيۋەتلىك كۇئېنلۇن، ئۇزۇنغا سوزۇلغان يىپەك يولى. تاغ-دەريالار مېھىر-مۇھەببەتكە تولدى، يىللار بۇنىڭغا گۇۋاھ بولدى. 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، يىپەك يولىدا كولدۇرما ياڭراپ، قەشقەر خۇاشيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا ئۆسۈپ يېتىلدى. تارىخنىڭ تومۇرى ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرى يارقىن، مول بولدى، تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت بىرى-بىرىنى جۇلالاندۇردى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان.

 بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «2000 نەچچە» نېمە دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساق، پەقەت كېيىنكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە خىتاي ئەلچىسى جاڭ چيەننىڭ ئۇلۇغ توخارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ھونلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش تەكلىپى بىلەن كېتىۋاتقىنىدا ھونلارغا تۇتۇلۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ھونلارنىڭ يېنىدا نەزەربەند قىلىنغاندىن كېيىن قېچىش سەپىرىدە ۋاخان كارىدورىدىن ئۆتۈپ جەنۇبىي يول بىلەن يۇرتىغا قايتقانلىقىنى پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ خاتىرىلىرىدە قەشقەرگە كەلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئابزاستا ئاپتورلار بىلىپ بىلمەي راست گەپ قىلىپ، «يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار قەشقەر قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي، شۇنداقلا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالاقىلەشكەن، ئالماشتۇرۇلغان، يۇغۇرۇلغان سەھنە، ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر» دەيدۇ. ئارقىدىنلا 2022-يىلى 7-ئايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى، تومۇرى»دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى يەنە رەت قىلىدۇ. بۇ مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى قەشقەر شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ياسىما يېڭىلىقلارنىڭ كېلىش سەۋەبىنى مۇنداق دەپ ئىزاھلايدۇ:

«باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، قەشقەر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەردە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، سىغدۇرۇشچان بولغان مەدەنىيەت يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى».

 ئاپتورلار ماقالىنىڭ 6-ئايدا نەشر قىلىنغان نۇسخىسىدا بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خۇلاسىدىن كېيىن ئورۇن ئالغان «تومۇرداش بولۇپ، خەن، تاڭ ئۇسلۇبى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلدى» دېگەن كىچىك ماۋزۇ ئاستىدا خىتاي گېنېرال بەنچاۋنىڭ 1-ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە قەشقەرگە كەلگەنلىكى ھەققىدە ئالاھىدە توختالغان. قىزىقارلىقى يېرى شۇكى ماقالىنىڭ يېڭى نۇسخىسىدا بۇ مەزمۇن چىقىرىۋېتىلگەن.

ئۇلار خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توخ تىلىپ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چاڭئەندىن كەلتۈرۈلگەن چايلارنىڭ يىپەك يولىنى بويلاپ قەشقەرگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە قەشقەرنىڭ چاي مەدەنىيىتى تەدرىجىي گۈللىنىپ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەنلىكىدەك ئاجايىپ پەرەزلىرىنى يېزىشقان.

ئەزەلدىنلا قەشقەرنى زىيارەت قىلغان ھەر بىر كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلگەن بۇ ئالاھىدە ئادەت، پەقەتلا چاي ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش ۋە ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ قۇرۇق كۆڭۈل ئېچىش ئەمەستۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى ۋە چاي ئىچىش ئادەتلىرىنىڭ چاڭئەن بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق. ئۇيغۇر ئېلىغا سىرتتىن كېلىدىغان چايلار قەدىمدە يىراق چاڭئەندىن ئەمەس بەلكى يېقىن قوشنا ھىندىستان ئارقىلىق كېلەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ چايخانىلارغا جەم بولۇپ چاي ئىچىش ئادەتلىرى  يېقىن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىشلار ھەققىدە ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىدىغان، جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان ئىشلاردىن ئۆزىنى خەۋەرلەندۈرىدىغان ھەتتا قىلماقچى بولغان ئىشلاردا مۇھىم قارارلار چىقىرىدىغان ئالاھىدە پائالىيەت شەكىللىرىدۇر.

 ئۇيغۇرلارنىڭ چاي ئادەتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى خىتايلارنىڭكىگە ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ.

 قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەردىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر تىلىدىكى «چاي» سۆزى ئەسلىدە ئىككى خىل مەنبەدىن كەلگەن بولۇپ، بۇلاردىن بىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارىغا كىرگەن ئىچىدىغان، يەنى ماقالە ئاپتورلىرى بىلىدىغان ئادەتتىكى چاينى كۆرسەتسە، يەنە بىرى قەدىمدىنلا بار «نەزىر-چىراغ، تاماق، زىياپەت، توي» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان ئالاھىدە چاي ئىدى. «چاي» نىڭ بۇ مەنىلىرى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىدە ئەينەن ساقلىنىپ كەلگەن. يەنى، ئۇيغۇر تىلىدا «چاي قىلىش، چايغا بېرىش، چاي ئىچۈرۈش» دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىدىن ھېچ خەۋىرى يوق ئۇ ئاپتورلارنىڭ چۈشىنىشى ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، «چايخانا» دەپ ئاتالغان بۇ بىنالار ۋە ئۆيلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ئالاقە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى ۋە جامائەت پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئەزەلدىن مۇھىم بولۇپ كېلىۋاتقان ئالاھىدە مۇھىم بىر تارىخىي ئامانىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان مۇھىم سورۇنلاردۇر.

قەشقەردىكى ساپالچىلىق     ھۈنەر سەنئىتى ھەققىدە توختالغاندا مەزكۇر ئاپتورلار بۇ ھۈنەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قاراشلىرىغا يەر بېرىدۇ. بۇ مەردلىكى بىلەن قەشقەرنىڭ ساپالچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا  ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغاندەك كۆرۈنۈشكە كىرىۋالغان ئاپتورلارنىڭ، بۇ قەدىمىي ھۈنەرنىڭ كېيىنكى يىللاردا نەقەدەر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكى مەلۇم. پۈتۈن كونا شەھەر رايونىدا پەقەت بىرلا ئائىلە تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىنىۋاتقان بۇ ھۈنەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبارسىز قارىشى تۈپەيلىدىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتقانلىقى خېلىدىن بېرى شۇ ئاخىرقى  ساپالچىلار ئەۋلادى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئەنسىرىتىپ كېلىۋاتقان بىر رېئاللىق.

قۇم دەرۋازىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلىرىدىن سېيىت نوچىنىڭ مەھەللىسى بولغان «كوزىچى يار بېشى» نىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئىگىسىز قالغان ئۆيلىرىنىڭ چاك كەتكەن تاملىرى ۋە دەل مۇشۇ مەھەللىدىكى ئاشۇ ئاخىرقى ھۈنەرۋەن بۇنىڭ ئەمىلى مىسالى.

ئاپتورلار قەشقەر كوچىلىرىدا شاد-خۇراملىققا چۆمگەن كىشىلەرنىڭ ناخشا ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ يۈرگەنلىكى، جىڭجۈ تىياتىرى ۋە چىنجياڭ ئەلنەغمىلىرىنى بەس-بەستە ئورۇنداۋاتقانلىقىدىن ئالغان تەسىراتلىرىنى مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قەشقەردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر قەشقەردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى ماكانى، تېخىمۇ مۇھىمى قەشقەردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى».

 ئاپتورلارنىڭ بۇ تەسىرات ۋە بايانلىرى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغانمۇ؟ قەشقەر مەدەنىيىتى ھەقىقەتەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىمۇ؟ قەشقەر خەلقى ئۇلار كۆرگەندەك ھەقىقەتەن بەختلىكمۇ؟  قەشقەر خەلقى ئەسلى زادى كىم؟ جىڭجۈ تىياتىرى، چىنجياڭ ئەلنەغمىلىرى قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىمۇ؟

 خىتاي تەشۋىقاتچى مۇخبىرلىرى كۆتۈرۈپ چىققان بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن خىتايلار خىتاي كوممۇنىستلىرى قەشقەرنى، ئۇيغۇر ئېلىنى ئشىغال قىلغاندىن كېيىنكى بۇ 74 يىل جەريانىدا پەيدا بولغان ۋە ھەسسىلەپ كۆپەيتىلگەن. بۇ زېمىندا خىتاي مىللىتى ئەزەلدىن ھازىرقىدەك كۆپ ياشاپ باقمىغانلىقى مۇخبىرلارنىڭ ئۆزلىرىگىمۇ ئايان. 1949-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 2 مىڭ ئەتراپىدا ئىدى. تەخمىنەن %98 تىن كۆپرەك نوپۇسى ئۇيغۇردىن تەركىب تاپقان، ئەزەلدىن تۈرك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى دېگەن نامى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن بۇ زېمىندا، چاڭئەن مەدەنىيەت تەسىرلىرىگە نېمە ئېھتىياجى بولسۇن؟ قەدىمدىن ئۆزلىرىنىڭ 12 مۇقامىنى، قەشقەر خەلق ناخشا-كۈيلىرىنى ئاڭلاپ ئادەتلەنگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىگە پۈتۈنلەي ناتونۇش جىڭجۈ تىياتىرلىرىدىن قانداقمۇ ھۇزۇرلىنالىسۇن؟

 دېمەك، مۇخبىرلار قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆز سەنئەت بايلىقلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي  تىلى ۋە ناخشا مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىشكە، ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق مائارىپىنىڭ چەكلىنىپ خىتاي مائارىپنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى كۆرمەسكە سالغان ۋە بۇ خىل زىيانكەشلىكنى توغرا دەپ قارىغان بولسا كېرەك.

ماقالىنىڭ داۋامىدا ئاپتورلار، قەشقەر كونا شەھەر رايونىنىڭ يېڭىچە قىياپىتى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشىپ، بۇ رايوننى ئۆزگەرتىپ ياساش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەبلەغلىرىنىڭ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يوقىتىش ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ئەنە شۇنداق قەۋەتلىك ئۆيلەردە، سىرلىق كوچىلاردا ياشاشقا ئادەتلەنگەن خەلقنى ئورنىدىن قوزغاپ، ئادەتلىرىنىڭ ئەكسىچە ھۇزۇرسىز ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغانلىقى ئېنىق. ئۇيغۇر ئۆرپ ئادەتلىرىنى چۈشەنمەيدىغان ۋە بۇ رايوننىڭ ئەسلى ئەھۋالىنى ھېچ بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇ غەلىتە دەرۋازا ئېچىش مۇراسىملىرى، قەشقەرنى كۆرۈپ باقمىغان جاڭچىەن رولىدىكىلەرنىڭ خەلقنى سالاملاشلىرى، قەشقەردىكى ھەتتا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ماۋ زېدوڭ ھەيكىلى، خىتاي قەھرىمانى بەنچاۋنىڭ ھەشەمەتلىك ھەيكىلى ۋە باغچىسى، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان يول قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇ بىچارە قەشقەر خەلقىنى خارلاش ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرۈش ئۈچۈن مەقسەتلىك قىلىنىۋاتقان زىيانكەشلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. پەقەت ساياھەتچىلەر ئۈچۈنلا تەييارلانغان بىر نەچچە كوچىدىكى پەردازلار، ھەر بىر سۆزىنى ئويلىنىپ دېيىشكە مەجبۇر ئۇيغۇر دۇكاندارلار، خىتاي زىيارەتچىلىرىنىڭ خالىغانچە يېقىنلىشىپ زوراۋانلىق قىلىشىغا يىغلاش ئورنىدا كۈلۈپ تۇرۇپ بىللە رەسىمگە چۈشۈشكە مەجبۇر ساھىبجامال ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ دەردىگە كىم يەتسۇن؟

قەشقەر قەدىمى شەھىرىنىڭ كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى ئىيۇل
قەشقەر قەدىمى شەھىرىنىڭ كۆرۈنۈشى، 2023-يىلى ئىيۇل
www.ts.cn

 سېپىل ئىچىدىكى ئۆيلىرىدىن سېپىل سىرتىغا مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەر كىمگە ئەرز قىلسۇن؟ كۆڭۈل ئېچىش ھۇجرىلىرىغا ئايلانغان مەسچىتلەرگە ئەمدى كىم ئىگە چىقسۇن؟ نامى 11-ئەسەردىن باشلاپ تونۇش ساچىيە مەدرىسەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟ نامى مەشھۇر خانلىق مەدرىسەگە نېمە بولدى؟ ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدا بايان قىلىنىدىغان مۇھىم ۋەقەلىكلەرنىڭ شاھىتى ئارسلان خوجامنىڭ ئوردا ئالدىدىكى مازارى قېنى؟

ماقالىنىڭ كېيىنكى نۇسخىسىدىكى بىر يېڭىلىق، بۇ قېتىم ماقالىنىڭ ئاخىرىدا قەدىمكى قەشقەر يىپەك يولىنىڭ غەربتە ئوتتۇرا ئاسىياغا، جەنۇبتا جەنۇبىي ئاسىياغا تۇتىشىدىغان مۇھىم بىر قاتناش تۈگۈنى بولغانلىقى ۋە بۇددا دىنىنىڭ شەرققە تارقالغان 1-بېكىتى ئىكەنلىكى يېزىلىپ، بۇددا دىنىنىڭ كېيىنچە، ئىسلام ۋە خىرىستىيان دىنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا باي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيەتىنىڭ كىشىنى قايىل قىلىدىغان كۈچلۈك ئىسپاتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئاپتورلار ماقالىنىڭ ئاخىرىدا قەشقەرنىڭ ھاۋا قاتنىشى، تاش يول ۋە پويىز قاتنىشىدىكى ئەۋزەللىكنى كۆككە كۆتۈرۈپ، قەشقەرنىڭ ئاتالمىش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالىدۇ.

قەشقەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ بۇ ماقالىنى ئەپسۇسلانماي ۋە نەپرەتلەنمەي  تۇرۇپ ئوقۇيالىشى مۇمكىن ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رېئاللىق بىلەن قىلچىمۇ مۇناسىۋىتى يوق بۇ سۈنئىي كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق قەشقەر خەلقى جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى دۇچار بولۇۋاتقان رېئاللىقنى ئاخىرغىچە يوشۇرالىشى مۈمكىنمۇ؟

ھەقىقىي رېئاللىقنى ئاخىرغىچە يوشۇرۇش ۋە تارىخنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش ھەم توقۇش مۇمكىن ئەمەس. قەشقەر شەھىرى، قەشقەر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەتلىرى، كىشىلىكى، قەشقەردىكى مەدەنىيەت ئىزلىرى، پەخىرلىك تارىخى، كىملىكى ئاللىقاچان دۇنياغا تونۇلغان. يالغان ۋە ياسالما سىياسىي تەشۋىقاتلار دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قەشقەر خەلقىگە ۋە ئۇلار ياراتقان مول مەدەنىيەت بايلىقلىرىغا بولغان ھۆرمىتىنى   ۋە ھېسداشلىقىنى ھەرگىز يوقىتالمايدۇ.

***

بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.