قەشقەر خىتاينىڭ «قىزىل مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» زوراۋانلىقىغا ھەرگىزمۇ يەم بولمايدۇ!
2024.09.20
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «پېڭ بەي» تورىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى چوڭ خاتىرە سارىيى بولغان «ئەسلى مەقسەت پونكىتى (初心驿站) » نىڭ قەشقەردە رەسمىي ئېچىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر پونكىتىنى شاڭخەيلىكلەر «شىنجاڭغا ياردەم» پىلانىدىكى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تۈرىگە ئاساسەن قۇرۇپ چىققان. شۇنداقلا بۇ پونكىتنى «ئەسلى مەقسەت پونكىتى» دەپ ئاتاشتا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بەرپا بولغان يېرى بولغان شاڭخەيدىن كەلگەنلەر قۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا «ئەسلى مەقسەت پونكىتى» دەپ نام بېرىلگەنلىكى شەرھلەنگەن. مەزكۇر پونكىتنىڭ ۋەزىپىسىنى قىزىل تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، «قىزىل ھېكايە» (红色故事) ۋە «قىزىل گېن» (红色基因) نى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ قان-قېنىغا سىڭدۈرۈۋېتىش ئىكەنلىكى يېزىلغان.
دەرۋەقە، خىتاي كومپارتىيەسى 1921-يىلى ئىيۇلدا شاڭخەيدە قۇرۇلغان. «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىق تارىخى» ناملىق ئەسەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ كوممۇنىزم غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. كوممۇنىزم غايىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر كۆپ بولمىسا كېرەك. خۇددى «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» دە دېيىلگەندەك، ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىستلاردىن باشقا ھۆكۈمرانلارنى يوقىتىشتۇر! بۇ نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، قەشقەردە قۇرۇلغان «ئەسلى مەقسەت پونكىتى» نىڭ نىشانىمۇ، قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «كوممۇنىزم غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» سېپىگە سۆرەپ كىرىش بولغانلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىن.
ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى ئەزىزانە قەشقەر-ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈل تاجىدۇر. قەشقەرنىڭ خەلقئارادا «يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت» دەيدىغان گۈزەل نامىمۇ بار. قەشقەر-ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان نۇرلۇق ئابىدە. ئۇيغۇر تارىخىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان ئىككى پارچە دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى» مۇ قەشقەردە ۋۇجۇدقا كەلگەن. قەشقەردىكى مول مەدەنىيەت مۇھىتىدا بارلىققا كەلگەن بۇ ئەسەرلەر، شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى يەرلىك ئۇيغۇر-تۈرك مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇپ، ئۆزىگە چوڭقۇر مۇجەسسەملەشتۈرگەن. بۇ ئىككى بۈيۈك ئەسەرنىڭ مۇئەللىپلىرى بولغان مەھمۇد قەشقەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەشقەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن، شۇنداقلا ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسىنى قەشقەردە شەكىللەندۈرگەن؛ ئاخىرقى ھاياتىنى قەشقەردە ياشىغان ھەمدە ۋاپاتىدىن كېيىن قەشقەرگە دەپنە قىلىنغان.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ قاتلاملىق پەۋقۇلئاددە مەزمۇنى ۋە ئىچكى ماھىيىتىنى پەقەت قەشقەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئارقىلىقلا چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ. قەشقەر مەدەنىيەتكە تويۇنغان قەدىمىي بىر شەھەر بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ بۇ يەرگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆز ئەتراپىدىكى ھىندى بۇددا مەدەنىيىتى، ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۆزىگە خاس پۇراققا ۋە جانلىق ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان.
قەشقەردىن ئىبارەت مۇشۇنداق قەدىمىي بىر تۇپراقتا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى بۇ قەدىمىي تۇپراقتىن ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن زور كۈچ بىلەن تىرىشىپ كەلدى. ئەسلىدە قەشقەر ۋىلايىتى تاكى 2010-يىللارغىچە ئۇيغۇر نوپۇسى 96 پىرسەنتتىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ۋە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ماكان بولۇشتەك ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. ھەتتا خىتايمۇ «قەشقەرگە كەلمىگەنلەر، شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ» دېيىشىپ، قەشقەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخىدىكى مۇھىم ئورنىنى جەزملەشتۈرگەن. قەشقەرگە «ساياھەتكە كەلگەن» خىتايلارنىڭمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئاسمان-زېمىن پەرقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى خۇددى چەت ئەلگە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقلىرىمۇ ھېچكىمگە سىر ئەمەس. شۇنداق بولغاچقىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان قەشقەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى ۋە ئوچىقى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىشقا؛ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ قەشقەردە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىدەك نوپۇس ئەۋزەللىكىنى بۇزۇپ تاشلاشقا؛ شۇنداقلا قەشقەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي چۈشەنچىلىرىدىكى تۈۋرۈكلۈك ئورنىنى پاچاقلاپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. خىتاي بۇ رەزىل غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن قەشقەردە ئېلىپ بارغان بۇزغۇنچىلىقلىرى ئاز ئەمەس، ئەلۋەتتە!
ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىپ تاشلاش، قەشقەر چوڭ بازىرىنى ئۆزگەرتىش، قەشقەردىكى قەدىمىي ئۆي-ئىمارەتلەر، مەسچىتلەرنى چېقىش ياكى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىنىڭ نىشانى قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئەمەس، بەلكى خىتايلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن «قەشقەردە ئۆزىنى چەت ئەللىكتەك ھېس قىلمايدىغان بولۇش» ىنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بېرىلغاندۇر.
ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ قەشقەردە يېڭىدىن قۇرغان «ئەسلى مەقسەت پونكىتى» نى، خۇددى خىتاينىڭ ئۇنىڭدىن ئاۋۋالقى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزنالىرى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ داۋامى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ نىشانى قەشقەردىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەمەس، بەلكى قەشقەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش بولغانلىقى ئېنىق. يەنى قەشقەردىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش، دىنسىزلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلۇق كىملىكىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ۋە ئاقىۋەتتە قەشقەرنى ئۇيغۇرلاردىن ئۈزۈل-كېسىل ئايرىۋېتىش! شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەككى، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى بىر-ئىككى كۈندە ياكى بىر-ئىككى يىلدا ئەمەس، بەلكى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا شەكىللىنىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ. مەلۇم بىر رايوندا شەكىللەنگەن قويۇق يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلەرگە تويۇنغان مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىنى قوغداش ۋە يات مەدەنىيەتلەرنىڭ زەرەتلىشىگە بولغان ئىنكاسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيىتى مەيلى مەزمۇن ياكى شەكىل جەھەتتىن بولمىسۇن، خىتاينىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان مەدەنىيەتتۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ئۇلار ئۈچۈن ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا، خىتاينىڭ دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى، ئۇلارغا خىتاي كىملىكىنى زورلاپ تېڭىشى، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەش، ئۆز يېزىقىنى ئىشلىتىش، ئۆز كىملىكىدە ياشاش ھەقلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى قايتىدىن فورماتلاپ چىقماقچى بولۇشى، تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئارتۇقچە ئۇرۇنۇش ياكى «ئۇخلىماي چۈش كۆرۈش» تىن باشقا نەرسە ئەمەس! چۈنكى تارىختا ھۆكۈمرانلارنىڭ زورلۇق كۈچى بىلەن بەش-ئون يىلدا يوق قىلىۋېتەلىگەن بىر قەدىمىي مەدەنىيەتكە دائىر ئۆرنەك بولغان ئەمەس؛ ئەلۋەتتە، ئىنسانىيەت تارىخىدا بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ۋە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرغان مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلار ياكى باسقۇنچىلار تەرىپىدىن بەش-ئون يىلدا يوقىتىۋېتىلگەنگە دائىرمۇ مىساللار ئۇچرىمايدۇ. ناتسىستلارنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا شۇنچە زور كۈچ بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپمۇ يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلالمىغان؛ ئوخشاشلا ستالىننىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە «ۋەتەن خائىنى» دېگەن قالپاق بىلەن قىرىم تاتارلىرى، چېچەن-ئېنگۇشلار ۋە كافكازدىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن جازالىشى ۋە سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىشىمۇ ئۇلارنى يوق قىلالمىغان. شۇنداقكەن، خىتاينىڭ بۈگۈنكى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت كۈچى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب سىستېمىسىغا تايىنىپ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋېتىمەن دېيىشى، ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!
[مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]