چېن ۋېنچىڭنىڭ «شىنجاڭ سەپىرى» ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى نورماللاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشى

0:00 / 0:00

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر خەلقىنى «خەلقئارا تېررورىزم» بىلەن باغلاپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپ كەلدى، شۇنداقلا بۇ جىنايىتىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ يۈرگۈزۈپ كەلدى. ۋاھالەنكى، خىتاينىڭ تەشۋىقات ساختىپەزلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر ئاشكارىلانغان ئىسپاتلار ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ دەلىللىرى ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشقا ئاجىز كەلدى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «تېررورلۇقنى يوقىتىش ئۇسلۇبى» نى، غەرب دېموكراتىك سىستېمىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىشتا كۈچلۈك دەلىل سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىشى، غەرب دۇنياسىنىڭ خىتايغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشقا سەۋەب بولدى. ئەپسۇسكى، خىتاينىڭ قىلىۋاتقىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى ئېغىر بىر جىنايەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەشۋىقات ئۇسلۇبى يەنىلا غەرب دۈشمەنلىكى ئاساسىي پىكىر ئېقىمىنى تەشكىل قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈپ كەلدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مەسىلىسى نۆۋەتتە قۇتۇپلىشىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ راست ياكى يالغانلىقى خەلقئارا سەھنىلەردە مۇنازىرە قىلىنىدىغان تېما بولۇپ قالدى. ئەسلىدە بىر خەلق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانىكەن، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ باش تارتىپ بولماس جىددىي مەجبۇرىيىتى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ جىنايەتنى توختىتىشنىڭ ئورنىغا، مەسىلىنىڭ راست ياكى يالغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى خىتاينىڭ تەشۋىقاتتىكى ۋاقىتلىق «غەلىبىسى» دېمەي تۇرالمايمىز. مانا ئەمدى خىتاي نۆۋەتتە جىنايى جاۋابكارلىقتىن باش تارتىش بىلەن بىرگە، بۇ جىنايەتلىرىنى «نورماللاشتۇرۇش» قا قەدەم ئالماقتا.

«خەلق تورى» نىڭ 26-مايدىكى خەۋىرىدە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ بۇ يىل 22-مايدىن 26-مايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە چېن ۋېنچىڭنىڭ «شى جىنپىڭنىڭ قانۇن ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىش ۋە پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى نورماللاشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە، چېن ۋېنچىڭنىڭ دېگىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى «نورماللىققا ئايلاندۇرۇش» نى كۆزدە تۇتقانلىقى ئېنىق.

مەلۇمكى، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقانلىقى، كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى، يەنى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقىلىشقا باشلىغانىدى. بىز ئەلۋەتتە بۇ سەۋەبلىك، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى 2017-يىلىدىن باشلانغان دېيەلمەيمىز، شۇنداقلا شۇ يىلى لاگېر سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاللىبۇرۇن سىستېمىلىشىپ بولغانلىقىنىمۇ بىلىمىز. دېمەك، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئاشكارىلىنىشتىن ھېچبولمىغاندا بىر قانچە يىللار ئاۋۋال، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش پىلانلىرى تۈزۈپ چىقىلغانلىقى ئېنىق. يەنى، لاگېرلارنىڭ قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ ئارخىپلاشتۇرۇلغانلىقى، تۈرلەرگە ئايرىلىشى ۋە ئايرىلغان تۈرلەرگە قارىتا پەرقلىق بىر تەرەپ قىلىنىشى، بۇنىڭ دەلىلىدۇر. بۇنداق بىر پىلاننىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئاشكارىلانغان مەخپىي سۆزى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بارلىقىمۇ تەبىئىي بىر ئەھۋال. تېخىمۇ مۇھىمى، شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان ھەرقانداق سىياسەتلىرىگە «يېڭى دەۋر» ئاتالغۇسىنى قوشۇپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىلانىنىڭ بەلكى «كونا دەۋر» دىكى ئۇسلۇبىمۇ بار دەپ پەرەز قىلالايمىز.

دېمەك، ئۇيغۇرلار خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا پەقەت شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «يېڭى دەۋر» ىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى «كونا دەۋر» لەردىمۇ ئىزچىل قىرغىنچىلىققا، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەلگەن. پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە «تېررورلۇق تامغىسى» كوللېكتىپ بېسىلغاندىن كېيىن، «تېررورلۇقنى يېڭى ئۇسلۇبتا يىلتىزىدىن يوقىتىش»، شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى ئۇسلۇبى» دەپ ئاتالغان. ئۇ ھالدا، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى كۈرىشىدىكى «يېڭى ئۇسلۇبى» زادى قانداق ئۇسۇل؟

بىز ئاۋۋالقى ئانالىزلىرىمىزدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قوللانغان « فېڭچياۋ ئۇسلۇبى» ھەققىدە توختالغانىدۇق. بۇ خىل ئۇسۇل شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن دۆلەت باشقۇرۇشتا ئەڭ كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىنغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا2013-يىللاردىن باشلاپلا «ئۈچ خىل كۈچ» (تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئەسەبىيلىك) نى يىلتىزىدىن يوقىتىش نامىدا «زەنجىرسىمان باشقۇرۇش تورى» ۋە «خەلققە تايىنىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى» يولغا قويۇلغان. خەلقنى بۇ خىل ئۇسۇلدا باشقۇرۇش دەل «فېڭچياۋ ئۇسلۇبى» دىن ئۆرنەك ئېلىنغان باشقۇرۇش مېخانىزمىدۇر. ئۇيغۇر ئېلىدا بولسا بۇ خىل مېخانىزمنىڭ «شىنجاڭ نۇسخاسى» ئىجاد قىلىنغان ۋە بۇ ئۇسۇل «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈمى» دەپ ئاتالغان. يەنى، «زەنجىرسىمان باشقۇرۇش تورى» يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، كوللېكتىپتىن شەخسكىچە باغلىنىپ، تورسىمان مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن مېخانىزمدۇر. «خەلققە تايىنىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى» ب، يۇقىرىقى «زەنجىرسىمان باشقۇرۇش تورى» نىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىغىچە خەلقنى سەپلەش ۋە خەلق ئارقىلىق خەلقنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى ھەر بىر شەخسكىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇسلۇبنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا توغرا كەلسە، كۆز ئالدىمىزغا جورجى ئورۋېلنىڭ «1984» ناملىق كىتابىدىكى نازارەت ئىقتىدارى بولغان «تېلېسكوپ ئېكران» (telescreen) ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى، ئىش-ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان مەنزىرە بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلساق تامامەن بولىدۇ. پەقەت بۇ يەردىكى بىردىنبىر پەرق، خىتاينىڭ قوللانغىنى يالغۇز تېلېسكوپ ئېكرانى بولماستىن، بەلكى ئىنسانلارنى بىر بىرىگە «دۈشمەنلىك» بىلەن قاراپ، خۇددى تېلېسكوپ كەبى ئۆزئارا نازارەت قىلىدىغان مېخانىزمنى بەرپا قىلىشىدۇر. چۈنكى دۈشمەنلىك ۋە ئىشەنچسىزلىككە تولغان بىر جەمئىيەتتە، كوللېكتىپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، بۇ خىتاي دەۋاتقان «مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك» نىڭ دەل ئۆزىدۇر!

2021-يىلى خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئىيۇندىكى خەۋىرىدە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ كەنتلەر ۋە ئائىلىلەرگە كىرىپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن 8 ناھىيەدە، 180 تارماق يېزا-بازار (مەھەللە) ئەترىتى، 2160 تارماق مەھەللە تارماق ئەترىتى، 286 مىڭ «پىدائىي» لار (جاسۇسلار) قوشۇنى تەشكىللىگەنلىكى يېزىلغان. دېمەك، خوتەن ۋىلايىتىدە 2018-يىلىدىكى خىتاي ئىستاتىستىكىسىدا 2 مىليون 530 مىڭ نوپۇس بار دېيىلگەن بولۇپ، يۇقىرىقى نىسبەت بويىچە قارىغىنىمىزدا، ھەر 8 ياكى 9 ئۇيغۇرغا بىر «پىدائىي جاسۇس» نازارەتچىلىك قىلىدۇ، دېگەن نەتىجە چىقىدۇ. ئۇ ھالدا، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىۋاتقان «پىدائىي جاسۇس» لارنىڭ سانىنى پەرەز قىلىدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ جورجى ئورۋېلنىڭ ھېكايىسىدىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز تەس ئەمەس.

ئۇنداقتا، چېن ۋېنچىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى نورماللاشتۇرۇش» تەشەببۇسى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

چېن ۋېنچىڭ 2013-يىللاردىن بۇيان ئىزچىل يوسۇندا خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» سېپىدە يۇقىرى ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن. يەنى شى جىنپىڭنىڭ «تېررورلۇقنى يىلتىزىدىن يوقىتىش» تىكى يېڭى ئۇسلۇبىنىڭ ماھىيىتىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە بۇ جىنايەتلەرنىڭ بارلىق جەريانلىرىغا ئورتاق بولغان شەخسلەردىن بىرىدۇر. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىدا قوللىنىلغان «فېڭچياۋ ئۇسلۇبىنىڭ شىنجاڭ نۇسخاسى» -چېن ۋېنچىڭ ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان باشقۇرۇش مېخانىزمىمىز ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەجىدىن بۇ خىل يېڭىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇسلۇبىنى «نورماللاشتۇرۇش» قا چېن ۋېنچىڭنى باش قىلىش، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇشتا ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە!

شۇنداق ئېيتالايمىزكى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىقنى نىشان قىلغانىكەن، ئۇ ھالدا بۇ جىنايەتنى چوقۇم «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامىدا «نورماللاشتۇرۇشى» زۆرۈر. پەقەت بۇ جىنايەت «نورماللاشقان» دىلا، ئۇيغۇر ئېلىدا خەلقنىڭ بۇ ھەقتە ئاۋاز چىقىرىش ئىمكانى پۈتۈنلەي يوق قىلىنىدۇ. خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەركىزىي رايونى دەپ بېكىتكەن ئىكەن، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنى دۇنياغا ئېچىشقا مەجبۇردۇر. بۇنداق بىر ئەھۋالدا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى مەڭگۈلۈك بىر سىر قىلىپ ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولىمۇ دەل شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى ئۇسلۇب» ىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى «نورماللاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشىدۇر.

***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ