قىرغىنچىلىقمۇ ياكى «تېررورلۇق» مۇ؟

0:00 / 0:00

(يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەپ)

بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇنقى 28-ئىيۇل كۈنىدە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرىدىكى ئۇيغۇرلار قانلىق بىر قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەنىدى. ئەمما خىتاي بۇ قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلاپ، ئۆزىنى «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى» قىلىپ كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئون يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى خىتاي تەرىپىدىن ئاشكارىلانغىنى ياكى قايىل قىلغۇدەك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغىنى يوق.

ئۇنداقتا، يەكەن ئېلىشقۇدا ئون يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ۋەقە خىتاي دېگەندەك «خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۈچ خىل كۈچلەر پىلانلىق، مەقسەتلىك ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھەرىكىتى» مۇ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر قىسمىمۇ؟ بۇ سوئاللارغا قايىل قىلارلىق جاۋاب تېپىشىمىز ئۈچۈن، ئەينى چاغدا يۈز بەرگەن بۇ قانلىق ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى بايانلىرىدا 2014-يىلى 28-ئىيۇل سەھەر سائەت 5 ئەتراپىدا «زوراۋان كۈچلەر» نىڭ مارالبېشى بىلەن يەكەن ئارىسىدىكى تاش يولغا توسۇق قويۇپ، ئۆتكەن-كەچكەن ماشىنىلارنى توسۇپ، ئوت قويۇپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكى دېيىلگەن. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەنى «ئۇيغۇرلار پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بارغان تېررورلۇق» دەپ تەشۋىق قىلغان. لېكىن شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، ئەينى چاغدا ۋەقەگە ئالاقىدار كۆپلىگەن تەپسىلاتلار خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، خىتاي بۇ ئۇچۇرلارنى ئىزچىل ئۆچۈرۈپ ۋە چەكلەپ، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇپ كەلگەن. ئەگەر شۇ كۈنى يۈز بەرگىنى راستتىنلا خىتاي تەشۋىق قىلغاندەك بىر «تېررورلۇق ھۇجۇمى» بولسا، ۋەقەگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى چەكلىشىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەكسىچە، بۇنداق تېررورلۇقلارنىڭ تەپسىلاتىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلسا، خىتاينىڭ «گۇناھسىز بولغىنى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى» ئىسپاتلاشقا پايدىلىق ئەمەسمۇ؟ تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، خىتاي ئۆزى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق چەكلەپلا قالماي، بۇ ھەقتە تاشقى دۇنياغا ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان بىر ئۇيغۇر ياشنىمۇ تۇتقۇن قىلغان. ئەينى چاغدا، ئېلىشقۇدا يۈز بەرگەن بۇ قانلىق قىرغىنچىلىق ھەققىدە② ئابابەكرى ئىسىملىك 22 ياشلىق ئۇيغۇر ياش بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى دۇنياغا ئاڭلاتقان. ئابابەكرىنىڭ بايانىدا، ئېلىشقۇ بازىرىدا ئۇيغۇر ئاياللار روزى ھېيتنىڭ ھارپا كۈنى ئاخشىمى (27-ئىيۇل كۈنى) تۈنەك كېچىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر ئۆيگە يىغىلغان. ئەمما بۇ يىغىلىش خىتايلار تەرىپىدىن ساقچىلارغا «قانۇنسىز تەبلىغ قىلىش يىغىلىشى» دەپ چېقىپ قويۇلغان. ساقچىلار ئۇچۇرنى ئالغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، يىغىلىش سورۇنىدىكى 50 كە يېقىن ئايال ۋە بالىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. مەسچىتكە نامازغا كەتكەن ئەرلەر قايتىپ كېلىپ، بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جەسەتلەرنى كۆتۈرۈپ ساقچىخانىغا ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا ئەرز قىلغىلى كەلگەن. ئەمما ساقچىلار كەلگەن كىشىلەردىن بىر قانچىنى تۇتقۇن قىلغان. بۇنىڭغا نارازى بولغان كىشىلەر قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغىنىدا، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئېلىشقۇ بازىرىغا قاراشلىق ئۈچ كەنتنى ئومۇميۈزلۈك قورشاۋغا ئېلىپ، بارلىق ئاھالىلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 3000 دىن 5000 غىچە بولۇشى مۇمكىنلىكى دېيىلگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئابابەكرىنى ئىنتېرنېتتا «ئىغۋا تارقاتقان» دېگەن نامدا تۇتقۇن قىلغان.

ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك «ئىغۋا» نى يالغۇز ئابابەكرى ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىتىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئىچىدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىمۇ كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان. يەنى، ئەينى يىلى خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» گە بېسىلغان بىر خەۋىرىدىمۇ، خىتاي ئىچىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئېلىشقۇدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ① «دەلىللەنمىگەن ئۇچۇرلار» نى تارقاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ يەردە خىتاي تىلغا ئالغان دەلىللەنمىگەن خەۋەر بولسا 28-ئىيۇلدىكى ۋەقەدە خىتاي ج خ ئورگانلىرى خوتەندىن ئېلىشقۇغا ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ، تېررورچىلارنى باستۇرغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان.

خىتاي بۇ ھەقتىكى ئۆزىگە پايدىسىز بولغان بارلىق ئۇچۇرلارنى چەكلىگەندىن كېيىن، بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسىتىپ كەلگەن. ئەمما ۋەقە ھەققىدە خىتايدىن چىققان ئۇچۇرلارغا ۋە خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىغاندا، ئىشنىڭ خىتاي دېگەندەك بولمىغانلىقى ئېنىق.

خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارايدىغان بولساق، دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مۇنداق ئىككى نۇقتىنى بايقايمىز. ئۇنىڭ بىرى بولسا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر تېررورچىلار» نىڭ قورالى پالتا ۋە پىچاق بولۇپ، ئۇلارنىڭ نىشانى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئىدارىسى قارىتىلغانلىقىنى خىتاي ئۆزى ئېتىراپ قىلغان. يەنە بىرى بولسا، 2014-يىلىنىڭ بېشىدىلا خىتاي 200 مىڭ خىتاي مەمۇرىنى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا «خىزمەتكە» چۈشۈرگەن. بۇ مەمۇرلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، ئۇلارنى 24 سائەت نازارەت ئاستىغا ئېلىشىمۇ دەل شۇ مەزگىلدە باشلىنىپ كەتكەن. دېمەك، يەكەن ئېلىشقۇدا ۋەقە يۈز بېرىشتىن نەچچە ئايلار ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار خىتاي كادىرلىرىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك نازارىتى ئاستىغا ئېلىنغان.

تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك سېفىرلىق نازارەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ بولغان بولۇپ، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» نى يوقىتىش خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم دۆلەت پىلانىغا كىرگۈزۈلگەنىدى. بۇنداق بىر پەيتتە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئېيتقاندەك «پىلانلىق، مەقسەتلىك» ھالدا قارشىلىق قىلالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! ۋەقە 27-ئىيۇل كەچ ۋە 28-ئىيۇل سەھەر ئارىلىقىدا يۈز بەرگەن. بۇ ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي بايرىمى بولغان روزى ھېيت كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. روزى ھېيت كۈنى سەھەردە ئۇيغۇرلار مۇقەررەر ھالدا سەھەر تۇرۇپ، ئىبادەت ۋە قائىدە يوسۇنلار بىلەن بىر ئايلىق رامىزاننى ئۇزىتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق بىر كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرەر زۆرۈرىيەت بولمىغان ئەھۋالدا مۇشۇ كۈنگە توغرىلاپ قارشىلىق ھەرىكىتى قوزغىشى رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا قورال يوق، بۇنداق ئەھۋالدا قارشىلىق كۆرسىتىش، ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش ھېسابلىنىدۇ. دېمەك، بۇ يەردە ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بىردىنبىر ئېھتىماللىق بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ چىدىغۇسىز ناھەقچىلىككە دۇچ كەلگەن بولۇشى، بۇ سەۋەب ھاياتى بەدىلىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قالغانلىقى بولىدۇ.

دەرۋەقە، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزانلىق پائالىيىتىنى قوراللىق باستۇرۇپ، ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلىشىدىن كېيىن، يۇرت خەلقى قوزغىلىپ نامايىش قىلغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا نامايىشچىلارنى قوراللىق باستۇرغانلىقى رېئاللىققا ئۇيغۇن بىر قاراش دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، خىتاينىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى نامايىشلارنىمۇ ئىزچىل قانلىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكى ھېچكىمگە سىر ئەمەس!

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئېنىقلاش، دەلىللەش ئېلىپ بارغان بولۇپ، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى رامىزانلىق پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاياللارغا ئوق چىقارغاندىن كېيىن، يۇرت خەلقىنىڭ قوزغىلىپ نامايىش قىلغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ساقچى، ئارمىيە، بىرونېۋىك، تىك ئۇچار، ھەتتا ئادەمسىز ئۇچقۇ (درون) لىرى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ، ئېلىشقۇ، خاڭدى، دۆڭباغ، قوشئېرىق قاتارلىق يېزىلاردا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى، ۋەقەدە ئاز دېگەندە بەش مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ قىرىپ تاشلانغانلىقى ۋە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

شۇنىسى ئېنىقكى، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان، ھەتتا ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، 24 سائەت نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ناھەقچىلىككە قارشى تۇرۇشىنى تېررورلۇق دەپ ئاتاش ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانى ۋە ئەقلىگە قىلىنغان ئېغىر ھاقارەتتۇر. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە ئىرقىي قىرغىن قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى «تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش» نامىدا يوشۇرماقچى بولۇشى بولسا، مەدەنىي دۇنيا بىلەن ئەسلا سىغىشمايدىغان ئىپتىدائىي ياۋايىلىقتۇر. دېمەك، بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن يەكەن ئېلىشقۇدا يۈز بەرگىنى خىتاي تەشۋىق قىلغاندەك «تېررورلۇق» ئەمەس، بەلكى قەھرىمان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۆچمەس كۈرەشلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر! قىرغىن قىلىنغان ئېلىشقۇ ئۇيغۇرلىرى بولسا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك قەھرىمانلىرىدۇر!

①« شىنجاڭلىق تور ئەھلى پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ قولغا ئېلىندى»

②« شىنجاڭلىق تور ئەھلى زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەققىدە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ قولغا ئېلىندى»

[ئەسكەرتىش: ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]