قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىنمۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2021.04.30
قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ قىرغىزىستان بېل يېزىسىدىكى قىرغىزىستاننىڭ تاجىكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان غەربىي جەنۇب باتكېن رايونىدىكى بىر يولدا قوراللىق ئەسكەر ۋە پۇقرالار. 2021-يىلى 30-ئاپرېل.
Photo: RFA

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاخىرقى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، يېقىندا سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن بولغان قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان مەملىكەتلىرىنىڭ چېگرا رايونىدا قوراللىق توقۇنۇش ئورۇن ئالغان. مەزكۇر توقۇنۇش قىرغىزىستاننىڭ تاجىكىستان بىلەن چېگرىداش بولغان باتكېن ئوبلاستىدا 28-ئاپرېلدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا دەسلەپتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ پۇقرالىرى قاتناشقان. ۋەزىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ، ئۇنىڭغا ئىككى تەرەپنىڭ قوراللىق قىسىملىرىمۇ ئارىلاشقان.

ئىگىلىشىمىزچە، ھەم قىرغىزىستان ھەم تاجىكىستان تەرەپ توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشىدا بىر-بىرىنى ئەيىبلىمەكتىكەن. ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان ھەر خىل مەزمۇندىكى ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى داۋام قىلماقتا.

قىرغىزىستاننىڭ «كلوئوپ» يېڭىلىقلار ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگراسىدىكى توقۇنۇش: قىرغىزىستاننىڭ ئۈچ يېزا رايونىدا پەۋقۇلئاددە ھالەت ئورنىتىلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ھەر ئىككى تەرەپتىن 100-150 ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر-بىرىگە تاش ئېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنىكەن. قىرغىزىستان چېگرا خىزمىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر نەچچە تاجىكىستانلىق پۇقرالار كۆك تاش يېزىسىدىكى «گولوۋنوي» سۇنى تەقسىم قىلىش پونكىتىدا قىرغىزىستان تەرەپنىڭ رۇخسىتىسىز قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغانكەن. ئۇلار قىرغىز چېگراچىلىرىنىڭ ئىشنى توختىتىش تەلەپلىرىنى رەت قىلغانلىقتىن ئىككى تەرەپنىڭ يەرلىك تۇرغۇنلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش ئورۇن ئالغان. نەتىجىدە قىرغىزىستان تەرەپتىن ئۈچ ئادەم زەربىگە ئۇچراپ، بىر نەپىرى ئوقتىن يارىدار بولغان. تاجىكىستان تەرەپتىن بولسا، يەتتە ئادەم زەربىگە ئۇچرىغان ۋە يارىلانغان. تاجىكىستاننىڭ چېگرا خادىملىرى بۇ يەرنىڭ 1968-يىلدىن تارتىپ تاجىكىستاننىڭ قارمىقىدا بولغانلىقىنى، قىرغىزىستاننىڭ بۇ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 29-ئاپرېلدا سەھەرلىكى قىرغىزىستاننىڭ كوچو-بويۇ دېگەن جايىدا ياشاۋاتقان قىرغىزىستانلىقلار تاجىكىستان تەرەپتىن تاش ۋە مىلتىق ئوقى ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىپ، تۆت ئادەم زەخمىلەنگەن.

قازاقىستاننىڭ «تېڭرىنيۇس» ئاگېنتلىقى بەرگەن «خەتەرلىك سىگنال-مۇتەخەسسىس قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان توقۇنۇشى ھەققىدە» ناملىق ماقالىدا دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى جۇمابېك سارابېكوفنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ پىكرىچە بۇ توقۇنۇش ئاخىرقى يىللاردا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ چېگرا توقۇنۇشلىرىنىڭ بىرىكەن ھەمدە بۇ ۋەقە ئەندىشە قوزغىماقتىكەن.

«مەركىزىي ئاسىيا» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «قىرغىز-تاجىك چېگراسىدىكى توقۇنۇش: تاشلار ۋە تاياقلاردىن ئوق ۋە بومبىلارغىچە» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئىلگىرىكىلەرگە قارىغاندا خېلى قاتتىقراق ھەم كۆلەملىك بولغانكەن. ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى پىلىموت ۋە مىناميوتلارنى قوللانغانلىقىدا ئەيىبلىگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى ئىككى كۈن ئىچىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىرغىزىستان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەربىي قىسىملارنى چېگرا رايونىغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقى توغرىلىق ۋىدېيولار تارقىتىلىپ، بۇ خەلق ئىچىدە ئەندىشە پەيدا قىلغانكەن.

قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟ مۇنداق توقۇنۇشلار يەنە تەكرارلىنامدۇ، يوقمۇ؟ مۇنداق توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟

قازاقىستاننىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى ئاپپاراتى قارمىقىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتى ئىنستىتۇتىنىڭ «ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتلىرى» پروگراممىسىنىڭ رەھبىرى، «سىنوپسىس» مەركىزىي ئاسىيادا خىتاينى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى رۇسلان ئىزىموف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى ئوتتۇرىدىكى قوراللىق توقۇنۇش توختاپ، ھازىر ئىككى ئارىدا مۇزاكىرىلەر يۈرگۈزۈلۈۋاتقانىكەن.

رۇسلان ئىزىموف مۇنداق دېدى: «شۇ نەرسە ئېنىقكى، مۇنداق توقۇنۇشلار رايون مىقياسىدا يەنە ئەكس ئېتىلىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ پەقەت ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل رايونغا باغلىق مەسىلە. بىز ھازىر مەركىزىي ئاسىيا رايونى دائىرىسىدە بىر نەچچە مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئالدىدا تۇرىمىز. مەسىلەن، 2018-يىلى مەركىزىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ مېخانىزمى يولغا قويۇلغان بولسا، 2019-يىلى نويابىردا تاشكەنتتە ئۇچرىشىش بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق توقۇنۇشلار مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ بىرلىشىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، مۇنداق توقۇنۇشلار ئىككى مەملىكەتنىڭ خەلقلىرى ھەمدە ھاكىمىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىنى نامايىش قىلىشقا ئىنتىلىدۇ.»

رۇسلان ئىزىموف ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق توقۇنۇشلارنىڭ يەنىمۇ تەكرارلىنىشى مۇمكىنمۇ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بۇ ۋاقتى كەلگەندە مەلۇم بولىدۇ. ئۆتكەنكى يىللاردىن ساۋاق ئالىدىغان بولساق، ھەر يىلى ئەتىيازدا تالاش-تارتىش تۇغدۇرۇۋاتقان جايلاردا ئەنە شۇنداق توقۇنۇشلار تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ بىرىنچى نۆۋەتتە يەرلىك تۇرغۇنلارنىڭ ئۆي چارۋىلىرىنى بېقىش مەسىلىسى بىلەن باغلىق. شۇنداقلا سۇغۇرۇلىدىغان يەرلەر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يايلاقلارغا، سۇ مەنبەلىرىگە ئېھتىياجلىق مەسىلىسى تۇغۇلىدۇ. ئەلۋەتتە، توقۇنۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا باشقىمۇ مەسىلىلەر بار. بىرىنچىدىن، بۇ ئىككى تەرەپ تۇرغۇنلىرىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان گۇمانلىرى. ئىككىنچىدىن، ئىككى مەملىكەت رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرى. يەنى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ. ئۈچىنچىدىن، مۇنداق تالاش-تارتىش تۇغدۇرۇۋاتقان يەرلەردىن زەھەر ئەتكەسچىلىكى پايدىلىنىدۇ. بۇ ھەقتە رۇسىيەلىك، مەركىزىي ئاسىيالىق مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ جەھەتتە قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان چېگرا خادىملىرىمۇ رۇسىيە ۋە ياۋروپاغا ئۆتىدىغان زەھەر ئەتكەسچىلىكىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە ئۆز ئارا رىقابەتلەشمەكتە.»

رۇسلان ئىزىموف كېلەچەكتە ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇنداق توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەنكى شەرتلەرنى ئورۇنلاشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «تەبىئىيكى، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدا، بىرىنچى نۆۋەتتە باتكېن ئوبلاستى ئوخشاش تالاش-تارتىش تۇغدۇرۇۋاتقان رايونلاردا چېگرا لىنىيەلىرىنى ئېنىقلاش، بەلگىلەش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈش لازىم. مۇشۇ كۈنگىچە مۇنداق رايونلار ئېنىقلانمىدى. ھەتتا يېزىلار، ئۆيلەر ئارا مۇنداق چېگرا لىنىيەلىرى قويۇلماي، ئۇلارنىڭ قانداقتۇر بىر كۆللەر، ئېرىقلار، قۇرۇلۇشلار ئاجرىتىپ تۇرۇۋاتماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، مۇنداق لىنىيەلەرنى ئېنىقلاش ھەققىدە كېلىشىملەر ئىمزالىنىشى كېرەك. ئاندىن ئۇلارنى بەلگىلەش كېلىشىمى تۈزۈلۈشى لازىم. بۇ يەردە ئىككى مەملىكەت رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي ئىرادىسى مۇھىم. ھازىر مۇتەخەسسىسلەر ھەر ئىككى مەملىكەتنىڭ ئىچكى سىياسىتىدە مۇقىمسىزلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ قىرغىزىستاندا پات-پاتلا ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن مۇنداق مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن، ھەر ئىككى مەملىكەت رەھبەرلىكى بۇ توقۇنۇشنى توختىتىشقا مەنپەئەتدار ئەمەس.»

سىياسەتشۇناس پيوتر سۋويىك ئەپەندى مەركىزىي ئاسىيادا تالاش-تارتىش تۇغدۇرۇۋاتقان مۇنداق رايونلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بۇ مەسىلىلەرنىڭ يەرلىك ئورگانلار تەرىپىدىن ھەل قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇلارنىڭ بارلىقى سىياسىي رەھبەرلىك دائىرىسىدە ھەل قىلىنىۋاتىدۇ. سۇنى بۆلۈشەلمىگەن ئادەتتىكى دېھقانلار سۆز تالىشىپ، ئۇرۇشۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاپتومات تۇتقان ئادەملەر تۇرىدۇ. ئۇلار ھەر قانداق شارائىتتا شۇ قورالىنى ئىشقا سېلىشى مۇمكىن. ئاپتومات بار يەردە باشقىمۇ قوراللار بولىدۇ. ھازىر بۇ يەردىكى سۇ ئۈچۈن بولغان ئادەتتىكى توقۇنۇشلار دەررۇ سىياسىي دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپنى تىنچلاندۇرىدىغان كۈچلەر يوق. ئۇلار ئۈچىنچى تەرەپ بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر ئىككى مەملىكەت پرېزىدېنتلىرىمۇ بۇنى ھەل قىلالمايۋاتىدۇ. مەسىلەن، تاجىكىستاندىكى مۇنداق ۋەزىيەتتىن ئۇنىڭغا چېگرىداش بولغان ئافغانىستاندىكى تالىپلارنىڭمۇ پايدىلىنىشى مۇمكىن. بىراق تاجىكىستاندا رۇسىيە ھەربىي بازىلىرى مەۋجۇت. بۇ بازىلار رۇسىيەنىڭ تاشقى چېگراسىنى قوغدىماقتا. مۇشۇ يىلى سېنتەبىردە ئامېرىكىلىق ھەربىيلەر ئافغانىستاندىن كەتكەندىن كېيىن، بۇ چىگرىنى يەنە قوشۇمچە كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ چاغدا ھەم رۇسىيە، ھەم تاجىكىستان ھەربىي رەھبەرلىكى تالىپلار بىلەن توقۇنۇشماي، بەلكى كېلىشىم يوللىرىنى ئىزدىشى مۇمكىن ھەم تىنچلىقتا ياشىشى مۇمكىن. ئەمما چىگرىنى بەرىبىر كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.»

پيوتر سۋويىكنىڭ پىكرىچە، مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخى، مەنپەئەتلىرى، غۇرۇرى بولغانلىقتىن بىر-بىرى بىلەن دائىم رىقابەتلىشىشى مۇمكىنكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرى تۇرغۇنلىرى مەملىكەت رەھبەرلىكىگە مۇراجىئەت قىلىپ، قوراللىق توقۇنۇشلارنى توختىتىشنى ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەشنى ئىلتىماس قىلغانىكەن. 29-ئاپرېلدا كېچىسى ھەربىي توقۇنۇشنى توختىتىش مۇمكىن بولغان بولسىمۇ، باتكېن ئوبلاستىنىڭ پوزىتسىيەسى 30-ئاپرېلدىمۇ ئوق ئېتىشلارنىڭ داۋام قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.