ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچىلەر: بەھرەم قاتارلىق ئۇيغۇرلار ناھەق سوتلاندى، قىرغىزىستان بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشى كېرەك

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان سوتى 2000‏-يىلى ئەسقەر توختى، بەھرام ئەخمەت قاتارلىق 2 ئۇيغۇرنى، تۈرك پۇقراسى ئەخمەت گۆنەن بىلەن نازىر چۇرچايېف ئىسىملىك كافكازىيەلىك بىر قاراچايغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. ئەلى مەسۇم ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

قىرغىزىستان سوتى 1998‏‏-يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە يۈز بەرگەن گۇمانلىق بىر «ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى»نى بۇ بەشەيلەنگە ئارتقان. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئاپتوبۇسقا بومبا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئاپتوبۇسنىڭ بومبا پارتلاپ ئەمەس، گاز ساندۇقى پارتلاپ كەتكەنلىكىنى، بۇ بەشەيلەن خىتاينىڭ بېسىمىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

گۇماندارلار ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى رەت قىلغان، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى سوتنىڭ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئالىي سوت ھۆكۈمنى تەستىقلىغان.

بىراق ئەينى چاغدا، قىرغىزىستان ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىپ قويغاچقا، ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى توڭلىتىپ قويۇلغان. پەقەت 2007‏-يىلى سابىق قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇربانبېك باقىيېفنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ جازاسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.

ھازىر ئەلى مەسۇم قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ئەسقەر توختى، ئەخمەت گۆنەن، بەھرام ئەخمەت قاتارلىق تۆتەيلەن بىشكەك شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتىدۇ.

مەھبۇس بەھرام ئەخمەت تۈرمە ھاياتى 18‏-يىلغا قەدەم قويغان مەزگىلدە ئۆزىنىڭ ناھەق يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، « تاشقى دۇنيانىڭ بۇ ناھەقچىلىككە دىققەت قىلىشىنى، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ھۆكۈمنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەر ھەمدە بەھرام ئەخمەتنىڭ ئادۋوكاتى مەۋلۈدە جالالىۋانى زىيارەت قىلدۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز ئەركىننىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.