قىرىم مەسىلىسى قازاقىستان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2014.03.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
ukraina-qirim-turkiye-namayish-1.JPG ئۇيغۇرلار قىرىم تاتارلىرىنى قوللاش نامايىشىغا قاتناشتى. 2014-يىلى مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim


قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇكرائىنا كرىزىسى باشلانغاندىن بۇيان مەزكۇر مەملىكەتتە ئورۇن ئېلىۋاتقان ۋەقەلەرنى ئەتراپلىق يورۇتۇپ كەلگەن ئىدى.

يېقىندىن بېرى، يەنى قىرىمدا ئۆتكەن ئومۇمى خەلق بىلەت تاشلاش نەتىجىلىرىگە كۆرە قىرىم جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسىيىگە قوشۇلۇشى توغرىلىق قانۇننىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلەشكەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ۋاسىتىچىلىق رول ئاتقۇرۇش ئىستىگىنى بىلدۈرگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى ئوخشاش تەشكىلاتلاردىكى ھەمدە مەركىزىي ئاسىيادىكى ئالدىنقى قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانغان قازاقىستان 16 - مارتتا قىرىمدا ئۆتكەن ئومۇم خەلق بىلەت تاشلاشنى قوللاپ قۇۋەتلىدى. بۇ ھەقتە قازاقىستاننىڭ رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى خەۋەر قىلدى. ئاتاپ ئېيتقاندا، «نوۋوستى ئاگېنتلىقى» قازاقىستان تەرەپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋ. پۇتىن بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەت يۈرگۈزگەنلىكىنى خەۋەرلىدى. «نازاربايېف ۋە پۇتىن قىرىمدىكى رېفېراندۇمنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ھەر ئىككى پرېزىدېنت قىرىم ئاھالىسىنىڭ ئۆز خاھىشلىرىنى ئەركىن ئىزھار قىلىش مۇمكىنچىلىكى بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىدىن قانائەتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمدى «كازاخستانسكايا پراۋدا گېزىتى»دە بېسىلغان «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشى» دىگەن خەۋەردە قازاقىستاننىڭ مەزكۇر خىزمىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا «2014 - يىلى 16 - مارتتا قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە رېفېراندۇمنىڭ ئۆتۈش مۇناسىۋىتى بىلەن قازاقىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىگە بېنائەن ئۆزىنىڭ خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. قازاقىستاندا قىرىمدا ئۆتكەن رېفېراندۇمنى مەزكۇر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ئاھالىسىنىڭ ئۆز خاھىشلىرىنى ئەركىن ئىزھار قىلىشى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىنىڭ قېلىپلاشقان ۋەزىيەتتىكى قارارىغا چۈشىنىش بىلەن قارىدى» دېيىلگەن.

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، قازاقىستاندا چىقىدىغان بەزى مۇستەقىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇكرائىنا، شۇ جۈملىدىن قىرىم ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك باشقىمۇ مەزمۇندا ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان. جۇمھۇرىيەتلىك «ژاس ئالاش گېزىتى» نىڭ 18 - مارتتىكى سانىدا بېرىلگەن «قىرىمغا قول سېلىش» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ز. ژىلقىبېك ئۇكرائىنانىڭ سايلىغۇچىلار كومىتېتىنىڭ قىرىمدا ئۆتكەن رېفېراندۇم نەتىجىلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، كومىتېت مەلۇماتلىرى بويىچە ئۇنىڭدا قانۇننى بۇزۇشقا يول قويۇلغانلىقىنى، شۇ كۈنى ئاساسىي تىزىمدىن تاشقىرى يەنە قوشۇمچە تىزىملىك تۈزۈلۈپ، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەنلەر سانىنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، رېفېراندۇمغا رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭمۇ زاڭسىز قاتناشقانلىقىنى، شۇنداقلا مەزكۇر رېفېراندۇمغا بارماقچى بولغان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بايقىغۇچىلىرىنىڭ ھېچ بەلگىسى يوق ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ ئۆز ماقالىسىدە قىرىمنى تارتىۋالغان رۇسىيەنىڭ «كۈنلەرنىڭ بىرىدە قازاقىستان يېرىگىمۇ كۆز تىككۈسى كەلمەيدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟»، «كرېمىلنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاقئوردىنى قاچان ئويلاندۇرىدۇ؟» دېگەن سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىشقا چاقىرىدۇ.

جۇمھۇرىيەتلىك «دات» ھەپتىلىكىنىڭ 19 - مارت سانىدا بولسا، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە ماقالە بېرىلگەن بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى «بىزنىڭ ئارمىيە مەملىكەتنى قوغدىيالامدۇ؟» دېگەن ماقالىنىڭ ئاپتورى ئىگور تېسليا رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا كىرىشىنىڭ قازاقىستانلىقلارنىمۇ ئويلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قازاقىستان قوشنىلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىشى مۇمكىنمۇ ھەم ئۇنىڭغا قازاقىستان قارشى تۇرالامدۇ، دېگەن مەسىلە ئەتراپىدا مۇلاھىزە قىلىدۇ. ئاپتور قازاقىستان ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك تەرەپلىرىنى قازاقىستان بىلەن تېررىتورىيىلىك توقۇنۇش ئېھتىماللىقى بار باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. ئۇ بۇ يەردە رۇسىيە، خىتاي، ئۆزبېكىستان ئارمىيىلىرىنى مىسالغا كەلتۈرىدۇ.

مەزكۇر گېزىتتىكى «نازاربايېف پۇتىننى قوللىدىمۇ؟» ناملىق ماقالىدە رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار مەملىكەتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق جازالانمىسا، ئەتىكى كۈندە رۇسىيەنىڭ قازاقىستانغىمۇ قول سېلىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. «ئۇنىڭسىزمۇ، - دەپ يېزىلغان مەزكۇر ماقالىدە، - تۈركىي تىللىق ئەللەرنىڭ بىر تالاي قىسمىنى تېخىچە قۇللۇقتا تۇتۇپ تۇرغان كرېمىلنىڭ قازاق ئېلىنى بېسىۋېلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.»

قازاقىستاندا چىقىدىغان «تۈركىستان گېزىتى» نىڭ ئاخىرىقى سانىدا بېرىلگەن «رۇسىيە قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئىگىلەپ ئالدى» ناملىق ماقالىدە بولسا، رۇسىيەنىڭ قىرىمدىكى ھەرىكىتىگە «پۇتىننىڭ ئىچىدىن تېشىپ چىقىۋاتقان ئىمپېرىيالىستىك سىياسەت ئۇنى مەقسىتىگە يەتكۈزدى» دەپ باھا بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدا شۇنداقلا پۇتىننىڭ ھەتتا، مۇبادا رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى باسقۇنچىلىق ھەرىكىتىنى توختاتمىسا «سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت» نىڭ لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەجلىسى رۇسىيەسىز ئۆتىدۇ، دېگەن بىلدۈرۈشىگە قۇلاق سالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.