ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى قارا داغلار: قىزىل رېجىم ئاستىدىكى قىزىل ئەدەبىيات - 1

0:00 / 0:00

20 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى چارىكىدە تۇغۇلۇپ، 30 - 40 - يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلاب دەۋرىدە تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ قىزىل رېجىم ئاستىدىكى تارىخىنى قانداق يازدى؟

1949 - يىلى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە كوممۇنىست خىتاي رېجىمى تىكلەنگەندىن كېيىن بىر مەھەل سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كەلدى؟ بۇ مۇدھىش قاينامدا قولىغا قەلەم ئالغان يازغۇچى ۋە شائىرلار مىللىي ۋىجدان بىلەن دەۋر شاماللىرى ئوتتۇرىسىدا قانداق تېڭىرقىدى؟

مەلۇمكى، قىزىل رېجىم ئاستىدىكى قىزىل ئەدەبىيات دەسلەپ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا مەيدانغا كەلگەن. 1930 - يىللاردىن كېيىن ستالىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا يارىتىلغان قىزىل ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئېقىمى «سوتسىيالىستىك رېئالىزىم» نامى بىلەن ئاتالغان. ئەنە ئاشۇ يىللاردا ئورتا ئاسىيادا كلاسسىك تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىلىرى ئىنكار قىلىنىپ، سۈنئىي رەۋىشتە ئاتالمىش «سوۋېت مىللەتلەر ئەدەبىياتى» يارىتىلغان. قىزىل مەپكۇرىگە ئورالغان ئورتا ئاسىيا مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا، بولۇپمۇ ئۆزبەك ئەدەبىياتىدا سەدرىددىن ئەينىي، غاپۇر غۇلام، ئايبېگ قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى تىپتىكى يازغۇچى ۋە شائىرلار يېتىشىپ چىققان. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن بولشېۋىكلار ئىنقىلابىغا، سوۋېت ھاكىمىيىتىگە شۇنداقلا لېنىن ۋە ستالىنلارغا مەدھىيە ئوقۇلغان. يەرلىك يوقىرى قاتلام كىشىلىرىگە، يەر ۋە چارۋا ئىگىلىرىگە شۇنداقلا مىللىي ۋە دىنىي ئۆلىمالارغا بولغان سىنىپىي نەپرەت كەڭ تۈردە ئىپادىلەنگەن.

سوۋېت ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر 1930 - يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىگىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. بولۇپمۇ 1949 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پەيدىن - پەي قىزىل رېجىمنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندۇرۇلغان. 1950 - يىللاردا ئەلقەم ئەختەمنىڭ «تاڭ ئاتقاندا»، تىيىپجان ئېلىيوپنىڭ قەشقەر پاختەكلى دېھقانلىرىنىڭ تىلىدىن يازغان «سالام سىزگە ماۋجۇشى»، رەخىم قاسىمنىڭ «جۇڭگو» قاتارلىق شېئىرلىرى بازارغا سېلىنغان. كېيىنچە يەنە نىمشېھىتنىڭ «بۈيۈك جوڭگو»، «يۈرەك سۆزى»، تىيىپجان ئېلىيوپنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» قاتارلىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى ئېلان قىلىنىپ، قىزىل ئەدەبىياتنىڭ نەمۇنىلىرى ھېسابلانغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئاۋسترالىيەدىكى پېشقەدەم زىيالىيلاردىن ھۈسەن ئەپەندى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، تاشكەنتتە چىقىدىغان «شەرق يۇلتۇزى» ژۇرنىلىنىڭ 1992 - يىللىق سانىدا «قەتلىنامە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ھۆججەتلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە ھازىرقى زامان ئۆزبەك رومانچىلىقىنىڭ ئاساسىنى سالغان مەشھۇر يازغۇچى ئابدۇللا قادىرىنىڭ 1930 - يىللاردا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقىپ قىلىنىشى ۋە ئۆلتۈرۈلىشىدىكى مەخپىي سىرلار ك گ ب ئارخىپلىرىدىكى ھۆججەتلەرگە تايىنىپ ئېچىپ تاشلانغان. مەزكۇر ماقالىدە غاپۇر غۇلام، ئايبەگ، ئابدۇللا قاھار قاتارلىق داڭلىق ئۆزبەك ئەدىبلىرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە يازغۇچى ئابدۇللا قادىرى ئۈستىدىن سوۋېت ھۆكۈمىتىگە مەخپىي ھالدا ئەرز ۋە پاش قىلىش ماتېرىياللىرى سۇنغانلىقىنى ھۆججەتلىك دەلىللەر بىلەن ئاشكارا قىلغان. ھۈسەن ئەپەندى ئۆز دەۋرىدە كوممۇنىستىك مەپكۇرىنىڭ كۈيچىسى بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەك ئەدىپلىرىنى ئۈستىدىن سېلىشتۇرما ئېلىپ باردى.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ 1950 - ۋە 1960 - يىللاردىكى سەھىپىسىدە كوممۇنىستىك مەپكۇرىنىڭ ۋە قىزىل رېجىمنىڭ ئاكتىپ كۈيچىلىرى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان بىر قىسىم شائىرلار ئۆز ئىجادىيەت ھاياتىدا يۇيۇپ تاشلىغىلى بولمايدىغان قارا داغلارنى تاشلاپ كەتتى. ئۇلارلارنىڭ ئۆزلىرى شەخسەن قىزىل رېجىمنىڭ قۇربانلىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قىزىل مەپكۇرىگە بويالغان ئەسەرلىرى بىلەن بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىدېئولوگىيەسنى تۇيۇق يولغا باشلاشتىمۇ يانتاياق بولدى. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن غولام ئوسمان زۇلپىقار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.