خىتايدا شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى» ياكى «جۇڭگو چۈشى»گە يېتىش دولقۇنى ئەۋج ئالماقتا. غەربتە بولسا، خىتاي رەئىسىنىڭ ئۇخلىماي چۈش كۆرۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئانالىزچىلار خىتاي رەئىسىنىڭ بۇ چاقىرىقىنى «قىزىل ئىمپىرىيىنىڭ چۈشى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، خىتايدا بۇ چۈشنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنىڭ يېتىپ ئاشقۇدەك كۆپلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.
فرانسىيە ئاۋازىنىڭ 17 - ئىيۇلدىكى «خىتاينىڭ بانكا ساھەسى كرىزىسقا يۈزلەنمەكتە» ناملىق خاۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ئۆي - مۈلۈك سودىسى بارغانسىرى زاۋال تېپىۋاتقان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، سودا - سانائەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى ۋە جۇڭگو بانكىسىدىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ تۆت چوڭ بانكىسىنىڭ تىجارىتى ئارقىغا دەسسەشكە باشلىغان. سىياسىي ئانالىزچى رافائېلنىڭ «جۇڭگو چۈشى بىر قۇرۇق خىيالغا ئايلىنىپ قالامدۇ - قانداق؟» ناملىق ماقالىسىدە، خىتايدىكى بانكا ساھەسىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى «خىتايدا ئېغىر ئىقتىسادىي كرىزىس ئۈچۈن بېرىلگەن سىگنال» دېيىلگەن. ئانالىزچى مەرتىنە ئورانجىنىڭ «خىتاي بانكىلىرىنىڭ چوڭ ۋەھىمىسى» ناملىق ماقالىسىدىمۇ، خىتايدىكى ئۆي - مۈلۈك سودىسىنىڭ بارغانسېرى سۇغا چىلىشىشى تۈپەيلى، خىتاي بانكىلىرىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ 15 - ئىيۇلدىكى «جۇڭگو ئىقتىسادى سەككىزگە كاپالەتلىك قىلالمىدى» ناملىق خەۋىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىلقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا يەنە ئارقىغا دەسسىگەن بولۇپ، 2012 - يىلىدىكى 7.8% تىن بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە 7.5% كە چۈشۈپ قالغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ مەيلى مەركەزدە بولسۇن، مەيلى تۆۋەنگە چۈشكەندە بولسۇن، ھە دەپ «جۇڭگو چۈشى»نى بازارغا سالماقتا. خىتاي زىيالىيسى لى ۋېيدۇڭ 13 - ئىيۇل كۈنى فرانسىيە ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو چۈشى»نى «قىزىل ئىمپىرىيىنىڭ چۈشى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، لى كېچياڭ بار كۈچى بىلەن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. شى جىنپىڭ بولسا دۆلەتچىلىك بىلەن مىللەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈپ بازارغا سېلىپ، كەلگۈسى 10 يىلغىچە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قەتئىي مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇنىڭ باسقان يولى 30 - يىللاردىكى گېرمانىيە ۋە ياپونىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئوخشاش بولۇپ، دۆلەت سوتسىيالىزم يولى، يەنى قىزىل ئىمپىرىيە يولىدا يۈرمەكتە.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ قىزىل ئىمپىرىيە يولىدا ماڭالىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئادەتتىكى سەۋەبى، خىتايدا تاشقى پرىۋوت ئازىيىپ، ئەمگەك تەننەرقى تۆۋەن بولۇشتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىلمەكتە. تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەردىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى خىتايغا خىرس قىلماقتا. مەسىلەن، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، تايلاند، برازىلىيە قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتايدا تۆۋەن قاتلامدا يا كىسەللىك سۇغۇرتىسى، يا پاراۋانلىق سۇغۇرتىسى، يا ئۆيى، يا مائاشى، ياكى كەلگۈسىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ھېچقانداق نەرسىسى بولمىغان 7 - 8 يۈز مىليون نامرات بار. پۇل ھوقۇقدارلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن، پۇل تاپىدىغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ھوقۇقدارلار جەمەتىنىڭ قولىدا. تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ ھاجىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئارقىغا چېكىنىشكە توغرا كېلىدۇ، دارامەتنى تەڭ تەقسىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇ ئەمدى مۇمكىن ئەمەس.
ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆز ئورنىنى ۋە ئۆز پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھەرخىل چاقىرىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقتە شوۋىنىزملىق سۈنئىي بىر ھاياجان قوزغاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش نەيرەڭلىرىگە باش ئۇرماقتا. ئۇ سۆزىدە، مەيلى خىتاي خەلقى بولسۇن ياكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مۇستەملىكە ئاستىدىكى رايونلارنىڭ خەلقى بولسۇن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ھىلە - مىكىرلىرىگە سۈكۈت قىلىدىغان دەۋىردىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
فرانسىيە ئاۋازىنىڭ 13 - ئىيۇلدىكى «شى جىنپىڭ ۋە قىزىل ئىككىنچى ئەۋلادنىڭ ئورتاق تونۇشىدىكى قىزىل ئىمپىرىيە يولى» ناملىق خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقى، خۇددى ئۇيغۇرلار ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشنىڭ باشقا يوللىرى قالمىغاندا زوراۋانلىققا مۇراجىئەت قىلغاندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن چىقىش يولى قالمىغان خەلقلەر تەرىپىدىن ئالدىنى ئالغۇسىز ئېغىر قارشىلىقلارغا يولۇقىدىغانلىقى، ھازىرقى ھەددىدىن زىيادە قاتتىق بېسىم تۈپەيلى جەمئىيەت تىنچ كۆرۈنگەن بىلەن، سەللا پۇرسەت بولسا ھەممە يەردە پارتلاش كېلىپ چىقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
0:00 / 0:00