يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى «تەڭرىتاغ تورى» ، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا قۇمۇل بوستانلىقىغا جايلاشقان لاپچۇق، بارىكۆل ۋە ئارا تۈرك قاتارلىق قەدىمىي يۇرتلاردىكى تارىخىي يادىكارلىقلارنى خىتاي مەنبەلىك مەدەنىيەتكە باغلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان قۇمۇل رايونىنىڭ يەرلىك مەدەنىيىتىگە قارا سۈركىمەكتە.
بۇلارنىڭ ئىچىدە قۇمۇلنىڭ ئېۋىرغول رايونىغا جايلاشقان لاپچۇق قەدىمىي شەھىرىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق «مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى» دەپ رويخەتكە ئېلىنغان. خىتاي خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار بۇرۇن قۇمۇلدىكى لاپچۇق قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا نەچچە ئونلىغان قەدىمكى قەبرە ئىزلىرى بايقالغان. خىتاي ئارخېئولوگلىرى بۇ خىل يانتۇ يوللۇق قەبرىلەر ۋە قەبرىلەردە كۆرۈلگەن دەپنە ئادەتلىرىنى ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمەيلا «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تەۋە مەدەنىيەت تەسىرى» نىڭ ئىپادىسى دەپ ھۆكۈم چىقارغان. خىتاي ھۆكۈمەت تارىخچىلىرى يەنە لاپچۇق قەدىمىي شەھىرىنى تاڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا تەسىس قىلىنغان ناجى ناھىيەسىنىڭ ئورنى بولۇشى مۇمكىن، دەپ بىلجىرلىغان. خىتاي تارىخچىلىرى يەنە لاپچۇق قەبرىستانلىقى ھەققىدە ئادەتلەنگەن سەپسەتىلىرىنى بازارغا سېلىپ، ئەينى ۋاقىتتا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ناجى ناھىيەسى تەۋەلىكىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن بىر تۈركۈم قەلەمدار، ئەلەمدارلارنى ئەۋەتكەنلىكى؛ ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى دەپنە ئادەتلىرى بويىچە دەپنە قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
قۇمۇلنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىگە قىلىنغان يەنە پاكىتسىز بىلجىرلاش شۇكى، قۇمۇل تەۋەسىدىن بايقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاتالمىش خىتايچە خەت ئويۇلغان مەڭگۈتاش ئابىدىلىرى «خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي دىياردا خىتاي تىلى ۋە يېزىقىنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ» دەيدىغان قارا يۇمۇرنىڭ ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلىشىدۇر. خىتاي دائىرىلىرى يەنە بارىكۆل رايونىدىن چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرىگە ئائىت بولغان ھەربىي بازىنىڭ مۇكەممەل ئىزلىرىنىڭ بايقالغانلىقى ھەققىدىمۇ تۈرلۈك خەۋەر ۋە فىلىملارنى ئىشلەپ داۋراڭ سالماقتا.
2017-يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى» دېگەن سىياسىي تەشۋىقاتنى ئاتالمىش «ئارخېئولوگىيەلىك دەلىللەر» ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا كىرىشكەنلىكى بىزگە ناتونۇش ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەرياندا تارىم ۋادىسى ۋە تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، لوپنۇر، جېمىنەي، نىلقا، گۇچۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى خارابىلىك ۋە ئارخېئولوگىيەلىك ئىزلارنى خىتاي مەنبەلىك تارىخقا باغلاش ئارقىلىق، بۇ زېمىنلاردا ياشىغان يەرلىك خەلقلەر قۇرغان مۇستەقىل خانلىقلارنى ئىنكار قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان تارىخىي بېغىنى ئۈزۈۋېتىش ياكى ئىنكار قىلىشتەك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلگەن ئىدى.
ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارنىڭ تەۋەلىكىگە ھۆكۈم قىلغاندا، شۇ خىل تارىخىي يادىكارلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن ئامىللارغا ئاساسەن تەخمىن قىلىنىدۇ ياكى خۇلاسە چىقىرىلىدۇ. لاپچۇق قەدىمىي شەھىرىنى ئېلىپ ئېيتساق، شەھەرنىڭ تاڭ دەۋرىدە بىنا قىلىنغانلىقى كۆز قارىشى ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي چىنلىق ۋە ئىجتىمائىي-كۈلتۈرەل ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ئاساستا چىقىرىلغان يەكۈندۇر. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل كۆز قارىشى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئەكسىچە لاپچۇق قەدىمىي شەھىرى خىتاي يىلنامىلىرىدىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن خېلى بۇرۇنقى دەۋرلەردىلا قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرى پائالىيەت ئېلىپ بارغان زېمىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە «لاپچۇق» سۆزىمۇ خىتاي مەنبەلىك يەر-جاي نامى بولماستىن، بەلكى قەدىمكى تارىمدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىلىدىن كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانوۋ بۇ سۆزنىڭ ئەسلى شەكلى «ناپچۇق» ئىدى، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ئالمىشىش قانۇنىيىتى بويىچە خەلق تىلىدا «ن» تاۋۇشىنىڭ ئورنىغا «ل» تاۋۇشى ئالمىشىپ «لاپچۇق» بولۇپ ئۆزگەرگەن. بۇ مارالبېشىنىڭ قەدىمى نامى بولغان «بارچۇق» بىلەن بىر تۈردىكى يەرلىك توپونومىيەلىك ئاتالغۇدۇر. مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋان لۇغەت-تىت تۈرك» ناملىق قامۇس ئەسىرىدە قومۇل رايونىدىكى قەدىمىي يۇرتلاردىن «ئەلكە»، «ناپچۇق» قاتارلىق يۇرتلارنىڭ ئىسىملىرى ئۇچرايدۇ. تارىخىي خاتىرىلەر، تىلشۇناسلىق، توپونومىيە بىلىملىرى ۋە فولكلور ھادىسىلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن لاپچۇقنىڭ خىتاي تارىخچىلىرى ئېيتقىنىدەك، تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمدارلىرى بىنا قىلغان شەھەر ئەمەس ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىنكار قىلىشقا يېتەرلىك ئىلمىي پاكىت-ئىسپاتلار ھەم مەۋجۇت.
مەشھۇر ئارخېئولوگ ئاۋرېل ستەيىن (Aurel Stein) 1906-1908-يىللىرى قۇمۇل-تۇرپاندىكى ئېكسپېدىتسىيە سەپىرىدە ئاراتام ۋە لاپچۇقتىن ئۆتكەن ۋاقتىدا، ئۇ جايلاردىكى قەدىمكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ۋە مازارلىرىنىڭ ئىزلىرىنى بايقىغان ئىدى. ئاۋرېل ستەيىن يەنە فىرانسىيەلىك تىلشۇناس ۋە خىتايشۇناس پائۇل پېللىئوتنىڭ (Paul Pelliot) «لاپچۇق» نىڭ ئېتىمولوگىيەسى ئۈستىدە يېڭى كۆز قاراشلارنى يورۇقلۇققا چىقارغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالغان. پائۇل پېللىئوتنىڭ كۆرسىتىشىچە، لاپچۇق شەھىرىنىڭ خىتايچە ماتېرىياللاردا ناجى دەپ خاتىرىلەنگەن جاي ئىكەنلىكىگە قوشۇلغان، ئەمما بۇ شەھەرنىڭ «تاڭنامە» دە خاتىرىلەنگەن مىلادىيە 630-يىلى بىنا قىلىنغان تاڭ سۇلالىسىنىڭ تارماق ئايمىقى دېگەن قاراشقا نىسبەتەن تەنقىدىي پىكرىنى بىلدۈرگەن. پېللىئوت بۇ شەھەرنىڭ تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى 6-ئەسىردە لوپ رايونىغا جايلاشقان پىشامشان بەگلىكىدىن كۆچۈپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ قۇمۇلنىڭ غەربىي جەنۇبى تەۋەسىدە بەرپا قىلغان شەھەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ئىلگىرىلىگەن ھالدا «لاپچۇق» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىنى تەھلىل قىلىپ، «لاپ» سۆزىنىڭ پىشامشاننىڭ يەرلىك تىلدىكى ئاتىلىشى «لوپ» سۆزىدىن كەلگەنلىكى، ئاندىن تۈركىي تىلىدىكى «چۇق» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ «لاپچۇق» دېگەن يەر نامىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، بۇ سۆزنىڭ خىتايچە ئاھاڭ تەرجىمىسى دەل ناجى (Na-Chih) ئىكەنلىكىنى شەرھلىگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە يەنە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى، ھازىر تۇتقۇندىكى پىروفېسسور ئارسلان ئابدۇللامۇ قۇمۇلدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەركىبلىرى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىسىدە، «لاپچۇق» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. ئۇ بۇ سۆزىنىڭ «لوپلۇقلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق ئىزاھلىغان. لاپچۇق تەۋەسىدە «خۇ» سۆزى قوشۇلۇپ كېلىدىغان جەمەت ئىسىملىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئىكەن. «خۇ» سۆزى «خۇر» نىڭ فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا بۇ رايوندا خۇ ئىلياس، خۇ ئابدۇۋايىت قاتارلىق ئىسىملار مەۋجۇت ئىكەن. ئارسلان ئابدۇللانىڭ كۆز قارىشى پېللىئوتنىڭ قارىشىنى ياندىن قوللايدىغان بولۇپ، ئارسلان ئابدۇللا «خۇ» سۆزىنى لوپنۇر ۋادىسىدىن كۆچۈپ كەلگەن لوپلۇقلار قۇمۇل شېۋىسىگە ئەكىرگەنلىكىنى قىياسلاشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

خىتايلارنىڭ «لاپچۇق قەبرىستانلىقىدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى گەۋدىلەنگەن» دەپ داۋراڭ سېلىشىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ زېمىننىڭ خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. خىتاي تەزكىرە خادىملىرى تۈزگەن «قۇمۇل تەزكىرىسى» قاتارلىق كىتابلاردا، «لاپچۇق تەۋەسى خىتاينىڭ شەرقىي خەن، ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ‹ئېۋىرغول كاھىنبېگى›، ‹ئېۋىرغول ئەمىرلەشكەرلىرى› دېگەندەك ناملاردا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئورۇنلار ئىدى» دېيىلگەن. شۇنداقلا «لاپچۇق ئەينى ۋاقىتتا خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى جاي ئىدى» دېگەن سەپسەتە ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھالبۇكى، خىتاي تەزكىرە خادىملىرى يۇقىرىقىدەك ھەممە نەرسىنى خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە باغلايدىغان ھۆكۈملەرنى چىقارسىمۇ، ھېچقاچان ئىلىم ساھەسىنى قايىل قىلغۇدەك دەلىل-پاكىت ياكى يازما مەنبە كۆرسىتەلمىگەن.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان قۇمۇلدىن بايقالغان خىتايچە خەتلىك تاش ئابىدىلەرگە كەلسەك، ئىلگىرى تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن دائىم قارشىلىشىپ تۇرغان. بۇ جەرياندا خىتاي سۇلالىلىرى ئەسكەرلىرى قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا ئۇرۇش قوراللىرىنى ياساش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولغان ۋە جەڭ ئاخىرلاشقاندا تۆھپىلەرنى خاتىرىلەپ ئابىدىلەرنى ئويۇپ تىكلەپ قويغان. تاش ئابىدىلەر خىتايلار ئېيتقىنىدەك، بۇ جايلاردا خىتاي تىلىنىڭ ئومۇملاشقانلىقىغا قانداقمۇ ئىسپات بولالىسۇن؟ ! تاش ئابىدىلەرمۇ خىتاي دائىرىلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان باشقا يالغانلارغا ئوخشاشلا خىتايلارنىڭ قۇمۇل مەدەنىيەت ئابىدىلىرىگە «قارا» سۈرتۈشتىن ئىبارەت يامان غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە. ئەكسىچە قۇمۇل تەۋەسىدە 500 يىللىق تارىخقا ئىگە قۇمۇل كونا مەدرىس تاش ئابىدىسى، ئالتۇنلۇقتىكى چىنە گۈمبەزگە ئويۇلغان چاغاتاي تىلىدىكى تاش ئابىدە، تورپاق قوزغىلىڭى تاش ئابىدىسى، ھېيتكاھ مەسچىت تاش ئابىدىسى ۋە ئاراتام مىڭ ئۆيلىرىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تاش ئابىدە قاتارلىق تاش ئابىدىلەرمۇ مەۋجۇت. ئەلۋەتتە. بۇ ئابىدىلەرنىڭ ئۆزىلا ئەينى ۋاقىتتىكى تىل، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ۋەزىيەتتىن مەلۇمات بېرىشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي تىلىنىڭ بۇ رايوندا قوللىنىلمىغانلىقى، بەلكى ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ بۇ جايدىكى ئاساسلىق مەدەنىيەت ئامىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىدۇ.
تەيۋەنلىك تارىخچى ليۇ يۈتاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1970-يىللارنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر تەتقىقاتى» ناملىق نوپۇزلۇق ئەسىرىدە، قۇمۇلنىڭ ئەسلى نامى بولغان «ئېۋىرغول» سۆزىنىڭ «ئۇيغۇرغول» سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
ئۇنداقتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قۇمۇل رايونىدىكى قەدىمكى يۇرتلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى خىتاي مەنبەلىك تارىخقا باغلاشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ مەسىلىنى بىر جەھەتتىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى» بەرپا قىلىش ئۇرۇنۇشى بىلەن «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن خىتاي سەپسەتەسىنىڭ سەۋەبىدىن بولۇۋاتقان ئىلىم ساختىلىقى دېيىشكە بولىدۇ ئىلگىرى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا «بىز قەيەردىن كەلدۇق ۋە قەيەرگە بارماقچى؟ » دېگەن مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن باشقا شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە جايلاشقان رايونلارنىڭ تارىخىنىمۇ خىتاي مەنبەسىگە باغلاپ، ئەينى ۋاقىتتا پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەلتۆكۈس ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان.
يەنە بىر جەھەتتىن قۇمۇلنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە تارىختا قۇمۇل دىيارىدا يۈز بەرگەن خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ جاينىڭ تارىخىنى خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە باغلاپ ئىزاھلاشقا ئۇرۇنغان.
قۇمۇلنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىدىن ئالساق، 2017-يىلىدىن بۇيان قۇمۇل شەھىرىدىكى 800 گە يېقىن مەسچىتنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى ياكى قۇببە-مۇنارلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىدا ھېلىھەم يۈز بېرىۋاتقان خىتاينىڭ زور تۇتقۇنى جەريانىدا، دىنىي ئۆلىما ۋە زىيالىيلاردىن تۇتۇلغانلار ئەڭ كۆپ رايونلاردىن بىرى قۇمۇل رايونىدۇر. خىتاي دائىرىلىرى، 1930-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى پاي ئوقىنىڭ قۇمۇلدا ئېتىلغانلىقىنى، بۇ قېتىملىق مىللىي ئىنقىلابنىڭ پارتلىشىغا مىلىتارىست جىن شۇرېننىڭ قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق ئەسكەرلىرىنىڭ بىر ئوفىتسېرىنىڭ قۇمۇلنىڭ شوپۇل يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر قىزىنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغانلىقىدەك مىللىي ئار-نومۇسنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ھېچ قاچان ئۇنتۇپ قالمىغان. شۇڭىمۇ بۇ قېتىملىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جەريانىدا قومۇل رايونىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئەڭ قاتتىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان.
قۇمۇل دىيارى تارىختا قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شىمالىي يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە تىللار ئۆزئارا ئۇچراشقان ھەم ئۆتۈشكەن بىر رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كۆپلىگەن تارىخىي مەنبەلەردە قۇمۇل خەلقىنىڭ قەدىمكى ساك، ھون، تۈرك، توخرى، چومۇل ۋە قارلۇق قاتارلىق جەڭگىۋار مىللەت ۋە قەبىلىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە سىڭدۈرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر مەيلى قۇمۇل شېۋىسىدە بولسۇن، يەر-جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرى قاتارلىق ھەرقايسى تۈرلەردە بولسۇن گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.