قۇربانجان سەمەتنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابىغا باھا (1)
2015.09.30

1-«ئۇيغۇر» نامى ھەققىدىكى ئاساسسىز بايانلار
ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا تۇيۇقسىز سەھنىگە چىققان بىر ئۇيغۇر فوتوگراف خىتاي پايتەختى بېيجىڭدىن ھالقىپ چىقىپ چەتئەللەردە نۇتۇق سۆزلىمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتى ھەققىدە سۆزلەش ياكى پىكىر بايان قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بۇ «ئاخباراتلىق شەخس» نىڭ ئىسمى قۇربانجان سەمەت.
ئۇ ئۆتكەن يىلى «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابى بىلەن خىتايدا داڭق چىقارغان. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 4-نومۇرلۇق كاتتىۋېشى يۈ جېڭشېڭنىڭ ئالاھىدە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.
تۈنۈگۈن ئۇنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسى ئۈچۈن «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى» چىقارغان تونۇشتۇرۇش ئېلانىدا مۇنداق دېيىلگەن:
«قۇربانجان سەمەت، ئۇيغۇر. ئۇ بىر پروفېسسور، بىر فوتوگراف، بىر بوكسور ماھىرى، بىر نەپەر خوتەن قاشتېشى مۇتەخەسسىسى، بىر ناتىق، بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلارغا قارشى تەشۋىقاتچى… 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە نۇتۇق سۆزلىگەن. قۇربانجان تارىختىن بۇيان مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىگە نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنغان تۇنجى مۇستەقىل فوتوگراف.»
نۆۋەتتە قۇربانجان سەمەتنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابى كۆپ قىسىملىق ھۆججەتلىك تېلېۋىزىيە فىلىمى قىلىنىپ ئىشلەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا نەچچە مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغانلىقى مەلۇم.
قۇربانجاننىڭ بۇ يىل 5-ئايدا «جۇڭگو تورى» نىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن بايانلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇ كىتابى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئىنگلىز تىلىدىن باشقا يەنە ئەرەبچە، ياپونچە ۋە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن.
ئۇنداقتا، خىتاي كۆككە كۆتۈرۈۋاتقان، ھەتتا چەتئەللەرگە قەدەر تەشۋىق قىلىۋاتقان «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق بۇ كىتابتا نېمىلەر يېزىلغان؟ كىتابتا «مۇۋەپپەقىيەت قازاندى» دەپ تونۇشتۇرۇلغان 101 شەخس راستىنىلا ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟ خىتاينىڭ مەزكۇر كىتابنى ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى قۇربانجاننى شۇنچە داغدۇغا بىلەن تەشۋىق قىلىشىدىكى يوشۇرۇن سىياسىي غەرىزى زادى نېمە؟
مەزكۇر كىتابنى كۆرۈپ چىققان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ئەڭ ئالدى بىلەن قۇربانجان سەمەتنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن نامنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇرچىدىن ئەمەس، بەلكى خىتايچە ئاھاڭ تەرجىمىسىدىكى 维吾尔 دېگەن ئۈچ سۆزنىڭ مەنىسى بويىچە چۈشەنگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىدلىدى.
قۇربانجان سەمەت مەزكۇر كىتابىنىڭ 27-بېتىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «维吾尔، بۇ ئۈچ سۆز ‹سەن بىلەن مېنى باغلىماق، مۇناسىۋەت ئورناتماق› دېمەكتۇر. مېنىڭ تۇتۇق ئانام، يەنى رېژىسسور لى ۋېنجۈ بىلەن لى شياۋدۇڭ ماڭا ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ تارىخى ھەققىدە كۆپلىگەن ھېكايىلەرنى، ھەتتا ئىسلام دىنىغا دائىر ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى. مەن شۇ چاغدا ئۇلاردىن 维吾尔 دېگەن مىللەت نامىنىڭ ‹سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدىكى مۇناسىۋەتنى باغلايدىغان باغ› دېگەن مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم چۈشەندىم. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹5-ئىيۇل زوراۋانلىق ۋەقەسى› دىن كېيىن ئۇيغۇر تېمىسىدا فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدىم.»
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى قۇربانجان سەمەتنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىنى ئۇيغۇرچىدىكى مەنىسى بويىچە ئەمەس، بەلكى خىتايچىدىكى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە چۈشەنگەنلىكى «بىر بىچارىلىك» دەپ قارىدى.
دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ مىللەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مىللىي تارىخنىڭ مۇرەككەپ جەريانلىرىنى شەرھىلەشتە، شۇ مىللەتتىن كېلىپ چىققان تارىخچىلارنىڭلا سۆز قىلىشقا ئەڭ سالاھىيەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئاپپارات كۆتۈرگەن قۇربانجان سەمەتنىڭ خىتاي ئۇستازلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۇيغۇر نامى ۋە تارىخى ھەققىدە گەپ قىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
مەلۇمكى، «ئۇيغۇر» دېگەن نام ھەققىدە مەخمۇت قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرىدە، ئىران تارىخچىسى راشىدىددىننىڭ «جامىئىل تارىخ» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە، 17-ئەسىردىكى خىۋە خانى ئوبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئىي تۈرك» ناملىق كىتابىدا ۋە ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىلمىي ئېنىقلىمىلار بېرىلگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، قۇربانجان سەمەتنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى ئۆز تىلىدىكى مىللىي تارىخچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى بويىچە ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۇستازلىرىنىڭ تەلىمى بويىچە 1930-يىللاردا بېكىتىلگەن خىتايچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە چۈشىنىشى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى يەنە قۇربانجان سەمەتنىڭ ئۇيغۇر نامى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ خىتاي سىياسەتچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىدىن ھېچبىر پەرقى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.