قۇربانجان سەمەتنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابىغا باھا (2)

0:00 / 0:00

بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كىتاب

قۇربانجان سەمەت «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابى بىلەن خىتايدىكى مەشھۇر شەخسكە ئايلانغان، يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىپ بىرقانچە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا لېكسىيە سۆزلەۋاتقان بىر مەزگىلدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى جىددىي سوئالغا دۇچ كەلدى.

قۇربانجان سەمەت زادى كىم؟ خىتاي تاراتقۇلىرىدا تۇيۇقسىزلا «پارلىغان» ھەمدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ «سۆزچىسى» قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقان بۇ «چولپان» نەدىن پەيدا بولدى؟ ئۇنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابى قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرىغا چىقتى؟

بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئۇ مەزكۇر كىتابىنىڭ بىرىنچى بۆلىكى ھېسابلانغان «مېنىڭ بۇ 30 يىلىم» ناملىق ھايات ھېكايىسىدە بايان قىلىدۇ.

ئۇ كىتابىدا، ئۆزىنىڭ خوتەندە تۇغۇلۇپ ئېسىنى بىلگەندىن بۇيانقى ئەڭ يېقىن دوستىنىڭ بىر خىتاي ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە «2002-يىلى ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەيدىغان بىر جۈپ خەنزۇ ئەر-ئايال مېنىڭ تۇتۇق ئاتا-ئانام بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھاياتىمدا يېڭى پۇرسەتلەر تۇغۇلدى،» دەپ يازىدۇ.

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «يۈزمۇ يۈز» ناملىق مەخسۇس سەھىپىسى ئەينى چاغدا قۇربانجان سەمەت ھەققىدە مەخسۇس پروگرامما ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭدا قۇربانجاننىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابىنى 2014-يىلىدىكى كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن «ئەسەبىي كۈچلەرگە بولغان غەزەب-نەپرىتى» نەتىجىسىدە يېزىپ چىققانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ.

دېگەندەك، ئۇنىڭ كىتابى نەشر قىلىنىشى بىلەنلا بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 4-نومۇرلۇق رەھبىرى يۈ جېڭشىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، قۇربانجاننى قوبۇل قىلىدۇ.

مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشى تەرغىب قىلىنغان كىتاب

مەزكۇر كىتابتا قۇربانجان سەمەت ئۆزى بىلەن قوشۇپ 101 شەخسنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھايات ھېكايىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «مۇۋەپپەقىيەت» لىرى ھەققىدە سۆزلەيدۇ.

بۇلارنىڭ خېلى بىر قىسمى ئۇيغۇر، خىتاي ۋە باشقا مىللەت بىلەن تويلاشقان ئائىلىلەردىن تۇغۇلغان «شىنجاڭلىق» شالغۇت كىشىلەرنىڭ ھېكايىسى بولۇپ، ئۇلار ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشى ۋە بىر-بىرىگە سىڭىشىپ كېتىشىشىنىڭ «ئىلغار ئېقىم» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىدۇ.

ئۇ ھەتتا 2014-يىلى 26-مارتتا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» خىتايچە بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭغا تەنھا ھالدا بىرلا مىللەت ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، بۇ يەردە 13 مىللەت ياشايدۇ. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا ئەزەلدىن تام-توساق بولغان ئەمەس. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ ئېيتساق، تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدا، لوپنۇرلۇق ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللار ئوتتۇرىسىدا چىراي-شەكىل جەھەتتىن مەلۇم ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت. قەشقەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار چىراي-شەكىل جەھەتتىن ياۋروپا ئىرقىدىكى مىللەتلەرگە يېقىنلىشىدۇ.»

قۇربانجان سەمەت يەنە مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشى ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىنى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مىسالى بىلەن بازارغا سېلىشقا ئۇرۇنىدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزۈمنىڭ نەسەبىنى ئېلىپ ئېيتسام، ئاتا تەرەپ چوڭ ئانىمىز ئۆزبېكىستاندىن قەشقەرگە كۆچۈپ كەلگەنلەردىن ئىكەن. شۇڭا دادامدا ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك قېنى بار. ئانامدا بەلكىم موڭغۇل قېنى بار بولۇشى مۇمكىن.»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى قۇربانجان سەمەتنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدا بازارغا سېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «شالغۇتلاشتۇرۇش» سەپسەتەلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە قايتۇردى. ئۇلار، مىللىي تارىخ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسى ھەققىدە قىلچە چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغان بىر ئاتالمىش فوتوگرافنىڭ مىللەتكە ۋاكالىتەن سۆز قىلىش سالاھىيىتى يوق، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

قۇربانجان سەمەت خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «يۈزمۇ يۈز» پروگراممىسىدا ئۆز كىتابى ۋە تەشەببۇسلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى «مىللىي ساتقىن» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىي تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان كىتاب

كۆزەتكۈچىلەر، قۇربانجان سەمەتنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا بەرگەن بىر يۈرۈش بايانلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇپ كېتىشى ياكى بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىنى «ھەقىقىي ئىلغارلىق» دەپ تەشەببۇس قىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ كۈچلۈك رەددىيەسىگە دۇچ كەلدى.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، قۇربانجان سەمەتنىڭ سەپسەتەلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە قايتۇردى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تېببىي پەنلەر دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ قۇربانجان سەمەتنىڭ خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان بىر «قورچاق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.